ئابدۇخالىق ئۇيغۇر نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە «ئۇيغۇر» دېگەن تەخەللۇسنى تاللىۋالغان؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013-03-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاتاقلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئالماتادا نەشر قىلىنغان كىتابى. 2011-يىلى ئاۋغۇست.
ئاتاقلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئالماتادا نەشر قىلىنغان كىتابى. 2011-يىلى ئاۋغۇست.
RFA/Oyghan

بۇ يىل 13-مارت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردىكى ئوت يۈرەك شائىرى، مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابىدا ياش ھاياتىنى تەقدىم قىلغان مىللەت سەرخىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋاپاتىنىڭ 80 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر.

شائىر ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىللىي ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر يۈرۈش يالقۇنلۇق شېئىرلىرى بىلەن مىللىي مۇنقەرزلىكنىڭ پاتقىقىدا تېپىرلاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە ھۆرلۈك ۋە مىللىي قەدىرىيەتنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلدۇردى. مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىغا چىرمالغان قۇللۇق كىشەنلىرىگە ئوت ئاچتى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھاياتتىن ئۆتۈپ 80 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ بۇ سۆيۈملۈك شائىرىنى، تاتارلارنىڭ مىللىي شائىرى ئابدۇللا توقاي ۋە ۋېنگر خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق يولىدا جان بەرگەن مىللىي شائىرى ساندۇر پىتوفىنىڭ نامى بىلەن بىر قاتاردا قويۇپ ياد ئەتمەكتە.

ئۇنداقتا، شائىر نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە «ئۇيغۇر» دېگەن نامنى تەخەللۇس قىلىپ تاللىۋالغان؟

مەلۇمكى، شائىر ياش چاغلىرىدىلا تاغىسىغا ئەگىشىپ سودا-تىجارەت ۋاسىتىسى بىلەن رۇسىيە تەۋەسىدىكى شەمەي، قازان، ئورنبۇرگ ھەتتا موسكۋا ۋە سانكىت-پېتېربۇرگ شەھەرلىرىگە قەدەر بارىدۇ. رۇسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن كېيىن قازان، قىرىم تاتارلىرى بىلەن ئورتا ئاسىيادىكى قېرىنداش خەلقلەردە جىددىي رەۋىشتە ئويغانغان مىللىي ئويغىنىش دولقۇنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. تاتار جەدىتچىلىرى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىۋاتقان «ۋاقىت»، «شۇرا» قاتارلىق ئورتاق تۈركى تىلىدىكى گېزىت، ژۇرناللارنى سۆيۈپ ئوقۇيدۇ ھەمدە ئۇنىڭدا بېسىلغان ئۇيغۇرلارغا دائىر ماقالىلەرنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. تاتار شائىرى ئابدۇللا توقاينىڭ شېئىرلىرىنى يادلايدۇ. بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان تۇرسۇنئاي خانىم ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېت بولشېۋىكلار ھاكىمىيىتى ئورتا ئاسىيادىكى تۈركى تىلىدا سۆزلەشكۈچى قېرىنداش خەلقلەرنى پارچىلاپ ئۇششاق ئېتنىك تۈركۈملەرگە بۆلىدۇ ھەمدە يېڭىدىن قۇرۇلغان مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ چېگرالىرىنى ئايرىيدۇ. 1921-يىلى ئىيۇندا تاشكەنتتە چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇرلار قۇرۇلتىيىدا ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت نامى سوۋېتلار تېررىتورىيىسىدە ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا رەسمىي بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ. تۇرسۇنئاي خانىم شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە تەخەللۇس تاللاشتا مەزكۇر يىغىننىڭ روھىدىن ئىلھام ئالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تۇرسۇنئاي خانىم ئاخىرىدا، مىلىتارىست ياڭ زېڭشىننىڭ «مائارىپنى بەرمەسلىك»، «نادان قالدۇرۇش» ۋە «ئىشىكنى تاقىۋېلىش» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشى داۋامىدا بۇرۇختۇملۇقتا قالغان ئۇيغۇر خەلقىنى ئويغىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۈگدىگەن قەلبىگە چىراغ يېقىش ئارزۇسى شائىرنىڭ مەزكۇر تەخەللۇسنى تاللىۋېلىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت