خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنىدە ئانا تىل سۆھبىتى (3)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015-06-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» دىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 15-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» دىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 15-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
RFA/Gülchéhre

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپ سىياسىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ بلوگىدا ۋە تور بەتلەردە نۇرغۇن ئوبزور ھەم ماقالىلەرنى يازغان ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر تىلى كۈنىدە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئالدى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر ئانا تىلى كۈنىدە مۇنداق بىر سۆھبەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك دەپ كۆرسەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ ئۇنىڭ ئۇيغۇر مائارىپى، ئۇيغۇر تىلىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىگىمۇ تەھدىت سېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئېچىپ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان بۇ مەخسۇس سۆھبەت يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» دىن ئىبارەت بىر بايرامنى بەلگىلەش، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا تارىخنىڭ، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى دەپ چۈشەندۈرگەن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، «بۇ بايرام خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ خىرىسىغا بىۋاسىتە ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، چەتئەللەردە يات مەدەنىيەتلەرگە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ، ئوخشاشلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە بۇ بايرام ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش، ساقلاش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى، بۇ بايرامنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ كېڭىيىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئورتاق قۇتلۇقلايدىغان بىر سىمۋوللۇق ئەھمىيەتلىك بايرامغا ئايلىنالايدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى بايرامنى كېڭەيتىشى زۆرۈرلۈكىنى، خىتايغا بىر قارشىلىق ئىدىيىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىلىنى قەدىرلەش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىشقا، بىلمىگەنلەرگە، ئەۋلادلارغا بىلدۈرۈشكە چاقىردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە «خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى ئىلگىرىكى يېزىق ئۆزگەرتىش سىياسەتلىرىدە بولسۇن ياكى يېقىنقى 20 يىلدا كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان قوش تىل مائارىپ سىياسىتىدە بولسۇن، ئىزچىل ئۇيغۇر تىلىنى ئىستېمالدىن قالدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بىرلا مەقسەتنى كۆزلەپ كەلمەكتە، مۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بىز ئۇيغۇرلار ئانا تىلىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ساپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىش، ئائىلىلەردە ئەۋلادلىرىغا ئۇيغۇر تىلىنى ساپ ھەم توغرا يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىمىز بار» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت