ئالماتادا ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئۇيغۇر گىمنازىيىسىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014-10-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئۇيغۇر گىمنازىيىسىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 25-ئۆكتەبىر، ئالماتا.
ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئۇيغۇر گىمنازىيىسىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 25-ئۆكتەبىر، ئالماتا.
RFA/Oyghan

25-ئۆكتەبىردە ئالماتادا ئەۋېزوف ناھىيىسىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەنىڭ قۇرۇلغىنىغا 50 يىل تولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭ بايراملىق مۇراسىم بولۇپ ئۆتتى.

ئۇنىڭغا كۆپ ساندا ئۇستازلار، ئوقۇغۇچىلار، زىيالىيلار، يۇرت-جامائەت شۇنداقلا ھۆكۈمەت، مائارىپ ئىدارىلىرى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى، سەنئەتكارلار ۋە ياشلار قاتناشتى.

مەكتەپ ھاياتىدىن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن سۆزگە چىققان ئەۋېزوف ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى بېكقالى تورغايېف مۇنداق دېدى:
-ئا. روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەنىڭ 50 يىللىق تەۋەللۇدى بىلەن، ھەممىڭلارنى چىن يۈرەكتىن تەبرىكلەشكە رۇخسەت قىلىڭلار. شاگىرت ھۆددىسىگە بىلىم بىلەن ئىلىمنى، تەلىم بىلەن تەربىيىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان كېمە-ماكان مانا مۇشۇ مەكتەپ. مەكتەپ بۇ كېمە، بىلىم بۇ دېڭىز دېمەكچى. مەزكۇر بىلىم ئورنىنىڭ بىلىم دېڭىزىدا ئۈزۈۋاتقىنىغا 50 يىل تولۇشى بارلىقىمىزنى خۇشال قىلىدۇ. قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ «قازاقىستان يولى-2050: بىر مەقسەت، بىر مەنپەئەت، بىر كېلەچەك» ناملىق قازاقىستان خەلقىگە يوللىغان مەكتۇپىدا كۆرسىتىلگەندەك، ئاساسىي قەدرىيەت بۇ جەمئىيىتىمىزنىڭ مىللىي بىرلىكى، تىنچلىق بىلەن رازىمەنلىكتۇر. مۇشۇ يۆنىلىشتە خىزمەت قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەر ياشلارنى تەربىيىلەشتە ئا. روزىباقىيېف نامىدىكى مەكتەپ-گىمنازىيىنىڭ ئاتقۇرۇۋاتقان ئىشلىرى نۇرغۇن. سىلەرنى 50 يىللىق تەۋەللۇدىڭلار بىلەن تەبرىكلەپ، ياش ئەۋلادقا ساپالىق بىلىم بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك تەربىيە بېرىشتىكى ئاق نىيەتلىك ئەمگىكىڭلارغا چوڭ مۇۋەپپەقىيەت، ئائىلەڭلارغا بەخت تىلەيمەن.

تەبرىك سۆزى بىلەن چىققان، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقىنىڭ ئالماتا شەھىرى بويىچە بىلىم باشقارمىسى باشلىقىنىڭ ئورۇنباسارى گۈلبانۇ ئامېرتايېۋا، قازاقىستان ئالىي كېڭىشى ئەزالىرى نامىدىن ئابدۇساتتار تۇردىباقىيېف، ئالماتا شەھەرلىك مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەخمەتجان شەردىنوف، «نۇر-ۋەتەن» پارتىيىسى نامىدىن ئاسىمجان زىلاۋدىنوف، قازاقىستان خەلق ئاسسامبلېيىسىدىن غابىت تۇرسۇنباي ۋە مارگارىتا ئابدالىق قىزى، شەھەرلىك ئۇيغۇر ئېتنو مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى ئابدۇللام ھوشۇروف، قازاقىستان ئالىي كېڭىشى سېناتىنىڭ سابىق ئەزاسى مارس باتتالوف، ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسى ھاكىمىنىڭ ئورۇنباسارى دائۇلېتجان دېمېبايېف، «تىنچلىق دۇنياسى» خەلقئارالىق قازاق ئىجادىي بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى ئابېن نۇرمانوف، ئالماتا ۋىلايەتلىك «ئۆرلېئۇ» جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى خانات ديۇسېبايېف، «ئىدراك»تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلئەزىز ئابدۇللايېف، جەنۇبىي قازاقىستان ۋىلايىتى يۈسۈپ سايرامى نامىدىكى ئۆزبېك گىمنازىيىسىنىڭ مۇدىرى باھادۇر نۇرالىيېف ۋە باشقىلار مەزكۇر تەۋەللۇد بىلەن تەبرىكلەپ، مەكتەپكە ئىجادىي ئۇتۇقلار تىلىدى. مۇراسىمدا مەكتەپ ئۇستازلىرى ھەر خىل ئىدارە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مۇكاپاتلىرى بىلەن تەقدىرلەندى. ئۆز نۆۋىتىدە بىر قاتار مېھمانلارغىمۇ مەكتەپنىڭ باھالىق سوغىلىرى تاپشۇرۇلدى. تەنتەنىلىك يىغىن ئاخىرىدا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى ئارتىسلىرى ۋە ئۇيغۇر يۇلتۇزلىرى تەييارلىغان چوڭ كونسېرتلىق پروگرامما كۆرسىتىلدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پېداگوگىكا پەنلىرىنىڭ نامزاتى يېمېليان ھوشۇروف مەزكۇر مۇراسىم ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:
-ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىۋاتقان 153-مەكتەپ-گىمنازىيىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك تەۋەللۇدى چوڭ تەييارلىقلار بىلەن ئۆتتى. ئۇنىڭغا شەھەردىكى مەكتەپنىڭ بارلىق جانكۆيەرلىرى، چەتئەللەردىن كەلگەن مېھمانلار، ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىن زىيالىيلار قاتناشتى، مۇراسىم چوڭ تەنتەنە بىلەن ئۆتتى. مەكتەپنىڭ ئومۇمىي 50 يىللىق ئىشىنىڭ ياخشى خۇلاسىسى چىقىرىلدى، دەپ ئويلايمىز. سەۋەبى مەكتەپ ھازىر بىلىم سالاھىيىتىدە چوڭ رول ئاتقۇرۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ خۇشال بولغان يېرىمىز، 50 يىل ئىچىدە ئىشلىگەن ئىشىنىڭ قانچىلىك يېمىشى بار ئىكەنلىكىنى خەلقمۇ چۈشەندى. ھازىر ھۆكۈمەت تەرىپىدىنمۇ چوڭ ياردەم كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا پەخىرلىنىپ خۇشال بولدۇق. ئۆتكەنكى يىلنىڭ نەتىجىسى بويىچە مىللىي ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا باھاسى 102 بال بولدى. بۇ قازاقىستاندىكى ياخشى كۆرسەتكۈچ، دەپ ھېسابلايمىز. بۇ مەكتەپنىڭ بىر ئۇتۇقى-مەكتەپ ئۇچۇمكارلىرىنىڭ مەكتەپكە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى. ھەممىسى قاتنىشىپ، ياردەم بېرىپ، مەكتەپنى ئۆزلىرىنىڭ قانىتىغا ئالغاندەك بولدى. بۇ، مەكتەپتىكى تەربىيە ئىشىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت