شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئۇيغۇرلارغا تارىختىن لېكسىيە بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىل ۋە دىنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلىنىشىنى چىڭ تۇتۇپ كەلگەن ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يالقۇن
2013-01-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇرلارغا تارىختىن لېكسىيە بېرىش يىغىنىدا دوكتور ئەسئەت سۇلايمان لېكسىيە سۆزلىدى. 2013-يىلى 20-يانۋار، شۋېتسىيە.
ئۇيغۇرلارغا تارىختىن لېكسىيە بېرىش يىغىنىدا دوكتور ئەسئەت سۇلايمان لېكسىيە سۆزلىدى. 2013-يىلى 20-يانۋار، شۋېتسىيە.
RFA/Yalqun

شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە تارىخى بىلىملىرىنى ئاشۇرۇش، تارىخى ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ئۇلارنى توغرا سىياسىي ئاڭغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ھەر ئايدا بىر قېتىم قەرەللىك ھالدا لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇرلارغا تارىختىن لېكسىيە بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 20-يانۋار، شۋېتسىيە.
شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇرلارغا تارىختىن لېكسىيە بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 20-يانۋار، شۋېتسىيە. RFA/Yalqun

بۇ قېتىمقى لېكسىيە 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، لېكسىيىگە دوكتور ئەسئەت سۇلايمان تەكلىپ قىلىنغان.دوكتور ئەسئەت سۇلايماننىڭ لېكسىيىسى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك قىسمىتىگە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ نادان ئۆتمۈشىگە، مىللىي مەنپەئەت ئېڭى بولمىغان خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە بېغىشلانغان بولۇپ، ئەسئەت سۇلايمان لېكسىيىسىدە 1864-يىلدىن 1871-يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن «ئېلى سۇلتانلىقى» دا بولۇپ ئۆتكەن تارىخى ۋەقەلەرنى، ئىچكى نىزا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قانلىق قىرغىنچىلىقلارنى، 7 يىل ئىچىدە 5 قېتىم پادىشاھ ئالمىشىشتەك پاجىئەلىك سەۋەنلىكلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.

دوكتور ئەسئەت سۇلايماننىڭ لېكسىيىسىنىڭ تېمىسى «ئېلى سۇلتانلىقى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ساۋاقلىرى» بولۇپ، ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، «ئېلى سۇلتانلىقى » ئۇيغۇر تارىخىدىكى ساۋاق ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان ئەڭ مۇھىم، سەۋەنلىكلەر كۆپ كۆرۈلگەن، تەقدىرى ئېچىنىشلىق پاجىئە بىلەن ئاخىرلاشقان ھاكىمىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، «ئېلى سۇلتانلىقى» دىن قالغان تارىخى ساۋاقلارنى توغرا يوسۇندا يەكۈنلەپ چىقىش ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي دەۋا ئىشلىرىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىل لېكسىيىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

ئابدۇللانىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرىدىغان لېكسىيىسىنىڭ تېمىسى يالغۇز تارىخى تېمىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، تىل، مەدەنىيەت، مائارىپ، سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە قاتارلىق مەزمۇنلارغىچە چېتىلىدىكەن.ئۇلار زۆرۈر تېپىلغاندا باشقا دۆلەتلەردىنمۇ مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت