ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بايدىن رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن.
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن.
wikipedia.org

ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىش نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىدە تۇرماقتا. ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پېتر پوروشېنكو شەرقىي ئۇكرائىنا دا تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنى قارشى ئالدى. ئەمما ھازىرغىچە رۇسىيە تەرەپتىن قانداق قەدەملەر بېسىلىشى نامەلۇم بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ رۇسىيەنى ئۇكرائىنادا تىنچلىق ئورنىتىشقا ماسلىشىشقا دەۋەت قىلدى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن ئەگەر رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ شەرقىي ئۇكرائىنادىكى بۆلگۈنچىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ زوراۋانلىقىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلمىسا، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقچىلىرىنىڭ رۇسىيەنى تېخىمۇ چوڭ بەدەل تۆلەشكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جوۋ بايدىن رۇسىيەگە قاراتقان بۇ ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پېتر پوروشېنكو بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە ئېيتقان. ئاق ساراي بۇ ھەقتە مەلۇمات تارقاتتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پوروشېنكو ئۆزىنىڭ شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسىيە پەرەس كۈچلەرگە قارىتا بىر تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىنچلىق پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

جوۋ بايدىن سۆزىدە رۇسىيەنىڭ قورال بىلەن تەمىنلەش ۋە قوراللىق شەخسلەرنى ئۆز چېگراسى ئارقىلىق ئەۋەتىشنى توختاتمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئاقساراينىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جوۋ بايدىن ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پېتر پوروشېنكونىڭ تىنچلىق پىلانىنى يۇقىرى باھالىغان. باياناتتا «ئۇنىڭ تىنچلىق پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مەملىكەتنى بىرلەشتۈرۈش ۋە پۈتۈن ئۇكرائىنانىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىغان كەلگۈسى ئۈچۈن ئالغا قەدەم تاشلاشتىن ئىبارەتتۇر» دېيىلگەن.

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە ناتو رۇسىيەنىڭ شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرەس قوراللىق گۇرۇپپىلارنى قورال-ياراق ۋە ھەربىي مەشقاۋۇللار بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىۋاتقان بولۇپ، بىراق رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە. غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە، شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرەس قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە رۇسىيە كۆرۈنەرلىك رول ئوينايدۇ.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەپەرەس قوراللىق كۈچلەرنىڭ قولىدا ھەر خىل قوراللاردىن باشقا يەنە بىر قانچە تانكىمۇ بار بولۇپ، ئەمما رۇسىيەپەرەس گۇرۇپپىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ قوراللار ۋە تانكىلارنى ئۇكرائىنا ئارمىيىسىدىن ئولجا ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر شەرقىي ئۇكرائىنادىكى دونېتسك ۋە لۇگانكس رايونلىرىدا توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيەپەرەس قوراللىق گۇرۇپپىلار پېتر پوروشېنكونىڭ قورال تاشلاپ، ئۇرۇش توختىتىشتىن ئىبارەت تىنچلىق چاقىرىقىنى ئاڭلىمىغان. پەيشەنبە كۈنى دونېتسك ئوبلاستىدىكى سلاۋىيانسك شەھىرىگە يېقىن كراسنىي لىمان دېگەندە جايدا ئۇكرائىنا ئارمىيىسى بىلەن رۇسىيەپەرەس قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدا جەڭ يۈز بەرگەن.

ھازىر شەرقىي ئۇكرائىنادا ئىككى تەرەپتىن بىر قانچە مىڭ كىشى جەڭ قىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە 147 نەپەر ئۇكرائىن ھەربىي خادىمى ئۆلگەن ۋە كۆپ ساندىكى ئادەم يارىلانغان. تېخى ئالدىنقى ھەپتە ئۇكرائىنانىڭ بىر ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانى رۇسىيەپەرەس كۈچلەر تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلۈپ، 49 ھەربىي خادىم ئۆلگەن ئىدى.

پېتر پوروشېنكو سەيشەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان بولۇپ، ئۇ پۇتىن بىلەن بولغان سۆھبەتتىن كېيىن بىر تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش تىنچلىق پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. پوروشېنكو بۇ پىلانى ھەققىدە گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل بىلەنمۇ سۆزلەشكەن.

پوروشېنكونىڭ تىنچلىق پىلانىنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىمۇ قارشى ئالغان بولۇپ، باياناتچى جىن پىساكى ئامېرىكانىڭ پرېزىدېنت پوروشېنكونىڭ ئۇرۇش توختىتىش باياناتىنى تىنچلىق پىلانىنىڭ يېڭى باسقۇچى سۈپىتىدە قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئەمما، رۇسىيەنىڭ بۇ پىلاننى قوللىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

پوروشېنكونىڭ تىنچلىق پىلانى ئەمەلگە ئاشامدۇ-يوق، موسكۋا بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەمدۇ يوق، بۇ ھازىرچە نامەلۇم. تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىش-ئاشماسلىق رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىش-ياخشىلانماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا مەۋھۇم قارىماقتا. قىرىم تاتار زىيالىيسى، سىياسەتشۇناس زەفەر قاراتاي ئەپەندىنىڭ كۆزىتىشىچە ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى قىيىن مەسىلە.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇكرائىن ۋە رۇسلار يېقىن قېرىنداش خەلق، قېرىنداش مىللەتلەر ئىدى. ئۇلار ئەسلىدە ئاسان ئىتتىپاقلىشىشى مۇمكىن ئىدى، ئەمما ئەمما بۇ ۋەقەلىرىدىن كېيىن، ئۇكرائىنالار تۇيدى، ئەمدى ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ياخشى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلار ئارىسىدا سىياسەت ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن، ھېچقاچان سەمىمىيەت بولمايدۇ، پوروشېنكومۇ بۇ مەسىلىلەردە دىئالوگ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ياۋروپالىقلارمۇ خالايدۇ. ئەمما، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدا كۈچلۈك، ياخشى مۇناسىۋەت بۆلىشى قىيىن، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە پۇتىن ئەمدى ئۆزىنىڭ قېرىنداش مىللىي خەلق ئۇكرائىنلارنىڭ ئىشەنچى ۋە دوستلۇقىدىن ئايرىلىپ قالدى.

دۈشەنبە كۈنى رۇسىيەنى ياۋروپاغا تۇتاشتۇرىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن پارتلىتىۋېتىلگەندىن كېيىن رۇسىيە تەرەپ ئۇكرائىنانى گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىۋەتكەن بولۇپ، كىيېۋ ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە رۇسىيەنى ئەيىبلىدى شۇنىڭدەك غەرب شىركەتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا كىرىپ، گاز تۇرۇبا ئىشلىرىنى قىلىشىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

مۇتەخەسسىس مارگارىتا ئارسېنوۋانىڭ قارىشىچە، ئەگەر رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدىكى توقۇنۇش كۈچەيگەنسېرى رۇسىيەنىڭ تارتىدىغان زىيىنى ئېغىر بولىدۇ. ئەگەر رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدىكى توقۇنۇش داۋاملىشىۋەرسە، رۇسىيە تەبىئىي گازلىرىنى ماڭدۇرىدىغان باشقا يوللارنى ئىزدىسە، بۇ توقۇنۇشنى ھەل قىلىشقا ياردەم كۆرسەتمەيدۇ، ئەگەر ئۇ باشقا يوللارنى تاپالمىسا، يەنى بالقانغا چىقىدىغان يول تاپالمىسا، ئۇ چاغدا رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن توقۇنۇشنى ھەل قىلىشقا تۇتۇش قىلىدۇ دەيدۇ.

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە تەرەپتىن پوروشېنكونىڭ تىنچلىق پىلانىغا ماسلىشىش ئەھۋالى تېخى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، ئەكسىچە رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئۇكرائىنا چېگرالىرىغا توپلانغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر مەيدانغا چىقماقتا.

رۇسىيەنىڭ «نېۋس. رۇ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ مانېۋىر قىلىش مەقسىتىدە ئۇكرائىنا چېگرالىرىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، پەيشەنبە كۈنى رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا قايتا توپلىنىش ئەھۋالى ناتونىڭمۇ ئىنكاس بىلدۈرۈشىگە دۇچ كەلدى. ناتو باش سېكرېتارى فوگ راسمۇسسېن ئۇكرائىنا چېگراسىغا كەم دېگەندە يەنە بىر قانچە مىڭ قوشۇننىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە رۇسىيەنىڭ داۋاملىق تۈردە ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ يەنە بۇنىڭ رۇسىيەگە قارىتا تېخىمۇ زور ئىقتىسادىي ئېمبارگونى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىراق رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ناتو باش سېكرېتارى راسسمۇسسىننىڭ باياناتىغا چۈشەنچە بېرىشنى رەت قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت