«مەمتىلى تەۋپىق فوندى» تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاسپىرانتلارغا ياردەم پۇلى بېرىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015-08-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان
RFA/Erkin Tarim


ۋەتەن ۋە مىللەتكە ياراملىق ياشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېتىشىپ، ئۇيغۇر پەن - تەتقىقاتچى ۋە ئاكادېمىكلەرنىڭ سېپىگە قېتىلىشى ئۈچۈن، تۈركىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى چەتئەلدىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن 2014 - يىلىدىن باشلاپ «مەمتىلى تەۋپىق فوندى» ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تەسىس قىلغان ئىدى.

مەزكۇر فوندى ئۆتكەن يىلى ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان، ئەمما ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېھتىياجلىق بولغان 4 ماگىستىر ۋە 2 دوكتۇر ئوقۇغۇچىسىغا بىر يىللىق ئوقۇش ياردەم پۇلى بەردى. بۇ ئوقۇش ياردەم پۇلى، دەرستە ئەلا، ئەمما ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى بولمىغان ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن،2015 - ، 2016 - ئوقۇش يىلى ئۈچۈنمۇ «مەمتىلى تەۋپىق فوندى» ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلىنى بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخانلىنىڭ ئېيتىشىچە ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىشنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرى تۆۋەندىكىدەك ئىكەن.

1 - بۇ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا پەقەت تۈركىيەدە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارلا ئىلتىماس قىلالايدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ياش چەكلىمىسى قويۇلمايدۇ.

2 - 2015 - ، 2016 - ئوقۇش يىلى ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس شەرتلىرى مۇۋاپىق بولغانلار 2015 - يىلى سېنتەبىردىن 2016 - يىلى ئىيۇنغىچە جەمئىي 10 ئاي ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدۇ. ئۇقۇش ياردەم پۇلى ھەر ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە ئوقۇغۇچىنىڭ بانكا ھېسابىغا ياتقۇزۇلىدۇ.

3 - ھەر ئايلىق ئوقۇش ياردەم پۇلى سوممىسى دوكتور ئاسپىرانتى ئۈچۈن 450 تۈرك لىراسى، ماگىستىر ئاسپىرانتى ئۈچۈن 350 تۈرك لىراسىدۇر.

4 - ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلغۇچى ئوقۇغۇچىلار چوقۇم تۈركىيەنىڭ ھەرقانداق بىر ئالىي مەكتىپىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان بولۇشى ۋە باشقا ھەرقانداق دۆلەت ئورگانلىرىدىن ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالمىغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

5 - ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرىگە ئۆزلۈكىدىن ئاكتىپ قاتنىشىشى، پەقەتلا مەكتەپتىكى دەرسلەردىلا ئەلا نەتىجە قازىنىشنى نىشان قىلىپلا قالماي، بەلكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگىلىك ئىش ۋە ھەرىكەتلەردە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

يۇقىرىقى شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر 6 - سېنتەبىر كۈنىگىچە ئېلخەت ئارقىلىق ئاكادېمىيەسىگە بىۋاسىتە ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك.

2015 - ، 2016 - ئوقۇش يىلى «مەمتىلى تەۋپىق فوندى» ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالغان ئوقۇغۇچىلار كېيىنكى يىلى ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئاساسەن قايتا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ئىلتىماس قوبۇل قىلىش ئاخىرقى ۋاقتى 2015 - يىلى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت