ئاراتۈركتىكى ئات ھەمدەپنە قىلىنغان قەدىمىي قەبرىلەر نېمە دەيدۇ؟

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-10-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ قىرساي قەدىمىي قەبرىستانلىقىغا ھەمدەپنە قىلىنغان 2300 يىللىق ئاتلارنىڭ ئىسكىلىتى
ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ قىرساي قەدىمىي قەبرىستانلىقىغا ھەمدەپنە قىلىنغان 2300 يىللىق ئاتلارنىڭ ئىسكىلىتى
(مەنبە: تەڭرىتاغ تورى)

يېقىندا ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ قىرساي كەنتىدىن ئات ھەمدەپنە قىلىنغان 2300 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي قەبرىلەر بايقالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قەبرىلەر قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئاراتۈرك ناھىيەسىگە قاراشلىق قىرساي كەنتىگە 300 مېتىر كېلىدىغان دائىرىگە جايلاشقان.

بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقات ئورنى مەخسۇس بىر ئارخېولوگىيەلىك قېزىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ مەزكۇر قەبرىلەرنى قازغان.

قېزىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، مەزكۇر قەبرىلەرگە ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ ئېسىل يۈگرۈك ئاتلار تاللىنىپ ئۆلگۈچىگە قۇربانلىق قىلىنغان ۋە ھەمدەپنە سۈپىتىدە كۆمۈلگەن. قەبرىلەردىكى ئادەم جەسەتلىرىنىڭ ئىسكىلىتلىرى بىلەن ئۇنىڭغا ھەمدەپنە قىلىنغان ئاتلارنىڭ بەدەن ئىسكىلىتلىرى ئۆز پېتى ساقلانغان. قازغۇچىلار قەبرىلەرگە ھەمدەپنە قىلىنغان ئاتلارنىڭ ئىسكىلىتلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ ساغلام ئاتلار ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيە گۆتتېنگەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئابلەت سەمەت بۈگۈنكى ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ قەدىمكى زامانلاردا ھون، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئەجدادلىرىنىڭ ئات مەدەنىيىتى ياراتقان مۇھىم رايونلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قۇمۇلغا قىلغان ئىلمىي تەكشۈرۈش سەپىرىدە ئاراتۈرك تاغلىرىدىن ئات، بۇغا، جەرەن قاتارلىق ھايۋاناتلار سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن قىيا تاش رەسىملىرىنى كۆرگەنلىكىنى، بۇ رايوننىڭ قەدىمكى ھون، ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەر پائالىيەت ئېلىپ بارغان بەلباغلاردىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور قاھار بارات ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالتاي ۋە تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىنىڭ قەدىمدىن بۇيان سىسىيان، ھون، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەبىلىلىرىنىڭ ئات ئارقىلىق تارىخ سەھنىسىگە چىققان ماكان بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئاراتۈركتىكى قىرساي قەدىمىي قەبرىستانلىقىنى قېزىشقا قاتناشقان خىتاي ئارخېولوگى ۋاڭ يۇڭچياڭ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «مەزكۇر قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان ھەمدەپنە ھايۋانلار ۋە بۇيۇملاردىن قارىغاندا، ئۇ جۇڭگو ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدىكى قەدىمىي قەبرىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە يېقىنلىشىدۇ.» ھالبۇكى، بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى ۋاڭ يۇڭچياڭنىڭ بۇ ھۆكۈمىنى رەت قىلىدۇ.

دوكتور ئابلەت سەمەت ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىن بايقالغان ئات بىلەن باغلىق بولغان ھەرقانداق بىر مەدەنىيەتنىڭ شەك-شۈبھىسىزكى، بۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

قاھار بارات ئەپەندىمۇ شىمالىي ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى قەدىمكى ئاتلىقلار مەدەنىيىتىنىڭ ھەرگىزمۇ خۋاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېگىرى سۈرىدۇ.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت