قازاقىستاندىكى «ئىنايەت» بىرلەشمىسى مىللىي مائارىپقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013-12-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قازاقىستان زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدىكى مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-مەكتەپنىڭ ياش سەنئەتكارلىرى. 2013-يىلى 25-ماي.
قازاقىستان زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدىكى مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-مەكتەپنىڭ ياش سەنئەتكارلىرى. 2013-يىلى 25-ماي.
RFA/Oyghan

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلىرى مىللىي مەدەنىيەتنى، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشتا، مىللەتلەر ئارا دوستلۇق ۋە رازىمەنلىكنى مۇستەھكەملەشتە ئالاھىدە پائالىيەتچانلىق كۆرسەتمەكتە.

شۇلارنىڭ بىرى «ئىنايەت» بىرلەشمىسى بۇنىڭدىن بىر يېرىم يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر ئۇ ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىش، مىللىي مەكتەپلەرنى ھاجەتلىك ئوقۇش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەش، ياشلارنى چەتئەللەردە ئوقۇتۇش ۋە ئىش بىلەن تەمىنلەش، ناكا بالىلارغا مەنىۋى ۋە ماددىي ياردەم كۆرسىتىش، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە تەنتەربىيە مەركەزلىرىنى ئېچىش ۋە باشقىمۇ ئىشلاردا ئاكتىپلىق كۆرسەتمەكتە.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئىنايەت» بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى تۇرغانجان روزاخۇنوف بىر يىلدا قىلىنغان ئىشلار ھەققىدە توختالدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت