قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىلىرى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-02-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئالماتادىكى «مىر» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «مۇرات ھەمرايېف» ناملىق خاتىرە كىتاب. 2011-يىلى دېكابىر.
ئالماتادىكى «مىر» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «مۇرات ھەمرايېف» ناملىق خاتىرە كىتاب. 2011-يىلى دېكابىر.
RFA/Oyghan

ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان خەلقئارا مىقياسىدا داۋاملاشماقتا. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي ئەڭ تەرەققىي قىلغان مەزگىل ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-80-يىللىرى بولۇپ، بۇ ساھەدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئەڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلگەن ئىدى.

1986-يىلى دۇنيا يۈزىدىكى تۇنجى مەخسۇس ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئالماتادا قۇرۇلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقى مۇرەككەپ مۇساپىلەرنى باشتىن كەچۈردى ھەم كەچۈرمەكتە. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىستىقبالى قانداق بولىدۇ؟ بۇ قىزىقىش ئۈستىدىكى تېما.

ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ قىسقىچە تارىخى ئەھۋالى

ھازىر خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى ۋە باشقا مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان بىردىنبىر ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان. مەزكۇر مەركەز ئەسلىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ داۋامى بولۇپ، 1996-يىلىدىن ئېتىبارەن مەركەز دەرىجىسى بىلەن بۇ ئورۇندا ئون نەچچە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىراق، بۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر مەركەز مەۋجۇت بولامدۇ-يوق؟ بۇ بىر دىققەتكە سازاۋەر مەسىلىدۇر.

مەزكۇر ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى، ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، سۇلايمانوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قارمىقىدىكى مەزكۇر ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئەھۋالى كۈنسايىن ناچارلىشىپ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرىدىن سۆز ئېچىش قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.

تارىخىي نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇيغۇرشۇناسلىق رۇسىيە ۋە ياۋروپادا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەكىللىنىپ، مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسا، 20-ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرىدىن كېيىن، موسكۋا، تاشكەنت ۋە ئالماتانى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار تېخىمۇ كەڭ دائىرە بويىچە ئىزدىنىپ دەسلەپكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى ھەمدە تۇنجى ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرى، تارىخچىلىرى ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىرى يېتىشىپ چىقتى.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ راۋاجلىنىشىدا سابىق چار رۇسىيە دەۋرىدە بۇ ساھە بويىچە تەتقىقات قىلىپ،نوپۇز تىكلىگەن رۇس ئالىملىرىدىن ۋ.رادلوۋ، د. پوزدنېيېۋ، گرۇم-گىرژىمايلو، ۋ. گرىگورىيېۋ، ۋ. بارتولد ۋە س. مالوۋ قاتارلىقلارنىڭ ئەمگەكلىرى مۇھىم رول ئوينىدى.

1930-يىللاردا موسكۋادا مالوۋ، ناسىلوۋ، باسكاكوۋ قاتارلىقلار ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ساھەسىدە بويىچە تەتقىقات قىلدى.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا ئائىت يېزىلغان مۇرات ھەمرايېف، ئابدۇمەجىت روزىباقىيېف، مالىك كەبىروف قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1920-1930-يىللىرى ئارىسىدا نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوپ، بۇرھان قاسىموف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى شۇنىڭدەك يەنە ئال لاتىپ ئەنسارى، شاكىرجانوف قاتارلىق ئۇيغۇر ئالىملىرى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تۇنجى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ قالغان ئىدى.

بۇلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇر سىياسىي رەھبەرلىرىدىن ئابدۇللا روزىباقىيېف ۋە ئىسمائىل تاھىروف قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە تىل-ئەدەبىيات مەسىلىلىرى بويىچە ماقالىلەرنى يازغان ھەمدە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ راۋاجلىنىشىنى يېقىندىن قوللىغان ئىدى.

نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇنجى ئۇيغۇر تارىخشۇناسى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر تارىخى بويىچە خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان

دوكتور كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. 1960-80-يىللاردا ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تېز گۈللىنىشى موسكۋا تەرىپىدىن قۇۋۋەتلەنگەن بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتىكى جىددىيلەشكەن سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىدى.

1985-يىلى، مىخايىل گورباچېۋ ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا قايتا قۇرۇشنى باشلىغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ دەرىجىسى كۆتۈرۈلۈپ، رەسمىي ئايرىم ئىنستىتۇتقا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ جەريانمۇ ئاسانغا چۈشمىگەن بولۇپ، قازاقىستان ۋە موسكۋادا بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلسا، يەنە بېزىلەر قارشى چىققان. ھەتتا موسكۋادىن مەخسۇس ئادەملەر كېلىپ، بۇ ئىنستىتۇتى ساقلاپ قېلىش كېرەكمۇ ياكى داۋاملىق ئېچىش كېرەكمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يۇقىرىغا دوكلات يوللىغان، ھەتتا 1950-يىللىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە تىل تەكشۈرۈشتە بولغان ھەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن يېقىن دوستلۇق ئالاقىلىرى ئورنىتىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن داڭلىق تاتار تۈركشۇناسى تېنېشېفمۇ نېمە سەۋەبتىندۇر بۇ ئىنستىتۇتقا قارشى چىقىش پوزىتسىيىسىدە بولغان ئىكەن.

بىراق، بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ھەممە ساھەسى بويىچە كۆپلىگەن كىتابلار،ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قازاقىستان، ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق مەركىزى سۈپىتىدە تونۇلغان ئىدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىملىرى «قىسقىچە ئۇيغۇر تارىخى»، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇرۇلمىسى» قاتارلىق كىتابلارنى تەييارلاپ نەشر قىلدۇردى.

ئىنستىتۇت تەركىبىدە تارىخ، سىياسى-ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، ئەدەبىيات، تىل، ئېتنوگرافىيە بۆلۈملىرى بولغان. ئىنستىتۇت مۇدىرى، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى، پروفېسسور غوجاخمەت سادۋاقوسوفنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى زور ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت