ۋىسكانسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان تۈركىي تىللىرى يازلىق پروگراممىسىدا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىدىغانلار كۆپەيگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-07-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكىنىڭ ۋىسكانسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئېچىلغان ئورتا ئاسىيا تۈركىي تىللىرى يازلىق پروگراممىسىدا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتقان ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار
ئامېرىكىنىڭ ۋىسكانسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئېچىلغان ئورتا ئاسىيا تۈركىي تىللىرى يازلىق پروگراممىسىدا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتقان ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار
RFA/Qutlan


ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنياۋىيلىشىشى شۇنداقلا ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەر ۋە مەلۇماتلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىدىغان ئامېرىكىلىقلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ ۋىسكانسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدە تەسىس قىلىنغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي تىللىرى پروگراممىسى جەمئىي 5 يىللىق پروگرامما بولۇپ، بۇ 3-قېتىملىقى ئىكەن.


بۇ يىل مەزكۇر پروگرامما تەركىپىدە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە تىزىملاتقان ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار باشقا تۈركىي تىللىرىغا قارىغاندا كۆپ ساننى تەشكىل قىلغان.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر پروگراممىدا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقان ۋە ئۆزىگە «ئارسلان» دېگەن ئۇيغۇرچە ئىسىم قوللانغان ئامېرىكىلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ ئورېگون ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر تىلىنى داۋاملىق ئۆگىنىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىن كېلىپ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتقان ۋە ئۆزىگە «سەپەر» دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويغان يەنە بىر 14 ياشلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ ئۇيغۇر تىلىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار يۇرتىغا بارغانلىقىنى، ئۈرۇمچى، قەشقەر، تۇرپان، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغانلىقىنى شۇنداقلا كەلگۈسىدىمۇ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە بېرىش ئارزۇسى بارلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەل بىر تىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن مەزكۇر يازلىق پروگراممىدا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بېرىۋاتقان دوكتور قۇربان تۇران ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ۋىسكانسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان تۈركىي تىللىرى يازلىق پروگراممىسىدا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىدىغانلار كۆپەيگەن
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋىسكانسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەشكىللەنگەن 3 - قېتىملىق تۈركىي تىللىرى بويىچە يازلىق تىل ئۆگىنىش پروگراممىسى ئىكەن. بۇ يىل ئۇيغۇر، قازاق ۋە ئۆزبەك تىللىرىدا كۇرس تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يوقىرى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، ئەدەبىيات - سەنئىتى ۋە دىنىي ئادەتلىرىگىمۇ قىزىقىشى كۈچلۈككەن.

ئاخىرىدا بىز، ۋىسكانسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۈچ يىلدىن بۇيان ئورتا ئاسىيا تۇركىي تىللىرى بويىچە يازلىق تىل ئۆگىنىش پروگراممىسنى تەشكىللىگەن پروفېسسور ئۇلاي شامىل ئوغلىنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا، ھەر يىلى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە تىزىملىتىدىغان ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كەلگۈسىدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانماقچى بولغانلار، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ۋە ياكى ئاخبارات ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت