لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-01-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەنگلىيە ئەمگەك پارتىيەسى قۇرغان «ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ ئۇيۇشتۇرغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 5-يانۋار، لوندون.
ئەنگلىيە ئەمگەك پارتىيەسى قۇرغان «ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ ئۇيۇشتۇرغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 5-يانۋار، لوندون.
RFA/Erkin Tarim

ئەنگلىيە ئەمگەك پارتىيەسى قۇرغان «ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچ سائەت ئالتىدىن يەتتىگىچە خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

ئۈچ ئايدىن بۇيان ھەر ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشنىڭ تۇنجى قېتىملىقىغا ئاز ساندا كىشى قاتناشقان. ئەمما بۇ قېتىمقىسىغا ئۇيغۇر، خىتاي، تىبەت ۋە ئىنگلىزلاردىن بولۇپ، 200 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان. ئۇلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، خىتاي جازا لاگېرلىرىنى تاقىسۇن، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن، شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.

بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رەھىمە مەخمۇت خانىم 1-ئاينىڭ 5-كۈنى لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ خىتايغا قارشى تۇنجى قېتىملىق نامايىشنىڭ 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 30 ئەتراپىدا كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن باشلانغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى نامايىشقا بولسا 200 ئەتراپىدا كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى.

5-يانۋار كۈنى لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا تۋىتتېردا 90 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بار ئەنگلىيەدىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇقى قوغدىغۇچىسى پەتەر تاتچېل ئەپەندىمۇ قاتناشقان ۋە خىتاينى ئەيىبلەپ سۆزلىگەن. رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ ھەقتە بىزگە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

مەزكۇر نامايىشتا كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى سۆزلىگەندىن سىرت رەھىمە مەخمۇت خانىممۇ سۆزلىگەن. ئۇ سۆزىدە ئەنگلىيە خەلقىنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، لوندوندا بۇرۇندىن تارتىپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى، بولۇپمۇ نامايىشلار ئىزچىل ھالدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنمەكتە. لېكىن ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ ئەنگلىيە پارلامېنتىدىمۇ بەزى پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئەنگلىيەنىڭ ئەمگەك پارتىيەسى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا «ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى» نامىدا تەشكىلات قۇرۇپ، ھەر ئاينىڭ 5-كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشنى قارارلاشتۇرغان ئىدى. ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى ئەنگلىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان پارتىيەلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئەنگلىيەنىڭ جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنىڭ بۇنىڭ بىر مىسالى بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئەنگلىيەدە تېز سۈرئەتتە تونۇلۇۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى تونۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 24-ئىيۇل ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋەزىيىتى ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى» غا قاتناشقان ئىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 24-ئىيۇل كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يىغىن خاتىمىسىدە «بارلىق پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋاز قوشۇشى» بىلەن «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت