تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت رەسىم كۆرگەزمىسىگە ئۇيغۇرلارغا ئائىت سۈرەتلەرمۇ قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيەنىڭ يالوۋا شەھىرىگە جايلاشقان يالوۋا فولكلور ۋە تەلىم - تەربىيە مەركىزى ( YAFEM) نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 14 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختلىرى رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار ئۇچرىشىشى يىغىنى ئوخشاش ۋاقىتتا يالوۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىز ۋەزىيىتى ۋە مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان ھەرخىل سۈرەتلەرنى كۆرگەزمىگە قويدى.

تۈرك دۇنياسى رەسىم كۆرگەزمىسىگە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرى ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇملىرى ھەم خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىگە ئائىت بۇ سۈرەتلەر زىيارەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

4 كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتكە كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن چەكلىك مىقداردا كىشى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى يەنە پروگراممىغا ئىنتېرنېت تېلېكامېراسى ئارقىلىق قاتناشتى.

بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان يالوۋا فولكلور ۋە تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۆزەر قۇيۇنجى ئەپەندى، «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز ۋە قانداق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتىسىلەر؟»دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: »شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈرك جۇغراپىيەسىنىڭ ھازىر ئەڭ ئېغىر قىيىن ئەھۋالدىكى مەسىلىسىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر، قەتلىئاملار توختىتىلىشى كېرەك بولغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىدۇر. بىزنىڭ 2005 - يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ھازىرمۇ پائالىيەتلىرىمىز داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت پائالىيەتلىرىمىز شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولسا بۇ بىز ئۈچۈن خۇشاللىق ئىشتۇر. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەر ۋاقىت بىزنىڭ كۈنتەرتىپتە تۇتۇۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرىدۇر. پۈتكۈل پائالىيەتلىرىمىزدە، يىغىن - پروگراممىلىرىمىزدا بۇ مەسىلە بىزنىڭ ئاساسىي مەسىلىمىز بولۇپ كەلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار ئۇچرىشىشى يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. ئەڭ جىددىي ھەل قىلىنىشى كېرەك بولغان مەسىلىلەردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدۇر. بۇنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن بىزمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە ھەسسە قوشىمىز. ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمىغا خاتىمە بېرىلىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىمىز. بۇ مەسىلىسىنى دۇنيا جامائىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرەلىسەك ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا بۇ مەسىلە ھەل بولىدۇ دەپ قارايمىز ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز».
بىز يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى يالوۋا شۆبە رەئىسى نامىك تام ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

نامىك تام ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدىكى پىكىر - قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنى ھەرگىز يالغۇز ھېس قىلمىسۇن، شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئىززەت - نومۇسىمىزدۇر، ئۇ يەردىكى قىيىنچىلىقلارنى بىلىمىز ۋە كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز، ئۇلار سەۋرچان بولۇشى كېرەك. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ قېرىنداشلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ھەم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن ھەم مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تەرىپىدىن جىددىي خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ، قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنى ھەرگىز يالغۇز ھېس قىلمىسۇن. ئۇلار بىزنىڭ ئىززەت - ئابرويىمىزدۇر، شەرىپىمىزدۇر. ئۇيغۇرلار تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاساسىي مەنبەسىدۇر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۈرك دۇنياسىنىڭ قەدىمى مەدەنىيىتى، ئىلىم - مەرىپىتى، سەنئەت ۋە سودا - تىجارىتىدە ئاساسىي مەنبە بولۇشىدۇر، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن، سالام يوللايمەن، پات - پۇرسەتتە بىز ئۇ يەرگە بارىمىز ئۇلارمۇ كېلىدۇ، ئارىمىزدىكى توسۇق يوقايدۇ».

پائالىيەت 18- ئىيۇلدىن 23 - ئىيۇلغىچە 6 كۈن داۋام قىلىدۇ. رەسىم كۆرگەزمىسىگە ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە تۈرك، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن، ئەزەربەيجان، تاتار قاتارلىق خەلقلىرىمۇ قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى نامايان قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت