بۇنىڭدىن 80 يىل مۇقەددەم باشلانغان «چوڭ تېررور» سىياسىتى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئېلىپ كەلگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017-01-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
جوسېف ستالىن.
جوسېف ستالىن.
www.google.com

مەلۇمكى، بۇنىڭدىن 80 يىل ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ستالىن رەھبەرلىكى تەرىپىدىن مىسلى كۆرۈلمىگەن ئاممىۋى سىياسىي تەرىپلەشلەر باشلىنىپ، تارىختا بۇ ۋەقە «چوڭ تېررور» دەپ ئاتالدى. بولۇپمۇ، 1937-ۋە 1938-يىللىرى ئەۋج ئالغان بۇ سىياسەتنىڭ ئاقىۋىتىدە مىڭلىغان دۆلەت ۋە پارتىيە ئەربابلىرى، ئالىملار، يازغۇچىلار، دوختۇرلار، دېھقانلار، ھەربىيلەر ۋە باشقىمۇ ھەر ساھە ۋەكىللىرى تۈرلۈك سىياسىي قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ، ئېتىپ تاشلاندى، تۈرمىگە سولاندى، سۈرگۈن قىلىندى ۋەھاكازا.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پەقەت 1936-يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدىن 1938-يىلنىڭ نويابىر ئېيىغىچە بولغان ئارىلىقتا 1 مىليون 710 مىڭ ئادەم تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇلاردىن 1 مىليون 440 مىڭ ئادەم جازالانغان ئىدى.

رۇسىيە تارىخچىلىرىدىن ن. ئوخوتىن ۋە ئا. روگىنسكىينىڭ 2007-يىلى نەشر قىلغان «چوڭ تېررور: 1937 ۋە 1938. قىسقىچە ۋەقەنامە» ناملىق ئەمگىكىدە ئېيتىلىشىچە، باشقا تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پەقەت 1936-يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدىن 1938-يىلنىڭ نويابىر ئېيىغىچە بولغان ئارىلىقتا 1 مىليون 710 مىڭ ئادەم تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇلاردىن 1 مىليون 440 مىڭ ئادەم جازالانغان ئىدى.

1936-يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدىن 1937-يىلنىڭ نويابىر ئېيىغىچە بولغان ئارىلىقتا جازالىغۇچى ئورگانلارنى قايتا قۇرۇش ئىشلىرى يۈرگۈزۈلۈپ، پارتىيە، ھەربىي، ھۆكۈمەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە ئىشلەۋاتقان گۇمانلىق شەخسلەر ئېنىقلىنىپ، قارا تىزىمغا ئېلىندى. 1937-يىلى 23-يانۋاردىن 30-يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا موسكۋادا تروتسكىيچىلار مەركىزىنىڭ ئىشى بويىچە ئوچۇق سوت بولۇپ، 13 كىشى گېرمانىيە، ياپونىيە پايدىسىغا جاسۇسلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. بۇ ئەنە شۇ ئاممىۋى تەقىبلەشنىڭ باشلىنىشى ئىدى. سوۋېت دۆلىتىگە قارشى چىقتى دېگەن ئەيىب بىلەن قاماققا ئېلىنغانلارنىڭ بارلىقىغا «خەلق دۈشمىنى» ئاتالغۇسى قوللىنىلدى.

بۇ سىياسەتتىن ئاساسىي جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيادا، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ قاتتىق زەرداب چەكتى.

سىياسىي تەقىبلەشلەر مۇتەخەسسىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوفنىڭ پىكرىچە، 1918-يىلقى ئاتۇ پاجىئەسىدىن كېيىن، 30-يىللىرى باشلانغان سىياسىي تەقىبلەشلەر يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدىكى قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يەنە بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئارىمىزدا يازغۇچىلار، ئالىملار، مۇئەللىملەر ۋە باشقىلار يېتىلىپ چىقىۋاتقان مەزگىلدە 1937-يىلى باشلانغان ۋەقە شۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئېغىر ئاپەت بولدى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە كېڭەش دەۋرىدە شەكىللىنىشكە باشلىغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى يوققا چىقتى. ئۇرۇشنى ئاز دېگەندەك، ئۇرۇشتىن كېيىنمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر يۈز بەردى».

1937-يىلى باشلانغان ئاممىۋى تەقىبلەش سىياسىتى داۋامىدا يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە دەسلەپكىلەردىن بولۇپ ئېتىپ تاشلانغانلاردىن بىرى يازغۇچى، مەرىپەتچى ئابدۇلھەي مۇھەممەدىدۇر. ئۇ ئالماتادا مۇئەللىملەر كۇرسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1919-ۋە 1926-يىللار ئارىلىقىدا تاشكەنت ۋە موسكۋا شەھەرلىرىدە بىلىم تەھسىل قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئا. مۇھەممەدى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىدە، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان شەخس.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئا. مۇھەممەدىنىڭ قىزى جېنەستە ھەدە دادىسى تۇتۇلۇپ كەتكەندە ئۆزىنىڭ تۆت ياشتا ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «دادامنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنى بىر قېتىم كۆرگىنىمىزمۇ يوق. تاشكەنتتىن كەتكۈزۈۋەتتى بىزنى. بىر سوتكىنىڭ ئىچىدە كەتمىسەڭلار سولايمىز دەپتىكەن، ئاپام ھەممىنى سېتىپ، بېرىۋېتىپ ئالماتاغا كەلدۇق. بۇ يەردە ئۇرۇق-تۇغقانلار بار ئىدى، ھەممىسى قورقىدۇ. خەلق دۈشمىنىنىڭ ئائىلىسى دېگەنلەرمۇ بار. ئاپام ناھايىتى قىينىلىپ، بايسېيىتقا كەتتۇق. ئۇ يەردە سەككىز يىل تۇرۇپ، يەنە ئالماتاغا كەلدۇق. مەن ھېچ قاچان دادامنى ۋە باشقىلارنى ئەيىبلىمەيمەن. مېنىڭ دادام ئابدۇلھەي مۇھەممەدى دەپ ھەر قاچان پەخىرلىنىمەن».

كىشىلەرنى سوۋېت تۈزۈمىگە دۈشمەنلىكتە ئەيىبلەش، ساختا سىياسىي قالپاقلار بىلەن ھاقارەتلەش ئوخشاش ئىشلار ئۇرۇش يىللىرىمۇ داۋام قىلغان ئىدى. سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى يىللىرى ئوزۇق-تۈلۈك، كىيىم-كېچەك ۋە باشقىلار ئۇرۇش مەيدانىغا ئەۋەتىلگەنلىكتىن، ئاددىي خەلق ئاچارچىلىقنىڭ، كەمبەغەلچىلىكنىڭ دەردىنى كۆپ تارتتى. ئالماتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى مۇھەممەتجان ئابدۇللايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇرۇش يىللىرىمۇ كىشىلەر سەۋەبسىز ئەيىبلەر بىلەن تۈرمىلەرگە قامالدى، سۈرگۈن قىلىندى، خىزمەتلىرىدىن ئايرىلدى. ئۇ دادىسى مۇپتۇللانىڭ ئۇرۇش يىللىرى كۆرگەن ئازابلىرىغا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «دادام غالجاتتا تۇغۇلغان. چوڭ دادام ئۇرۇشقا كېتىپ، بالىلىرى قالغاندا، دادام ئۇلارغا بۇغداي ئېلىپ چىقىمەن دەپ ئۇنى ئوغرىلىغان. دادامنى تۇتۇۋېلىپ ياركەنتكە ئېلىپ بېرىپ، شۇ يەردە قىيناپ، سەن جاسۇس دېگەن ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا دادام تېرگاۋچىنىڭ بېشىغا ئۈستەل بىلەن ئۇرغان. دادامنى ئون يىللىق كېسىپ، سىبىرغا ھەيدىۋەتكەن ئىدى. 1949-يىلى بوشىتىلدى. دادام سوۋېت ۋاقتىدا ‹ئادەملەر ئۆلگەندە بىز ئۇلارنى چانىغا سېلىپ، ئورمانغا تاشلىۋېتەتتۇق› دېگەندە ئىشەنمەيتتۇق. كېيىن، يەنى 90-يىللىرى بۇنى چۈشەندۇق».

م. ئابدۇللايېف دادىسى قاماقتىن بوشىتىلغان بولسىمۇ ئۇزاق ۋاقىتقىچە بۇنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقانلىقىنى، مىڭلىغان بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ سولانغانلىقىنى ئاز دېگەندەك ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنىڭمۇ قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ شۇنداقلا بۇ دەھشەتلىك ۋەقەلەرنىڭ ئۆتكىنىگە ئۇزۇن يىللار بولسىمۇ، لېكىن خەلقنىڭ بۇنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى، ھەر يىلى بۇنىڭغا بېغىشلاپ خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت