ئالماتادىكى ئۇيغۇر مەكتىپىدە بىلىم فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015-12-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

19-ۋە 20-دېكابىر ئالماتانىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىگە جايلاشقا پروفېسسور مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-ئوتتۇرا مەكتەپتە بىلىم فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ ھەقتە توختالغان فېستىۋال تەشكىللىگۈچىلىرى فېستىۋالىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، كەلگۈسىدىمۇ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ «قازاقىستان يېڭى ئالەمشۇمۇل ئەمەلىي شارائىتتا: ئۆسۈش، ئىسلاھاتلار، تەرەققىيات» ناملىق مەكتۇپىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن ھالدا، قازاق خانلىقىنىڭ 550، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبىلېيىسىنىڭ ( مىللىي كېڭىشى) 20، كۆرنەكلىك ئالىم مۇرات ھەمرايېفنىڭ 80 يىللىقىغا بېغىشلانغان «تېرىكىمىز - مۇستەقىللىق، تىلىكىمىز - مۇقىملىق، بىلىكىمىز - بىرلىك» ناملىق مەزكۇر فېستىۋال ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قوللاش فوندى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ رەئىسى، رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى، دوكتور، پروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېف ۋە ئۇنىڭ ئورۇنباسارى تونۇلغان ئۇستاز مۇزەپپەر زايىتوفلارنىڭ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئۆتتى. قائىدە بويىچە ئوقۇغۇچىلاردىن بەش تۈر بويىچە، يەنى ئۇيغۇر تىلى، شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ بىلىم مىنىستىرلىقى تەستىقلىغان بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھان تىزىمىغا كىرگۈزۈلگەن قازاق تىلى، قازاقىستان تارىخى، بىئولوگىيە ۋە ماتېماتىكا قاتارلىق پەنلەردىن ئىمتىھان ئېلىنغان بولسا، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى، قازاق تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئوخشاش پەنلەردىن ئىنشا ئېلىندى. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە ئۇلار شېئىرنى ئىپادىلىك ئوقۇش، ئۆزى ئىجاد قىلىپ يازغان شېئىرلار، تەسۋىرىي سەنئەت بويىچىمۇ ئۆز بىلىملىرىنى سىنىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فېستىۋالنىڭ قازىلار كومىسسىيىسىنىڭ رەئىسى، «ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر رېداكسىيەسىنىڭ باشلىقى مالىك مەھەمدىنوف مەزكۇر پائالىيەت ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «فېستىۋالنىڭ يەكۈنى 20-دېكابىر كۈنى زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدىكى بىلال نازىم نامىدىكى كافېدا چىقىرىلدى. بۇ دەرگاھقا خەلقىمىزگە ۋاكالىتەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى. شۇ جۈملىدىن، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى، ئالماتا شەھەرلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى، خانىم-قىزلار كېڭەشلىرى، ‹ئىنايەت› بىرلەشمىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇكاپاتلىرىنى، سوغىلىرىنى بالىلارغا تاپشۇردى. زېھىن سىناشنىڭ باش مۇكاپاتى 99 نومۇر توپلىغان، مەزكۇر مەكتەپنىڭ 10-سىنىپ ئوقۇغۇچىسىغا بېرىلدى. باشقا ناملار بويىچىمۇ خۇددى شۇنداق مۇكاپاتلار، مېداللار، پەخرىي يارلىقلار، سوغىلار بېرىلدى. فېستىۋال ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يەتتى دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. چۈنكى ئالىمجان تىلىۋالدى رەھبەرلىكىدىكى مەزكۇر فوندنىڭ ئەزالىرى مۇنداق فېستىۋالنى ئۆتكۈزۈشتە مەلۇم بىر تەجرىبىگە ئىگە. شۇڭلاشقا مەزكۇر فېستىۋالنى ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يەتتى، دېيىشكە بولىدۇ. مۇنداق پائالىيەتلەر مىللىي مەكتەپلىرىمىزدە بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتكە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرسا، ئىككىنچىدىن، فېستىۋال، ئەلۋەتتە، بالىلىرىمىزنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرۇشتا، ئۇلارنىڭ كېلەچەكتە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشىغا چوڭ زېمىن يارىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى بالىلار ئۇ فېستىۋالغا ئەتراپلىق تەييارلىنىدۇ، ئويغىنىدۇ، قىزىقىدۇ. ئەنە شۇ بەش پەندىن قەدىمىدەك مۇكەممەل تەييارلىنىپ كېلىدۇ. شۇڭا مۇنداق فېستىۋاللارنىڭ ئەھمىيىتى خېلى يۇقىرى، دەپ باھالاشقا بولىدۇ.»

دىققەتكە سازاۋەر نەرسە شۇكى، قازاقىستاندا مىللىي مائارىپنى ئۈزلۈكسىز تەرغىب قىلىپ كېلىۋاتقان جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قوللاش فوندىدۇر. ئۇ ئالماتا شەھىرىدىن تاشقىرى ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيەلەردىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەردىمۇ ھەر خىل ماۋزۇلارغا بېغىشلانغان پائالىيەتلەرنى، جۈملىدىن شېئىرىيەت كېچىلىكلىرىنى، بىلىم دەرىجىسىنى كۆتۈرۈشكە قارىتىلغان مۇسابىقىلەرنى، فېستىۋاللارنى، ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شۇ فوند رەئىسى، رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى ئالىمجان ھەمرايېف مۇنداق فېستىۋاللارنىڭ مەقسىتى ھەققىدە شۇنى دېدى: «بىز نۇرغۇنلىغان بىلىم فېستىۋاللىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. بۇنىڭغا ئون يىل بولدى. ئاساسىي مەقسىتىمىز ئۇيغۇر مائارىپىنى ساقلاپ قېلىش. قازاقىستاندا ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ھۈلى بار. شۇ مائارىپنى ساقلاپ قالمايدىغان بولساق بىز چوڭ، ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچار بولىمىز. بۇ قېتىمقى فېستىۋالىمىزغا يۈزدىن ئارتۇق بالا قاتناشتى. ئالماتادا ئىككى ئۇيغۇر مەكتىپىمىز ئالدىدا كېلىۋاتىدۇ، يەنە بىر مەكتەپنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە بۇ قېتىم زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ قېتىمقى فېستىۋالىمىز بۇرۇنقىغا سەل ئوخشىمايدۇ، چۈنكى بۇ قېتىمقىسى زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىنىڭ 150-مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارىسىدىلا ئۆتكۈزۈلدى. ئەندىكىسىنى ئالماتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئارىسىدا، ناھىيەلەردىمۇ ئۆتكۈزىمىز، پانفىلوف، ئەمگەكچىقازاق ناھىيەلىرىگىمۇ چىقىمىز. بۇ قېتىمدا 10-سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بىرىنچى ئورۇننى يېڭىۋالدى. بىزنىڭ ئۇ بالىغا ئىشەنچىمىز يۇقىرى. ئۇنىڭ ئوقۇشقا چۈشىدىغىنىغا ئىشەنچىمىز كامىل. ئوقۇشقا چۈشكىچە ئۇ تېخىمۇ قىزىقىپ، ئالغا مېڭىپ، ئالىي ئوقۇشلارغا تەييارلىق قىلىدۇ ھەم بىز ئۇنى كۆزىتىپ تۇرىمىز. بىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىمىز بالىلارنى ئوقۇشقا تەييارلاش.»

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر قازاقىستاندا ئاتمىشتىن ئوشۇق ساپ ئۇيغۇر تىللىق ۋە ئارىلاش تىللىق مەكتەپلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلاردا 13 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بالىلىرى بىلىم ئالىدۇ. ھازىر ئۇلارنىڭ قىسقىرىپ كېتىش خەۋپى بولغانلىقتىن ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرى، زىيالىيلار، يىگىت باشلىرى، يۇرت ئاكتىپلىرى ۋە جامائەتچىلىك بۇنىڭغا يول قويماسلىق مەقسىتىدە بار مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىشقا تىرىشماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت