ئالىم ئەنىۋەر ھاجىيېف ۋە ناخشىچى مۇرات ناسىروف - ئۇيغۇرلارنىڭ قوش يۇلتۇزى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014-06-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەنىۋەر ھاجىيېف ئەپەندى (ئوڭدىن بىرىنجى)
ئەنىۋەر ھاجىيېف ئەپەندى (ئوڭدىن بىرىنجى)
RFA/Oyghan


قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار دائىم ئۆزلىرىنىڭ ئاتاقلىق نامايەندىلىرىنى ياد ئېتىپ كەلمەكتە. شۇلار ئارىسىدا پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيەدىمۇ داڭقى چىققان ئالىملاردىن ئەنىۋەر ھاجىيېف ۋە ناخشىچى مۇرات ناسىروفمۇ بار. بۇ ئىككى نامايەندە مۇشۇ كۈنگىچە بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە قوش يۇلتۇز سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ، چۈنكى ھەر ئىككىسى بىر تۇغقاننىڭ بالىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىمۇ قىسقا بولغان.

ئەدلىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ئەنىۋەر ھاجىيېف گۇمىليېف نامىدىكى ياۋروئاسىيا مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گراژدانلىق، تەبىئىي مەنبەلەر ۋە ئېكولوگىيىلىك ھوقۇق بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى، دۆلەت ھوقۇق تەتقىقاتلىرى، قانۇن تەييارلاش ۋە ئانالىز ئىنستىتۇتى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋە مەركەز يېنىدىكى ئانالىتىكىلىق تەھلىل كېڭىشىنىڭ رەئىسى قاتارلىق لاۋازىملاردا ئىشلىگەن. ئۇ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي مائارىپىنى راۋاجلاشدۇرۇشقا زور ھەسسە قوشقان بولۇپ، خەلق ئارىسىدا ئابرۇيى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئىدى. ئە. ھاجىيېف 2009 - يىلنىڭ 17 - ئىيۇل كۈنى 51 يېشىدا ئاستانا شەھىرىدە پاجىئەلىك ۋاپات بولدى.

مۇرات ناسىروف بولسا، ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 21 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رۇسىيە مۇزىكا ھەم ناخشا سەنئىتىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، موسكۋادىكى گنېسىن مۇزىكا مەكتىپىدە بىلىم ئالغان. م. ناسىروف دەسلەپكى قېتىم 1991 - يىلى يالتا شەھىرىدە ئۆتكەن سەنئەت مۇسابىقىسىدە باش مۇكاپاتقا مۇيەسسەر بولۇپ، ئاتاقلىق رۇس سەنئەتچىلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ناخشا ئىجات قىلىشقا ئاكتىپ كىرىشىپ، رۇس تىلىدا توپلاملىرىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىدا «قالدىم يالغۇز» ناملىق ناخشىلار توپلىمىنى چىقاردى. ئۇ 2007 - يىلى 20 - يانۋاردا 38 يېشىدا موسكۋادا پاجىئەلىك ۋاپات بولدى.

بۇ ئىككى زادنى نېمە باغلاشتۇرىدۇ؟ ئۇلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولدى؟ بۇ ھەققىدە ئۇلارنىڭ ئانىلىرى، ھەدە ۋە سىڭىل - بەدىگۈل ھاجىيېۋا ۋە خاتىرەم ناسىروۋا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇلار ئەنىۋەر ۋە مۇراتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەمەس، بەلكى تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەت بىلەن ئارىلاشقانلىقىنى، كېيىنىرەك، يەنى ھەر ئىككىلىسى ئوقۇپ، تونۇلغاندىن كېيىن بىر - بىرى بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇلار شۇنداقلا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئىنسانىي خىسلەتلىرىدىكى ئوخشاشلىقلارنى ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت