خەلقئارا ئانا تىلى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئانا تىلى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2014-02-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
4-نۆۋەتلىك ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق رىياسەتچىلىك قىلدى. 2014-يىلى 23-فېۋرال، ئىستانبۇل.
4-نۆۋەتلىك ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق رىياسەتچىلىك قىلدى. 2014-يىلى 23-فېۋرال، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

خەلقئارا ئانا تىلى بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 2014-يىلى 23-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا 4-نۆۋەتلىك ئانا تىلى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابلەت تۇران ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

يىغىندا، پەن-تەتقىقات ئالىمى دوكتور ئەركىن سىدىقنىڭ يىغىننى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئانا تىل توغرىسىدا يوللىغان ماقالىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «تىل ھەر بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئېگىز مۇنارى. ئەگەر ئاسسىمىلياتسىيە بىر مىللەتنىڭ كىملىكىنى بىتچىت قىلىۋېتىدىكەن، ئۇ مىللەتنىڭ خەلقىمۇ يوقىلىدۇ. تىل بىلەن مەدەنىيەتنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئايرىۋېتىلىدىكەن، تىل پەقەت بىر قورال، ياكى بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بىزنىڭ تىلىمىز بىلەن مەدەنىيىتىمىز بىزنىڭ كىملىكىمىز بولۇپ، ئۇلار بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى، بىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىمىزنى، ۋە بىزنىڭ نەگە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز مۇشۇ زېمىندىن، ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ ماكانىدىن كەلگەن. بىز مۇشۇ زېمىنغا مەنسۇپ ۋە ئۇنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى مۇشۇ زېمىندىن تاپىمىز. بىزنىڭ تىلىمىز بىزنى مۇشۇ بىر ھەقىقەتكە قايتا-قايتىلاپ ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنى تولۇق چۈشىنىش بىزنىڭ ئۆز تىلىمىز بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاش، كۈچەيتىش ۋە كېڭەيتىشىمىزنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتىمۇ زۆرۈر. ئانا تىلىمىز ياراتقۇچىمىزدىن كەلگەن بىر سوۋغات. بۇنداق مۇقەددەس سوۋغاتنى ئەۋلادتىن ‏- ئەۋلادقا ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش، ئۇنىڭ يوقىلىپ كېتىشىگە يول قويماسلىق كېرەك. بىزنىڭ ئانا تىلىمىز بولمايدىكەن، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس.»

يىغىندا ئۇيغۇر زىيالىي باتۇر قاراخانلى «ئانا تىل يولىدا» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. تىلشۇناس تەتقىقاتچى قۇددۇس ھاپىز، «ئۇيغۇر يېزىقى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان رەزىل ئويۇنلار» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

يىغىندا، «ئانا تىل»، «سادىر پالۋان»، «ئىز» قاتارلىق شېئىرلار دېكلاماتسىيە قىلىندى. ئۇيغۇر زىيالىي شۇنداقلا ئاۋاز سەنئەتچى سىراجىدىن فەتھىدىن « ئانا تىل» دېگەن شېئىرنى جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا «ئانا تىلىنى قانداق قوغدايمىز» دېگەن تېمىدا ئەركىن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابلەت تۇران ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابلەت تۇران ئەپەندى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى قانداق قوغداپ قېلىش توغرىسىدا چارىلەرنى تېپىپ چىقىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت