ئالماتادا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى بويىچە ماقالىلەر توپلىمى يورۇق كۆردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016-02-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
« ئۇيغۇرشۇناسلىق: تارىخىي-فىلولوگىيىلىك تەتقىقاتلار»  ناملىق ماقالىلەر توپلىمى
« ئۇيغۇرشۇناسلىق: تارىخىي-فىلولوگىيىلىك تەتقىقاتلار» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى
RFA/Oyghan


يېقىندا ئالماتا شەھىرىدىكى «مىر نەشرىيات ئۆيى» تەرىپىدىن «ئۇيغۇرشۇناسلىق: تارىخىي - فىلولوگىيىلىك تەتقىقاتلار» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى رۇس تىلىدا يورۇق كۆردى. قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى تەييارلىغان مەزكۇر ئەمگەكتە مەركەز خادىملىرى ۋە رۇسىيەلىك شەرقشۇناس ئالىملىرىنىڭ ماقالىلىرى ئورۇن ئالغان. 450 بەتلىك بۇ كىتابتىكى ماقالىلەر، ئومۇمەن، زامانىۋىي شەرقشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان. ماقالىلەردە ئاساسەن قازاقىستانلىق ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ تارىخ، تىلشۇناسلىق ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىق، شۇنداقلا مەركىزىي ئاسىيانىڭ ھازىرقى بىرلىشىش جەريانلىرى بويىچە ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ چوڭ ئىلمىي خادىمى خالمىنەم مەسىموۋا شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىگە ياخشى تونۇش بولغان ئەرشىدىن ھىدايەتوف، مالىك كەبىروف، ئايشەم شەمىيېۋا، مۇرات ھەمرايېف ۋە باشقىمۇ ئالىملارنىڭ دەسلەپتە مۇشۇ ئىلىم دەرگاھىدە ئىشلىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، يەنىمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ تەربىيىلىنىپ، ھەر ساھەلەر بويىچە تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ ھازىرقى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى نەشر قىلغان كىتابلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاخىرقى بەش يىل ئىچىدىلا بىز بىر نەچچە ماقالىلەر توپلاملىرىنى، ئىلمىي ئەنجۇمان ماتېرياللىرىنى نەشر قىلدۇق. ئاتاپ ئېيتقاندا، "مەركىزىي ئاسىيا جەريانلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان"، "قازاقىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇق يىپەك يولىدىكى شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۆز - ئارا باغلىنىشلىرى سىستېمىسىدا"، "مەركىزىي ئاسىيادىكى مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەت"، "مەھمۇت قەشقەرىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى"، "ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەتقىقاتلار"، "دۆلەت كىملىكىنىڭ شەكىللىنىش جەريانلىرىدىكى مۇستەقىل قازاقىستان تۈركىي تىللىق خەلقلىرى" ناملىق كىتابلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىمۇ خەلقلەر بىلەن بولغان مەدەنىي ئالاقىلىرى، مەركىزىي ئاسىيا، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاننىڭ ئىجتىمائىي - سىياسىي، مەدەنىي ھاياتى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەرگە ئائىت باي مەلۇماتلار ئورۇن ئالغان. يېڭىدىن چىققان "ئۇيغۇرشۇناسلىق: تارىخىي - فىلولوگىيىلىك تەتقىقاتلار" ناملىق ماقالىلەر توپلىمى بىز ئۆتكەن يىلى نەشر قىلغان "ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەتقىقاتلار" كىتابىنىڭ داۋامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز ھازىرقى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئۆز تەتقىقاتلىرىمىزنى دائىمىي نەشر قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز. مەن بۇ يەردە ئەنە شۇ ئەمگەكلىرىمىزنى يورۇققا چىقىرىشتا بىزگە غەمخورلۇق قىلىپ كېلىۋاتقان "مىر نەشرىياتى"غا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرمەكچىمەن.»

فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى خالمىنەم مەسىموۋا ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەلۇمكى، ھازىرقى سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇنۇسلىق ئىنستىتۇتى تەركىپىدە 1996 - يىلدىن بۇيان ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ پائالىيىتى 1949 - يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى ئۇيغۇر - تۇڭگان مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش مەركىزىدىن باشلىنىدۇ، دېسەم خاتالاشقان بولمايمەن. چۈنكى دەسلەپكى بۇ مەركەزدە يۈز بەرگەن بىر قاتار ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، 1963 - يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېنىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى قۇرۇلدى، ئاندىن كېيىن شۇنىڭ ئاساسىدا 1986 - يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭدا تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت، مەنبەشۇناسلىق، تارىخ ۋە ئېتنوگرافىيە، ئېتنو - ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئۆگىنىش قاتارلىق بىر نەچچە بۆلۈملەر ئىشلىگەن بولۇپ، ئىنستىتۇتنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەندى، مەشھۇر ئالىم، ئاكادېمىك غوجاخمەت سەدۋاقاسوف، 1991 - يىلى ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورۇنباسارى كوممۇنار تالىپوف 1996 - يىلغىچە، يەنى مەزكۇر ئىنستىتۇت مەركەز بولۇپ قايتا قۇرۇلغانغىچە باشقۇردى. ك. تالىپوف 2007 - يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەركەزگە تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى رىسالەت كەرىموۋا رەھبەرلىك قىلىدۇ. ھازىر بىزدە ئونغا يېقىن خادىم ئىشلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۈچ تارىخچى، بىر تىلشۇناس ۋە تۆرت ئەدەبىياتشۇناس ئالىم، بىر ياش مۇتەخەسسىس ئىشلەيدۇ.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى، دوكتور ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئاكادېمىك، مەرھۇم غوجەخمەت سەدۋاقاسوف رەھبەرلىكىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۆز ۋاقتىدا كۆپلىگەن ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىنى مەركەزلەشتۈرۈش، ئۇنىڭغا يېڭى يۆنىلىش بېرىش، ماۋزۇ دائىرىسىنى كېڭەيتىش بويىچە كۆپ ئىزدەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «قازاقىستان ئۆز مۇستەقىللىقىنى ئېلىپ، ئىقتىسادىي ئېغىرچىلىقلار پەيدا بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ئىلىم ئوچاقلىرى ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تەرەققىياتى يېڭى يۆنىلىشكە قاراپ بەت ئالدى. ھازىر قازاقىستاندا ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ زور قوشۇنى بار. بۈگۈنكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ر. كەرىموۋا باشچىلىقىدا ناھايىتى نۇرغۇن ئەمگەكلەر يورۇق كۆردى. بىر ئېچىنارلىق يېرى، بۇ ئەمگەكلەرنى خەلق ئۆزى ئوقۇش، ئۇنى تەرغىپ قىلىش، شۇ بويىچە پائالىيەت كۆرسىتىش مەسىلىسىدە بىزدە يېتىشمەسلىكلەر بار. بۇ يەتكەن ئۇتۇقلارنى كۆپلىگەن ئادەملىرىمىز بىلمەيدۇ. مۇشۇ ھالەت بەزىدە خەلقىمىزدە بۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى كۈچىدىن قالدى، دېگەن بىر كۆز قاراشنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. ئەمەلىيەتتە يامان ئەمەس. بۈگۈنكى ئۇيغۇرشۇناسلىقىمىز خېلىلا نۇرغۇن ئىش - پائالىيەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىدۇ.»

ئا. ھەمرايېف قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ئالىملار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەركەز تەرىپىدىن كۆپلىگەن ئەمگەكلەرنىڭ تەييارلىنىپ، نەشردىن چىققانلىقىنى، بولۇپمۇ «ئۇيغۇرشۇناسلىق: تارىخىي - فىلولوگىيىلىك تەتقىقاتلار» ناملىق كىتابنىڭ چىقىشىغا ئۇيغۇرشۇناسلىق تارىخىدىكى چوڭ بىر ۋەقە سۈپىتىدە قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت