ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتورلىرى ئانا تىل ۋە ئىلىم-پەن مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلماقچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016-02-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«6-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ۋە «ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نى بىرگە ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ئېلان.
«6-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ۋە «ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نى بىرگە ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ئېلان.
RFA/Erkin Tarim

كېيىنكى يىللاردا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاممىسى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ساغلام تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇلاردىن بىرى مەركىزى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار جەمئىيىتى، يەنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئاكادېمىيە 2010-يىلىدىن بۇيان «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى»نى خاتىرىلەش نامىدا، 5 قېتىم ئۇيغۇر ئانا تىلى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەۋپ ئاستىدا قالغان ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش، خىتاينىڭ تىل سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئۇيغۇر تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىگە كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى بۇراش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى سەپەرۋەر قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىكلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلخەمىت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ پائالىيەت تۈرتكىسىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش دولقۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2010-يىلى 21-فېۋرال كۈنى «ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر ئانا تىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى» جانلىنىشقا باشلىغان.

بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان «6-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» بىلەن بىرگە «ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 1دىن 6گىچە ئىستانبۇل دېڭىز فەنەرى جەمئىيىتى (ئورنى: توپكاپى سېپىل بويى بىرۇنى ئۇنىۋېرسىتېتى ئارقىسىدا) يىغىن زالىدا بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلمەكچى.

بىز 6 يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان، ھازىر ئەنئەنىگە ئايلانغان «ئۇيغۇر ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» بىلەن «ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىكلەر جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى، ئۇيغۇر تىلشۇناس ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى ئامىنە بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەر يىلى ئۇيغۇر ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئۇيغۇر ئەدىب، پەن-تەتقىقاتچى ھەم مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئانا تىلنى قوغداش جەھەتتە ئوينىغان ئاساسلىق رولى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى:
بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستېمال دائىرىسى كۈندىن كۈنگە تارايتىلغان بولۇپ ھازىر ئىنتايىن خەۋپ ئاستىدا قالماقتا. ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر مائارىپىدىن سىقىپ چىقىرىلماقتا. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ خىل ۋەزىيەتنى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرۈپ ئۇيغۇرلارنى بۇ تىل يولىدا جان بېرىپ قوغداشقا سەپەرۋەر قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئىككىنچىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ئاجىز ۋە ئاتالمىش ئېغىز تىلى ئىكەنلىكى باھانە قىلىنىپ كېرەكسىز بىر تىل سۈپىتىدە كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، تونۇلغان تۈركولوگلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت پۈتۈن تۈرك قوۋملىرىنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قەدىمدىن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان نادىر ئەسەرلەرنى ئۆرنەك سۈپىتىدە كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھەتلىك، ئىپادىلەش كۈچىگە باي تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتا ۋە ئىلىم-پەندە ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقى، سۆزدە ۋە ئىپادىلەشتە كەمبەغەل دېيىلىپ، نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن تىلى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر تىلىنى مەڭگۈلۈك يوق قىلىش مەقسەت قىلىنىپ ھەرىكەت قىلىنماقتا. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ يەتتە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بارغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، ئۇيغۇر ئەدىب، پەن-تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەرگە ئائىت ھەرخىل تېمىلاردا بەرگەن ئىلمىي دوكلاتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن تىلى بولالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە.

گەرچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرى ناھايىئىتى ئاددىي ۋە كىچىك ھەرىكەتلەردەك تۇيۇلغان بىلەن، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىر ئىلمىي خىزمەت ئۇيغۇرنىڭ مۇقەددەس روھىدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا بەرگەن روھى ئوزۇقى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىگە بېرىپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس مىللىي مەۋجۇتلۇق ئۈمىدىدۇر.

ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مانا مۇشۇنداق بىر كۈندە ئۇيغۇرلارنى قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىپ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر تىلشۇناس ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدە «ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» چاقىرىپ ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان مەزكۇر يىغىندا ئۆزىنىڭ «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئانا تىل» تېمىسىدا دوكلات بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئامىنە خانىم، ئۆزىنىڭ بۇ يىغىنغا 4 قېتىم قاتناشقانلىقىنى، ئۈنۈمىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

6-قېتىملىق «ئۇيغۇر ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئاساسەن ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىپ، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلىرىدە، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەرنىڭ ھەر ساھەسىدە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىدىكەن، ئەمما باشقا دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قاتناشسىمۇ بولىدىكەن. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۆتكەن قېتىمقىلىرىغا ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە تۇرۇشلۇق بىر قىسىم تونۇلغان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىمۇ قاتناشقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت