خىتاينىڭ 2016-يىلىدىكى «قوش تىللىق مائارىپ» غا دائىر سىياسەت تەدبىرلىرىگە نەزەر

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016-12-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر رايونىدىكى مەلۇم بىر «قوش تىللىق» يەسلىدە خىتاي دۆلەت بايرىقى بىلەن خىتاي دۆلەت گېربىنى خىتايچە توغرا تەلەپپۇز قىلىشقا زورلانغان 3-4 ياشلىق ئۇيغۇر بالا.
ئۇيغۇر رايونىدىكى مەلۇم بىر «قوش تىللىق» يەسلىدە خىتاي دۆلەت بايرىقى بىلەن خىتاي دۆلەت گېربىنى خىتايچە توغرا تەلەپپۇز قىلىشقا زورلانغان 3-4 ياشلىق ئۇيغۇر بالا.
Social Media

بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقىنىغا 16 يىل بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» ئىستراتېگىيەسى نۆۋەتتە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزى تارقاتقان ئۇچۇرلار بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپى سىياسىتى سالمىقىنى ئالدىمىزدا يەنىمۇ كۈچلەندۈرىدىغانلىقىدىن شۇنداقلا نىشانىنىڭ مەركەزلىك ھالدا يەسلى مائارىپىغا قارىتىلىدىغانلىقىدىن شەپە بەرمەكتە.

نۆۋەتتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلى، بىر يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسەت ۋە تەدبىرى ھەمدە ئۇنىڭ تەسىرلىرى ھەققىدە، رادىيومىزدا بېرىلگەن بىر قىسىم ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلاردىكى مۇھىم نۇقتىلارنى قىسقىچە ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2000-يىلىدىن باشلاپ «قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى» نى ئۇيغۇرلارغا سىستېمىلىق ھالدا يولغا قويۇشقا باشلىغان ئىدى. ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارايدىغان بولسا، نۆۋەتتە بۇ ئىستراتېگىيە بويىچە سەبىيلەرگە دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىدىغان باغچە مائارىپىدىن باشلاپ قوش تىللاشتۇرۇلدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەسلىلەردىن باشلاپ يولغا قويۇۋاتقان بۇ ئاتالمىش قوش تىل مائارىپى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ھالدا پەقەت خىتاي تىلىنىلا ئۆگىنىش، ئانا تىلىدىن ۋاز كېچىش ھالىتىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1-مايدا خەۋەر قىلىشىچە، 28-ئاپرېل ئاپتونوم رايوننىڭ «قوش تىل» مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان. يىغىندا «13-بەش يىل» مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بىر قاتار ھۆججەت ۋە تەدبىرلەر ئارقىلىق «قوش تىل» مائارىپىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىق ئىرادىسىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن ئىدى.

دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 8-دېكابىر، رايوندىكى «قوش تىللىق مائارىپ» ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» تەربىيەسى ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى، يەسلىلەردىكى «قوش تىللىق تەربىيە» نىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنىڭ 90% كە يېقىنلاشقانلىقىنى، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ قاپلاش نىسبىتىنىڭ 70% كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

قوش تىل يەسلىلىرى كۆپەيتىلدى، ئوقۇش ۋاقتى ئۇزارتىلدى

2016-يىلدىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىغا دائىر خەۋەرلەردىن مەلۇمكى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش ھەققىدە يەنىمۇ جىددىي تەدبىرلەرنى ئالغان، بۇلاردىن نىشاننىڭ يەنىلا يەسلى مائارىپىغا بەكرەك قارىتىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، تارىم ۋادىسىدىكى ھەرقايسى جايلاردا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى «قوش تىللىق يەسلى» لەر جىددىي ئېشىپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، ھازىر بۇ خىلدىكى يەسلىلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ سانى 350 مىڭدىن ئاشقانلىقى مەلۇم. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ يىل رايوندىكى بالىلار باغچىلىرىنىڭ 2 يىللىق قوش تىل تەييارلىق مائارىپىغا 949 مىليون سوم پۇل ئاجراتقان.

2014-يىلىدىن باشلاپ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن بالىلارنىڭ قوش تىل يەسلىلىرىدە ئىككى يىللىق مۇنتىزىم خىتاي تىلىدا تەربىيىلىنىشىنى شەرت قىلىپ بېكىتكەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر رايونىدا قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلارنى خىتاي تىلىدا تەربىيىلەش ۋاقتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتقانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ ھەقتە خىتاينىڭ «جۇڭگو مائارىپى تورى» نىڭ 6-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستىدا 6-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان «ئوبلاست تەۋەسىدە 3 يىللىق قوش تىللىق يەسلىنى ھەقسىزلەشتۈرۈش پىلانى» سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، 2016-يىل 12-ئاينىڭ 6-كۈنىگە قەدەر كورلادا ئوبلاست بويىچە 142 ئورۇندا «قوش تىللىق يەسلى» قۇرۇلۇپ، يەسلىلەردىكى بالىلار سانىنىڭ 3963 نەپەرگە يەتكەنلىكى، ھازىرغىچە 330 نەپەر قوش تىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچىسى تەربىيىلەنگەنلىكى، 2017-يىللىق پىلاندا پۈتۈن ئوبلاست بويىچە 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان گۆدەكلەردىن 11 مىڭ 678 بالىنى 3 يىللىق قوش تىللىق يەسلىلەردە ھەقسىز ئوقۇتۇش ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەردە، بۇ يىل 549 مىڭ 600 يەرلىك مىللەت ئۆسمۈرىنىڭ بالىلار باغچىلىرىنىڭ قوش تىللىق تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قوش تىل مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە نازارەتچىلىك ۋە مەبلەغ كۈچەيتىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 15‏-ئاۋغۇست سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا ئاز كەم 3000 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى تەلىم تەربىيە ۋە نازارەتچىلىككە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى تەرەققىياتى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشقا ئەڭ كۆپ ئوقۇتقۇچى چىقىرىشىدۇر.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 2939 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى ئىچكىرىدىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» نى يېتەكلەشكە ئەۋەتىش پىلانى ئىككى يىللىق «ياردەم بېرىش پروگراممىسى»نىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» چۈشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەم قىلىش ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، 15‏-ئاۋغۇست چاقىرىلغان سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئوقۇغۇچىلارنى ئىتتىپاقلىقنى ئالغا سۈرۈشكە يېتەكلەش، «دىنىي ئەسەبىيلىك»، «بۆلگۈنچىلىك»كە قارشى كۈرەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

دائىرىلەر بۇ يىل يەنە ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتكەن ئىدى. شىنخۇا تورىنىڭ 2016-يىلى 20-ماي ئېچىلغان جەمئىيەتتىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ (ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا دائىر خەۋىرىدە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 11 مىڭ 853 ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە قوش تىل باغچىلىرىغا ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى 3551ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى «قوش تىللىق» يەسلى، باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلمۇ داۋاملىق تۈردە «قوش تىل» مائارىپىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكى» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»نىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە جىددىي تۇتۇپ ئىشلىمەكتە. ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى پىڭشىن يېقىندا ئاقسۇدىكى زىيارىتى داۋامىدا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن «قوش تىل مائارىپى» نى كۈچلەندۈرۈش كېرەك، ياش ئەۋلادلارنى كىچىكىدىن تارتىپ سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشى بىلەن چوڭ قىلىش كېرەك دېگەن ئىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا «قوش تىللىق» يەسلى مائارىپىنى داۋاملىق تۈردە كېڭەيتىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايوندا مەخسۇس رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان. دائىرىلەر 14-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە جىددىي يىغىن چاقىرىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «قوش تىللىق» يەسلى مائارىپىنى يېنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن 3000 نەپەر كادىر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ قېتىملىق مائارىپ ساھەسى بويىچە جەنۇبقا كادىر ئەۋەتىش ئىشى دائىرىلەرنىڭ 2014-يىلىنىڭ ماي ئايلىرىدىن باشلاپ ئاتالمىش «مۇقىملىق خىزمىتى» بويىچە 200 مىڭ كادىرنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش دولقۇنىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق زور ھەرىكەت ھېسابلىنىدىكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يېقىندا «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يېزىلىرىدا ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى» چاقىرىپ، يېزىلاردا «قوش تىل» يەسلىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «قوش تىل يەسلىسى» قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ئاكتىپ بولمىغان ياكى پىكىر جەھەتتە پارتىيە بىلەن بىردەك بولمىغان ھاكىم ۋە بۆلۈم دەرىجىلىك جەمئىي 37 نەپەر كادىرنى «بىر تەرەپ» قىلغان ئىدى.

بۇ ھەقتە يېقىندا «شىنجاڭ گېزىتى» دە دېيىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 11 ناھىيە، شەھەردىكى ھاكىم دەرىجىلىك 15 كادىرغا ۋە بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك 22 كادىرغا ئايرىم-ئايرىم پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش، تەنبىھ بېرىش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش چارىسى قوللانغان ھەم 11 ناھىيە، شەھەرنىڭ ئاساسلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى ئۆزىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈشكە بۇيرۇغان.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2000-يىللاردىن كېيىن، خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەخسۇس «شىنجاڭ سىنىپلىرى» تەسىس قىلىپ، 14-15 ياشلار ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئانا يۇرتى، ئاتا-ئانىسى تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ خىتاي مائارىپى ۋە ئىدېئولوگىيىسى بويىچە تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەكتەپتە 2016-يىللىق «شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا ئەۋەتىلىدىغان كۇرسلارغا يېتەكچى ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش مەركىزى قۇرۇلغان بولۇپ، پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەسىس قىلىنغان يازلىق كۇرسقا 9-ئاۋغۇستتىن 18-ئاۋغۇستقا قەدەر 1207 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى تەربىيىلەش ۋەزىپىسى بېرىلگەن.

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلىرى، يەر شارى ۋاقتى گېزىتى قاتارلىقلاردىمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، 15-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، مۇراسىمدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەيىنلەنگەن ئەمەلدارى جاڭ چۈنشەننىڭ سۆز قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلاردىن «بۆلگۈنچىلىككە ۋە دىنىي رادىكاللىققا قارشى بىرلىك، ئىتتىپاقلىق شەكىللەندۈرۈش» نىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

قوش تىل مەكتەپلىرىدىكى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى، تارىخ دەرسلىكلىرىگە ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن

«قوش تىل مائارىپى» سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆزگەرتىپ، قوشۇۋېلىپ ياكى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاتالمىش قوش تىل مەكتەپلىرىدە بارلىق دەرسلەر خىتايچە ئوقۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى ھەپتىدە پەقەت بىر نەچچە سائەتلىك ئاتالمىش «ئانا تىل» دەرسى ۋە «ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى» دەرسى بىلەن چەكلەنگەننىڭ ئۈستىگە، بۇ دەرسلىكلەر كىتابلىرىغىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئەسلىدىكى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرى ۋە تارىخىي شەخسلەر ئورنىغا ئاساسەن خىتايلارنىڭ كلاسسىك، تارىخىي نەمۇنىلىرى ئالماشتۇرۇلغان.

بىز قوش تىل مائارىپىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ۋە بالىلارنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى بىلىش ئەھۋالى ھەققىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بەزى جايلىرىغا قاراتقان زىيارەتلىرىمىزدە 12 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسى ئۆزىنى قەشقەردىكى قوش تىل باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 5 ‏-يىللىق ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىسى دەپ تونۇشتۇرغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىرمۇ شەخسنى بىلمەيدىغانلىقى، ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە بىر پارچە كىتاب ئوقۇپ باقمىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئارقىلىق مۇقىملىق يارىتىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە دىنىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مەسچىت باشقۇرۇش سىياسىتى» مۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

خىتاي قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ 2017-يىلىنى پىلانلاپ بولدى

10-نويابىر ئېچىلغان «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە ئوبلاستتىكى ‹قوش تىللىق يەسلى› قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنى» دا مەركەز ۋە يەرلىكتىن بولۇپ ئىككى مىليارد 600 مىليون سوم (تەخمىنەن 380 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ ئاجرىتىپ مەزكۇر رايونلاردا يېڭىدىن 1700 «قوش تىللىق يەسلى» بەرپا قىلىنىدىغانلىقى، ھەرقايسى جايلاردا تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ بۇ يەسلىلەردە پۈتۈنلەي ھەقسىز ئوقۇيدىغانلىقى جاكارلاندى. دائىرىلەر يەنە، 2017-يىلى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە قوش تىللىق يەسلىلەرگە بىر مىليون 120مىڭدىن ئارتۇق بالىنى قوبۇل قىلىش، بۇنىڭ ئىچىدە 770 مىڭغا يېقىن بالىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىكى يېزا، كەنتلەردىن بولۇشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن.

28-نويابىر كۈنى مائارىپ نازارىتى ۋە ھۆكۈمەت بىرلىشىپ ئاچقان يىغىندا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېزا، كەنتلىرىدىكى، بولۇپمۇ نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبتىكى قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلاردىكى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىللىق يەسلى مائارىپىنى تېخىمۇ ئومۇملاشتۇرۇش تەكىتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2017-يىلى پۈتۈن رايوندىكى قوش تىللىق يەسلىلەرنىڭ سانىنى 4387 گە، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى قوش تىللىق يەسلىلەرنى 3223 كە يەتكۈزۈش قارار قىلىنغان. بۇنداق بولغاندا ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق رايونلاردىكى قوش تىللىق يەسلىلەر پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قوش تىللىق يەسلىلەر نىسبىتىنىڭ 74% نى ئىگىلەيدىكەن.

«قوش تىللىق مائارىپ» دېيىلىۋاتقان، ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان «يەككە تىللىق مائارىپ» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇر تىلىدىكى مىللىي مائارىپنى پەيدىن-پەي سىقىپ چىقىرىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش قوش تىل مائارىپى ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىدىن ئىبارەت يەككە تىللىق مائارىپ، بۇنى قوش تىللىق مائارىپ دېيىشكە بولمايدۇ، ئاسسىمىلياتسىيەنى مەقسەت قىلغان بۇ خىل مائارىپ سىياسىتى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە مۆلچەرلىگۈسىز زور زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇ بىر يىل جەريانىدا، رادىيومىزدا سۆھبەتلەرگە قاتناشقان مائارىپچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتلىرىنى ھەم جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورۇن ئىگىلەشتىن مەھرۇم قالماسلىق ھەم ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى يوقاتماسلىق شەرتى ئاستىدا ئانا تىلىدا تەربىيەلەشنىڭ ناھايىتى مۈشكۈل بولسىمۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ چوقۇم ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت