ئابدۇخالىق ئۇيغۇر روھى دەۋرىمىز ياشلىرىدا ئويغانماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017-03-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاتاقلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئالماتادا نەشر قىلىنغان كىتابى. 2011-يىلى ئاۋغۇست.
ئاتاقلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئالماتادا نەشر قىلىنغان كىتابى. 2011-يىلى ئاۋغۇست.
RFA/Oyghan

ئۇيغۇر تارىخ بەتلىرىدىكى بۈگۈن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر( 1901~1933) ۋاپاتىنىڭ 84 يىللىق خاتىرە كۈنى.

ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلارنى نادان قالدۇرۇش، باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزگەن شىڭ شىسەي 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇنى سەپداشلىرى بىلەن قوشۇپ تۇرپاندا قەتلە قىلىدۇ. ئۇ جادۇغا بېسىلىش ئالدىدىمۇ دۈشمەنگە باش ئەگمەي، «ياشىسۇن ئەركىنلىك!»، «ياشىسۇن ئازادلىق!» دەپ ياڭراق شوئار توۋلاپ 32 يېشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولىدۇ. شائىرنىڭ ئەينى دەۋردە خەلقنى ئويغاتقان، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئەندىشىگە سالغان شېئىرلىرى ھازىرمۇ ھەم ئۇنتۇلماي تەسىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تەسىرى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ياش قەلەمكەشلەرنىڭ بايانلىرىدىن بىز، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىسيانكار سادالىرىنىڭ ھېلىھەم ئۆچمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ كۈرەشچان روھىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئىلھام بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرى....

خېۋىر تۆمۈر يازغان «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» ناملىق كىتابتا مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ:

«1933-يىلى 13-مارت...
شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرغان جاللات زەھەرخەندىلىك بىلەن:
-مانا ئاچىل !‏-دېدى.
شائىرنىڭ ئەتلىك، خۇددى خانىقا تۈۋرۈكىدەك يوغان بوينى بىر قىلىچى بىلەن ئۈزۈلۈپ چۈشكىنى يوق. شائىر بېشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ:
-گۈل ئاچىل!-دېدى.

بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىدە ياڭراتقان ئۇلۇغۋار جاراڭلىق ساداسى ئىدى. بۇ سادا پۈتۈن شەھەرنىڭ ھەربىر كوچىسى، ئۆي ئىمارىتى، دەل دەرەخلىرى، ھەر بىر ئادەملەرگىچە مەڭگۈ ئۇنتۇلماس يادنامە بولۇپ سىڭگەنىدى. دۇكان يوچۇقىدىن قاراپ تۇرغۇچىلار بۇ ۋەھشەتكە چىداپ تۇرالماي، كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى. شائىرنىڭ جەڭگىۋار سۆزى، جاراڭلىق تاۋۇشى تېخى ئاخىرلاشمايلا «گاچ، گاچ» قىلىپ يەنە ئىككى قېتىم چېپىلغان قىلىچ ئاۋازى ئاڭلاندى. خەلق تاقەت قىلىپ تۇرالماستىن كۆزىنى ئاچقاندا، شائىرنىڭ بېشى مۇبارەك تېنىدىن جۇدا بولغان، شەھەر كوچىسى قىپقىزىل قانغا بويالغانىدى!....»

ئۇ، جاللات شىڭ شىسەي تەرىپىدىن 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى سەپداشلىرى بىلەن قوشۇپ تۇرپان شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر قازىخانا مەسچىتىنىڭ ئالدىدا قەتلى قىلىدۇ. شائىر قەھرىمانلارچە جېنىنى پىدا قىلغاندا ئەمدىلا 32 ياشتا ئىدى.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى 20-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا باشلانغان. ئۇ، ئون نەچچە يىل ئىچىدە جەمئىي 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر يازغان.

بۈگۈن ئۇنىڭ كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان قىممەتلىك شېئىرلىرىلا ئەمەس، ئۇنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئىش ئىزلىرى ئۇيغۇرلار قوللىنىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە، تور بەت ۋە بلوگ ھەمدە دوستلۇق توپلىرىدا كەڭرى تارالدى، ئۇيغۇرلار ئۇنى بۇ خىل ئۇسۇللاردا ياد ئەتمەكتە. بىز بۇ پۇرسەتتە، ئۇنتۇلماس شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئىش ئىزلىرى بىلەنمۇ قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى.

تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر، ئوت يۈرەك شائىر، ئىنقىلابچى. دادىسىنىڭ ئىسمى ئابدۇراخمان. «ئۇيغۇر» ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى. ئۇ، تۇرپان باغرى كەنتىدىكى بىر باي سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىدىن، بىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىدىيىسىدىكى فېئودال كونىلىققا، خۇراپاتلىققا ۋە نادانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىلىم-پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش، خەلقنى ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈككە چاقىرىشتەك چوڭقۇر سىياسىي مەزمۇن، ئۆتكۈر ئىسيانكارلىق سادالىرىنى تۇيىمىز. ئۇنىڭ ئۆتكۈر شېئىرلىرى ھەتتا، ئەينى دەۋردىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئەندىشىگە سالغان. ھۆكۈمەت ئۇنى شېئىر يېزىشتىن، خەلقنى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشتىن چەكلىگەن.

ئۆز غايىسى يولىدا تېز پۈكمەس روھقا ئىگە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1932-يىلى 11-ئايدا «ئويغان»، «ئاچىل» دېگەن شېئىرلىرىنى ئاق رەختكە چوڭ خەتلىك قىلىپ يېزىپ، كوچىلارغا چاپلاپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ ھەيۋىسىگە تاقابىل تۇرىدۇ. 1932-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا تۇرپان ۋە قۇمۇلدا دېھقانلار زۇلۇمغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا بارغان شىڭ شىسەي 1933-يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىگە قايتىشىدا تۇرپانغا كەلگەندە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ بىرقانچە سەپدىشىنى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋى تەرغىباتچىسى دەپ قاراپ تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلايدۇ.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرى ۋە كۈرەشچان ھاياتى، ھازىرقى ياش قەلەم ئىگىلىرىگىمۇ ماياكقا ئوخشاش ئۈلگىلىك رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە ھازىر چەتئەلدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بىر ياش شائىرە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور ۋە تاراتقۇلارنى شۇنچە قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان، سەزگۈر بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، چەتئەللەردىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئەسلىنىۋاتقانلىقىدىن، دەۋرىمىزدىمۇ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتماي كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ بەكمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى ۋە ئىلھام ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.

ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قەلەمكەشلەردىن كۈندۈزئاي ھامۇت خانىم، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ خەلقنى ئويغاتقان شېئىرلىرىنىڭ بەدىئىيلىكىدىن باشقا، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ مۇستەمچىلىككە، مۇنقەرزلىككە قارشى كۈرەش بىلەن ئۆتكەن ئۈلگىلىك، ئەھمىيەتكە ئىگە ھايات ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئابدۇخالىقتەك ۋەكىل خاراكتېرلىك قەھرىمان شەخسلەرنىڭ ھاياتىنى، ئىدىيىلىرىنى ئۆگىنىش، ياشلارنى ئىلىم ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقچىللىقنى يېتىلدۈرۈشتە، ئۇيغۇر كىملىكىنى بىلدۈرۈش ۋە جاسارەت يېتىلدۈرۈشتە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ كۆرسەتتى ۋە شۇنداقلا مائارىپ ساھەسىدە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ دەرسلىكلەردىن چىقىرىۋېتىلىشى بىلەن، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئەۋلاد تەربىيىسىدە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۈلگىلىك قەھرىمانلارنى تونۇشتۇرىدىغان مەخسۇس دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تەييارلاشنىڭ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئۇيغۇر ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرى شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنى توپلاپ، رەتلەپ «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلار توپلىمى» نى نەشر قىلدۇرغان. مەزكۇر شېئىرلار توپلىمىغا شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان»، «ئاچىل»، «ئۈمىد تەبەسسۇمى»، «نە قىلاي» قاتارلىق شائىر ھايات ۋاقتىدا يېزىپ قالدۇرۇپ كەتكەن نادىر شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.

نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە بالىلىرىنىڭ تىلى چىقىشى بىلەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان» ناملىق شېئىرىنى يادلىتىپ دېكلاماتسىيە قىلىش ئەنئەنىگە ياكى ئادەتكە ئايلانغان. گەرچە 3، 4 يېشىدىن باشلاپلا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنى ئوقۇپ چوڭ بولغان بولسىمۇ، چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن، بۇ ئۆلمەس شائىرنى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنى ئەتراپلىق تونۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ياش ھەۋەسكار ئەنقەرجان، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرى ۋە ئۇنىڭ روھىنىڭ ئۆزىنىڭ قەلىمىگە ئىلھام ئىكەنلىكى بىلدۈرۈپ، شائىرنى ئەسلەپ ئۇنىڭ قالدۇرغان قىممەتلىك ئىجادىيەتلىرىدىن ئۆزى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان «غەزەپ ۋە زار» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.

تولۇق بەت