قازاقىستاننىڭ چېلەك تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار باش قوشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

18-دېكابىردا ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق چېلەك يېزىسىدا ئورۇنلاشقان «پارىژ-ناپولېئون» كافېخانىسىدا «يېڭى يىل يېڭىلىق بىلەن: يېڭى تەرەققىيات، ئۇتۇقلار بىلەن» ماۋزۇسىدا ئۇچرىشىش كېچىلىكى بولۇپ ئۆتتى.

ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ چېلەك تەۋەسى ئۇيغۇر مىللى-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن مەزكۇر پائالىيەت قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقىغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇ چېلەك تەۋەسى ئۇيغۇر مىللى-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تەرەققىيات يوللىرىنى بەلگىلەش، بۇ تەۋەدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاتاقلىق زىيالىيلار، تىجارەتچىلەر، سەنئەتكارلار ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىقتا بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىنى قويغان.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان مېمارچىلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى بەھرىم غىلاۋدىنوف ۋەتەننىڭ ئىنسان بالىسى ئۈچۈن قەدرىنىڭ قانچىلىك قىممەتلىكىنى، قازاقىستاندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ھەم ئۇنىڭ نىزامنامە- قائىدىلىرىنى ئىشلەپ چىقىشتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرى داۋۇت ئىسىيېف ۋە ئەنۋەر ھاجىيېفنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللى-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باشقارما ئەزاسى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف بۈگۈنكى بايرامنىڭ پەقەت چېلەك تەۋەسى ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدا يۈز بېرىۋاتقان چوڭ ۋەقە ئىكەنلىكىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ باشقىمۇ ناھىيىلىك مەدەنىيەت مەركەزلىرى ئۈچۈن ئۈلگە بولۇپ قېلىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستاننىڭ ئۇتۇققا يېتىشىنىڭ سەۋەبى نېمىدە؟ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە قارىغاندا تەرەققىيات يوللىرىنىڭ دۇرۇس بولۇشى، گۈللىنىشى، خاتىرجەملىكى، خەلقلەر دوستلۇقى، مىللەتلەر ئارا رازىمەنلىكتىن. نېمىنىڭ ئارقىسىدا قولغا كەلدى؟ توغرا بىر ئىدېئولوگىيەنىڭ، يۆنىلىشنىڭ بارلىقى ئۈچۈن كەلدى. چېلەك تەۋەسىنىڭ بۈگۈن كۆتۈرگەن تەشەببۇسى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋام قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ، ئېلىمىزنىڭ بىرلىكىنى ساقلاشقا ئۆزىنىڭ مۇناسىپ ئۈلۈشىنى قوشىدۇ دەپ ئىشىنىمەن».

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان پانفىلوف ناھىيىلىك ئۇيغۇر مىللى-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى دىلشات ناسىروف، ئالىم رابىك ئىسمايىلوف، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ھاشىرى، ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ پەخرىي پۇقراسى، شائىر جەمشىت روزاخۇنوف ۋە باشقىلار ئىلگىرىكى چېلەك ناھىيىسىنىڭ قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىغا، مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى، بۇ يەردىن ئاتاقلىق ئالىملارنىڭ، يازغۇچىلارنىڭ، سەنئەتكارلارنىڭ، دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ يېتىلىپ چىققانلىقىنى، مەدەنىيەت مەركەزلىرى ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇلار شۇنداقلا مىللىي مائارىپنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى، ئانا تىلىدا بىلىم بېرىشنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى ھەققىدىمۇ ئۆز پىكىرلىرىنى بىلدۈرۈپ، مايدىن ئابدۇللايېف رەھبەرلىكىدىكى چېلەك تەۋەسى مەدەنىيەت مەركىزىگە چوڭ ئۇتۇقلار تىلىدى. رۇسىيەنىڭ سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرىدىن كەلگەن مېھمان ھەمراجان زايىتوف بولسا، ئۆزىنىڭ ئاتا يۇرتىنىڭ مۇشۇ چېلەك تەۋەسىدىن ئىكەنلىكى، ھازىر سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرىدە تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەرغىب قىلىشتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ قاراتۇرۇق يېزىسى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى بۈۋىنۇر غوجامبەردىيېۋا چېلەك تەۋەسىگە قاراشلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلارنىڭ مەدەنىيىتىنى كۆتۈرۈش، ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرنىڭ تەقدىرى مەسىلىلىرىنىڭ مۇشۇ مۇراسىمغا كەلگەن ھەر قانداق بىر مىللەتپەرۋەر كىشىنىڭ يۈرەك زارى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى : «مەن ئۆزۈم ئۇستاز بولغانلىقتىن چىقىپ سۆزلىگۈچىلەرنىڭ مەكتەپ ئۈچۈن كۆيۈنگىنى ناھايىتى توغرا دەپ ھېسابلايمەن. سەۋەبى مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئوچىقى ئۇ بىزنىڭ كېلەچەك. ئانا تىلىدا بىلىم ئالغان ئوقۇغۇچى ھەر دائىم خەلقىمىزنىڭ ئېسىل خەزىنىلىرىنى قەدىرلەشنى، دۇنياغا تونۇتۇشنى ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى بۇرچى دەپ ھېسابلايدۇ. مايدىن ئابدۇللايېف يېتەكچىلىكىدىكى چېلەك تەۋەسى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى تىكلەش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەمگەك قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ دەلىلى بۈگۈنكى ئىش-چارە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مايدىن ئاكا خەلق ئۈچۈن كۆيۈنگەن مىللەتپەرۋەر ئىنسانلارنىڭ بىرى. بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى، كېلەچەك ئەۋلادلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇشقا ئات سالىمىز، دەپ چوڭ ئۈمىد قىلىمىز».

مەزكۇر مۇراسىمدا ئالاھىدە كۆزگە چۈشكەن يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرىغا، زىيالىيلارغا ۋە باشقىلارغا جۇمھۇرىيەتلىك ۋە چېلەك تەۋەسى مەدەنىيەت مەركەزلىرى نامىدىن سوۋغىلار تاپشۇرۇلدى. ئۇچرىشىش داۋامىدا «تەڭرىتاغ» ئانسامبىلى، ئۇيغۇر تىياتىرى ناخشىچىسى ئالىمجان ئابدۇللايېف، مۇرات ناسىروف نامىدىكى مۇسابىقە غالىبى، ياش ناخشىچى مېھرات رەخمەتجانوف ۋە باشقىمۇ سەنئەتكارلارنىڭ قاتنىشىشىدا چوڭ كونسېرت پروگراممىسى كۆرسىتىلدى.

مېمارچىلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى بەھرىم غىلاۋدىنوفنىڭ پىكرىچە، پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا مۇستەقىللىقنىڭ 25 يىللىقىنى ئاتاپ ئۆتۈش بويىچە چوڭ پائالىيەتلەر ئۆتۈۋاتقان بىر پەيتتە چېلەك تەۋەسى ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇنداق مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرۇشى شۇ يۇرتنىڭ ھۆرمەت-ئابرۇيىنى كۆتۈرۈشى مۇمكىن. ئۇ بۇ پائالىيەتتىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مېنى خۇشال قىلغان نەرسىلەر، ئومۇمەن، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى قۇرغان ۋاقتىدىكى ئاساسىي مەقسەدلىرىنى ياخشى چۈشەنگەنلىكى، ھەر بىر خەلقنىڭ بۇ مۇمكىنچىلىكلەردىن ياخشى پايدىلىنىۋاتقانلىقى، ئىچكى سىياسەتنىڭ ناھايىتى توغرا مېڭىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بۇنىڭغا مەخسۇس ئادەملەر مەسئۇل بولۇپ، ياخشى ئىشلارنى ماڭغۇزۇۋېتىپتۇ».

ب. غىلاۋدىنوف مەزكۇر پائالىيەت داۋامىدا ئۇيغۇر تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش، ياشلارنىڭ دىلىغا ياخشى چۈشەنچىلەرنى سېلىش ۋە باشقىمۇ يۆنىلىشلەردە كۆپلىگەن ئىشلارنىڭ مېڭىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقاملىرىغا، مىللىي ساز ئەسۋابلىرى ھەم خەلق ناخشىلىرىغا بولغان قىزىقىشىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ياخشى گەپلەرنىڭ بولغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا بەزى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر ۋە مەملىكەتلىك تىللارنى پايدىلىنىش بويىچە پىكىر-تەكلىپلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بولۇپمۇ بۇ يۆنىلىشتە پانفىلوف ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان ئىشلىرىدىن ئۈلگە ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت