لوس-ئانژېلىس شەھىرىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇمغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-09-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇلارنىڭ مىليونلاپ لاگېرغا قامىلىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن 21-ئەسىردە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بۇ زور پاجىئەگە قارىتا ھېسداشلىق ۋە ياردەم ئىنتىلىشلىرىمۇ كۆپلەپ ۋۇجۇدقا كېلىشكە باشلىدى. 8-سېنتەبىر كۈنى كالىفورنىيەدىكى لوس-ئانژېلىس شەھىرىدە «يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيانى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش: تۇتقۇنغا خاتىمە بېرەيلى!» تېمىسىدىكى ئاممىۋى نامايىش پائالىيىتى ئەنە شۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى، دېيىشكە بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى نامايىش لوس-ئانژېلىس شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قېتىملىق ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ۋۇجۇدقا چىققانلىقى ھەققىدە پىكىر قىلغان نۇرنىسا قۇربان خانىم ئۆز نۆۋىتىدە بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، لوس-ئانژېلىس شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ھەر ساھە كىشىلىرىگە جانلىق ئاڭلىتىش ئۈچۈن كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى قىلغان. بۇ قېتىمقى نامايىشمۇ ئەنە شۇنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تەشكىللەنگەن.

شۇنىڭدىن كېيىن لوس-ئانژېلىس شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئەن دۇربىن خانىمنىڭ ياردىمى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

«يەھۇدىي دۇنيانى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ھىمايىچىلىق ئىشلىرى دىرېكتورى، دوكتور ئەن دۇربىن خانىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر يازمىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنۇش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە خاتىمە بېرىشتە تېخىمۇ بەردەم بولۇشقا چاقىرىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە يازغان يېقىنقى بىر پارچە ئوبزورىدا 19-ئەسىردىكى گېرمانىيەلىك يەھۇدىي شائىر ھېنېرىخ ھېينى يازغان شېئىرلاردىن «قەيەردە كىتابلار كۆيدۈرۈلىدىكەن، شۇ يەردىكى ئىنسانلارمۇ خۇددى ئاشۇ تەقدىرگە دۇچ كېلىدۇ» دېگەن قۇرلارنى ئارىيە ئېلىش ئارقىلىق 1933-يىلى بېرلىندا كىتابلار كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى، ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن بولسا ‹يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى› باشلانغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالنىڭ تولىمۇ خەتەرلىك ۋە تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىملىق تەشكىللىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بېرى كۆپ دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىز دەسلەپ بۇنىڭ بىر قېتىملىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئانالىز دوكلاتىنى تەييارلاپ تور بېتىمىزدە ئېلان قىلغان ئىدۇق. گەرچە بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ نامى يەھۇدىي نامى بىلەن ئاتالسىمۇ بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زور كۆلەملىك زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىققا يېقىندىن مەسئۇل بولۇشنى تاللاپ كەلگەنمىز. بىز ھېچقانداق بىر ئىنسانلار تۈركۈمىنىڭ ئاشۇ خىل تۈركۈمگە مەنسۇپ بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا زۇلۇمغا ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىغا قارشى تۇرىمىز. چۈنكى تارىختىكى ‹يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى› دەۋرىدە بىز بىر پۈتۈن يەھۇدىيلار ھېچ ئىنسان بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەك ئۆچمەنلىك ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدۇق. ھازىر بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا يەھۇدىيلار ئۇچرىغان ‹ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى› شەكلىدىكى بىر مىللەتنى يوق قىلىۋېتىش ئۇسۇلى ئۇيغۇرلارغا تەتبىقلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى باشقا مىللەتلەر بولسۇن ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا، ھەرقانداق ئەھۋالدا شۇ مىللەت تۈركۈمىگە مەنسۇپ بولغانلىقى ئۈچۈنلا يوقىتىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالسا بىز بۇ ئىشقا ئارىلىشىمىز.»

بۇ خىلدىكى ئاممىۋى سورۇندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنى ئاۋام خەلققە بىلدۈرۈشتە قانداق رولى بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە سورىغىنىمىز دۇربىن خانىم بۇنىڭ دەل ئۆزلىرىنىڭ تەشكىلاتى يەتمەكچى بولغان نىشانلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«جەمئىيىتىمىز ئاۋامنى تەربىيەلەش، ھىمايىچىلىق (بۇنى ئادەتتە يەرلىك ھۆكۈمەتتىكى سايلانغان خادىملار داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ) ۋە ئەمىلى پائالىيەت دېگەندەك ئۈچ تۈرلۈك پرىنسىپ ئاساسىدا ئىش كۆرۈپ كېلىۋاتىدۇ. ھەرقانداق زور كۆلەملىك زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىققا مەنسۇپ ھادىسىلەر يۈز بېرىدىكەن، بىز ھەرقاچان بۇنىڭغا مۇناسىپ كەلگۈدەك ئىستراتېگىيەلەرنى تۈزۈپ چىقىۋاتىمىز. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاي تەۋەسىدە بۇنىڭغا قارشى مەزمۇندا بىرەر پائالىيەت قىلىش ئىمكانى مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا بىز بۇ قېتىمقى نامايىش پائالىيىتىنى تەشكىللەش ئارقىلىق ئالدى بىلەن ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان مۇشۇ جايدا ئاۋام خەلققە بۇ ھەقتە ئازراق بولسىمۇ مەلۇمات بېرىشنى ئويلاشتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ جايدىكى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك يەرلىك ئەمەلدارلارغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېمايىچىلىق تەشۋىقاتى قىلىپ، ئۇلارنى ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىمزا قويۇشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان قانۇن لايىھەلىرىگە ئىمزا قويۇشقا دەۋەت قىلىۋاتىمىز.»

نۇرنىسا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش تولىمۇ ھاياجانلىق ۋە يۇقىرى كەيپىياتتا داۋام قىلغان. مۇشۇ قېتىملىق نامايىشقا لوس ئانژېلىس شەھىرىنىڭ ئۆزىدىن ۋە يىراق-يېقىن جايلاردىن ماشىنىلىق ياكى ئايروپىلان ئارقىلىق ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ پىداكارلىقى ئۇيغۇرلاردىكى ئۆملۈك روھىنى يەنە بىر قېتىم جانلىق نامايەن قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھەرقايسى جايلاردىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر داۋاسىنى خەلقئاراغا بىلدۈرۈشتە ئاكتىپ پائالىيەتلەردە بولۇۋاتقان بولۇپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشىدىن زور پەرق قىلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت