ئالماتادا ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ 80 يىللىقىغا بېغىشلاپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014-12-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئالماتادا ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ 80 يىللىقىغا بېغىشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدىن بىر كۆرۈنۈش
ئالماتادا ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ 80 يىللىقىغا بېغىشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Oyghan


20 - دېكابىردا ئالماتادىكى ئۇيغۇر تىياتىرى بېناسىدا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ 80 يىللىقىغا بېغىشلانغان تەنتەنىلىك كېچىلىك پائالىيەت بولۇپ ئۆتتى.

دەسلەپتە تىياتىرنىڭ تارىخى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم نامايىش قىلىنغاندىن كېيىن، بىرىنچى تەبرىك سۆز قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەنھەرىكەت مىنىستىرى ئارىستانبېك مۇھەممەت ئوغلىغا بېرىلدى. ئۇ تىياتىر كوللېكتىپىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، بۇ تىياتىرنىڭ قۇددۇس غوجامياروف، ئەخمەتجان قادىروف ئوخشاش ئاتاقلىق سەنئەتكارلارنى شۇنداقلا ئەخمەدىيېفلار، مەشۈروفلار قاتارلىق سەنئەتچى سۇلالىلەرنى تەربىيىلەپ چىققانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بۈگۈنكى بايرامنىڭ پەقەت قازاقىستانلىقلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئالەم سەنئىتىنىڭ تويى ئىكەنلىكىنى، مەملىكەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ ئۇيغۇر تىياتىرىغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ يوللىغان تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ بەردى.

ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى كوللېكتىپىنى ئۇلۇق بايرىمى - 80 يىللىق تەۋەللۇدى بىلەن تەبرىكلەيمەن. سىلەر ئېلىمىزنىڭ قازاقىستان خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي خەزىنىسىگە سالماقلىق تۆھپە قوشۇۋاتقان ئەڭ چوڭ ئىجادىيەت كوللېكتىپلىرىنىڭ بىرىدە ئەمگەك قىلىۋاتىسىلەر. ئۆزىگە خاس ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى روشەن ئىپادىلىگەن تىياتىر پۈتكۈل كۆپ مىللەتلىك قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي بايلىقى بولغان ھەم بولۇپ قالىدۇ. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئەۋلادلار، تاماشىبىنلار سىلەرنىڭ يۇقىرى بەدىئىي ۋە كەسپىي دەرىجە بىلەن پەرقلىنىدىغان ئىجادىڭلارنى ئالاھىدە سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلماقتا. تىياتىرنىڭ قويۇلۇملار تىزىملىكى خىلمۇ - خىل، كەڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ باي مەدەنىي مىراسى، ئۇ سەمىمىي مېھرىۋانلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. تىياتىرنىڭ "ئانارخان"، "ئايمان - چولپان"، "قىز ژىبەك"، "قەشقەر قىزى"، "سادىر پالۋان" ۋە باشقا شۇنىڭغا ئوخشاش سەھنە ئەسەرلىرى پەقەت ئېلىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى يىراق چەتئەللەردىمۇ كەڭ تونۇلغان. ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى "ياشلىق"، "ناۋا" ئوخشاش جۇمھۇرىيەتتىكى مەشھۇر ۋە سۆيۈملۈك ئىجادىي ئانسامبىللارغا يول ئاچتى. ئۇيغۇر تىياتىرى ئىجادىيەت كوللېكتىپى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تاماشىبىنلارنى يېڭى، يارقىن ئەسەرلىرى بىلەن خۇشال قىلىدۇ، دەپ ئىشىنىمەن. پۈتكۈل كوللېكتىپقا سالامەتلىك، خاتىرجەملىك، يېڭى ئىجادىي ئۇتۇقلار ۋە گۈللىنىش تىلەيمەن.»

كەچتە شۇنداقلا ئالماتا شەھىرى ھاكىمىنىڭ ئورۇنباسارى زائۇرېش ئامانجولوۋا، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئېرالى توغژانوف، قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشى ئىجتىمائىي - مەدەنىي تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ ئالىي كېڭەش ئەزالىرى توپىنىڭ رەھبىرى جۇماتاي ئالىيېف، قازاقىستان پارلامېنت سېناتى، ئىجتىمائىي - مەدەنىي تەرەققىيات كومىتېتى رەئىسى ئاخان بىژانوف، قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ خەلقئارالىق ئىشلار، مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى ئەزالىرى قۇئانىش سۇلتانوف ۋە تۇراربېك ئاسانوف، قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشى ئەزالىرى گۈلمىرا ئېسېنبايېۋا، راتبېك سماغۇلوف، سوۋېت ۋە قازاقىستان خەلق ئارتىسى ئاسانەلى ئەشىموف، قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشى ئىجتىمائىي - مەدەنىي تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مۇرات ئەخمەدىيېف، ئالماتادىكى تىياتىر كوللېكتىپلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئالماتا شەھەرلىك مەسلىھىتىنىڭ ئەزاسى ئەخمەتجان شەردىنوف، «سانائەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە يېزا ئېگىلىكى خادىملىرى جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى»نىڭ رەئىسى دىلمۇرات قۇزىئېف، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنومەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، شۇنداقلا ئالماتا ۋىلايىتى ھاكىمچىلىقى، ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە پانفىلوف ناھىيىلىرى ھاكىمچىلىقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سەمىمىي تىلەكلىرىنى ئېيتىپ، ئۆز سوغىلىرىنى تاپشۇردى. تىياتىر كوللېكتىپى نامىغا شۇنداقلا ئالماتا شەھىرىنىڭ ھاكىمى ئەخمەتجان ئېسىموفنىڭ، قازاقىستان پارلامېنت سېناتىنىڭ رەئىسى قاسىمجومارت توقايېفنىڭ، قازاقستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى دارىغا نازاربايېۋانىڭ تەبرىك خەتلىرى تاپشۇرۇلدى.

مەملىكەت پرېزىدېنتىنىڭ پەرمانى بىلەن مارات نورۇزوفقا «قازاقىستاننىڭ ئەمگەك سىڭەرگەن ئەربابى» ھۆرمەتلىك ئاتىقى بېرىلسە، تىياتىر مۇدىرى ساۋۇتجان سونۇروفقا «ئەلا ئەمگىكى ئۈچۈن» مېدالى تاپشۇرۇلدى. شۇنداقلا تىياتىرنىڭ ئالىمجان توقايېف، راشىدەم ھەمرائېۋا، مېرۋانەم ھوشۇروۋا، نىياز تۇرسۇنوف قاتارلىق يىگىرمىگە يېقىن ئارتىسى مەدەنىيەت ۋە تەنھەرىكەت مىنىستىرلىقىنىڭ، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسنىڭ مېداللىرى، پەخرىي يارلىقلىرى، تەشەككۈرنامىلىرى بىلەن تەقدىرلەندى.

تەنتەنىلىك كەچ ئۇيغۇر تىياتىرى شۇنداقلا ئالماتا شەھىرىدىكى تىياتىرلار، ئۇسسۇلچىلار توپلىرى، يەككە ناخشىچىلار تەرىپىدىن تەييارلانغان كونسېرت پروگراممىسى بىلەن تاماملاندى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يېزا ئېگىلىكى ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى مەھەممەتجان ئابدۇللايېف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت