قوش تىل مائارىپ سىياسىتى ياساۋاتقان ئۆزگىرىشلەر (3)

«بىر مىللەتنىڭ خاسلىقى دېگەندە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تىل-يېزىقى نەزەردە تۇتۇلىدۇ. تىل-يېزىق غوللۇق بىر مەدەنىيەت ئامىلى».
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013-01-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قوش تىللىق مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوسكىغا چىقىپ خەت يېزىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر، خوتەن.
قوش تىللىق مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوسكىغا چىقىپ خەت يېزىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر، خوتەن.
AFP

دۇنيادىكى تىللار ئىچىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئومۇمىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھۈل ئاساسىدۇر، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىل مائارىپ سىياسىتى، تىل-يېزىق سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى شۇنداقلا خىتاي تىل-يېزىق قانۇنىدىن باشقا، خەلقئارالىق قانۇن ۋە ئەھدىنامىلەردە بەلگىلەنگەن مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق ھەق-ھوقۇقلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم مەسىلە، شۇنداقلا بۇ مەسىلە ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ھەر ساھەلىرىگىچە تاقالدى. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساھىبى بولغان ئۇيغۇرلاردا تىل ۋە يېزىقنى قوغداش مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا تاقىلىدىغان چوڭ ئىش دەپ كۆڭۈل بولىدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى.

ئۆزىنىڭ تىل-يېزىقى شۇنداقلا مىللىي مائارىپىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ جىددىي مەسىلىنىڭ بىرى. نۆۋەتتە مەيلى ئۇيغۇر ئېلى ۋە ياكى چەتئەللەردە بولسۇن، ئۇيغۇرلار بىردەك تىل-يېزىقى ۋە مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكىگە دائىر قانۇنىي ماددىلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى ئۈستىدە ئويلانماقتا.

مۇخبىرىمىز تەييارلىغان «قوش تىل مائارىپى ياساۋاتقان ئۆزگىرىشلەر» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پروگراممىنىڭ 3-بۆلۈمىدە بىز، چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىي ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ ئانا تىل چاقىرىقىغا ئائىت ئاۋاز خاتىرىلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتمەكچىمىز:

ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور ئەركىن سىدىق:
«ھازىرقى ھەقىقەت شۇكى، ئۇيغۇرلار ئەڭ قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقان ۋە ھۆكۈمەتتىن نارازى بولۇۋاتقان نەرسە دەل قوش تىل مائارىپ سىياسىتى، بۇنى ھەممە ئادەم ئويلاۋاتىدۇ ھەمدە قولىدىن كېلىشىچە ئىش قىلىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن.»

نورۋېگىيىدىكى پېشقەدەم مائارىپچى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن پاتىمە خانىم:
«شىنجاڭ سىنىپى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قوللىنىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىدىكى يەنە بىر نۇقتىلىق شۇنداقلا بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقان تەدبىرىدىن بىرى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان جىنايەت.»

خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتىنىڭ تىل ۋە تەرجىمە ھەق-ھوقۇقى بۆلۈم مەسئۇلى قەيسەر ئۆزھۇن:
«بىز تىلىمىزنى قوغداش، ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىمىز ئۈچۈن كۈرىشىشىمىز كېرەك! بۈگۈنكى كۈندە ھەممىدىن مۇھىمى قانۇنىي يول بىلەن كۈرىشىش كېرەك.»

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي قۇتلۇق ئالماس:
«بىر مىللەت مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن، ئۇنىڭ مىللىي كىملىكىنى باشقا كۈچ يوقىتالمايدۇ.»

ئامېرىكىدىكى پائالىيەتچى، مائارىپچى ئېلشات ھەسەن:
«خىتاي نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە ئوخشاش قانۇنغا خىلاپ سىياسەتلەرنى پۈتۈنلەي توختىتىشى كېرەك، ئىلگىرىكى جىنايەتلىرى ئۈچۈن خىتاي ئۇيغۇرلاردىن، باشقا ئازسانلىق مىللەتلەردىن ئەپۇ سورىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ پىكرى بويىچە يېڭى سىياسەت بەلگىلىشى، زىياننى تولدۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك تەدبىر ئېلىشى كېرەك.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى:
«ئۇيغۇرلار ئانا تىلى ۋە مائارىپىنى قوغداپ قالىمەن دەيدىكەن، پىداكارلىق كۆرسىتىشكە تەييار بولۇشى كېرەك، قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا بېسىمغا ئۇچرىشى، بەدەل تۆلىشى ھەتتا شېھىت بولۇشىمۇ مۇمكىن.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرۈك:
«بۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەڭ ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە بۇ ئۇيغۇر داۋاسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىنىڭ بىرى. بۇ داۋاغا ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار بىردەك ئاۋاز قوشۇپ تاكى مۇستەقىللىققىچە داۋام قىلدۇرۇشى كېرەك.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت