گوللاندىيەدىكى تۈرك پائالىيەتچى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز كىملىكىنى قاتتىق قوغداشقا چاقىردى

2015-12-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئارىف ياكىشىر ئەپەندى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە.
ئارىف ياكىشىر ئەپەندى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە.
RFA/Pidaiy

يېقىندا «گوللاندىيە تۈرك ئىسلام مەدەنىيەت جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى» نىڭ رەئىسى ئارىف ياكېشىر رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى قانداق ساقلىشى كېرەك؟» دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەردىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئارىف ياكېشىر يېقىندا گوللاندىيە «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ مەركىزىنى زىيارەت قىلغاندا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ، ش ت مائارىپ جەمئىيىتىگە د ئۇ ق رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن. رابىيە قادىر خانىم بولسا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر، تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ 12‏- دېكابىر ئامستېردامدا ئۆتكۈزگەن ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن گوللاندىيەگە بارغان ئىدى.

ئارىف ياكىشىر ئەپەندى يىللاردىن بىرى تۈرك سىستېمىسىدىكى جەمئىيەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ ياۋروپادا نامايان بولۇشىغا كۈچ قوشۇپ كېلىۋاتقان ھوسۇللۇق ئادەم.

ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، گوللاندىيەدىكى دىيانەت ئىشلىرى ۋەخپى دىنىي يۆنىلىشتە؛ تۈرك ئىسلام كۈلتۈر جەمئىيەتلىرى فدراتسىيونى سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت-كۈلتۈر، تەلىم-تەربىيە ۋە ساغلاملىق قاتارلىق ھەر ساھەلىرىدە، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان تۈرك سىستېمىسىغا تەۋە ۋەتەنداشلارغا خىزمەت سۇنۇۋاتقان بىر قۇرۇلمىدۇر.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق خىزمەتلىرىدىن بىرى، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ گوللاندىيە مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا ئالاقىدار قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان شەھەر-يېزىلاردىكى مەسچىت ۋە جەمئىيەتكە ئورۇنلاردا كۇرس ئۇيۇشتۇرۇش، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇش مەقسىتىدە لېكسىيە ۋە مۇزاكىرە پروگراممىلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئەۋلادلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، قولىمىزدىن كېلىدىغانلىكى خىزمەتلەرنى قىلىۋاتماقتىمىز.»

ئارىف ياكىشىر ئەپەندى يۇقىرىقى خىزمەتلەرگە سەۋەب بولمىش ئامىللار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ: «بىز ھەممىمىز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ بۇ يەرلەرگە كېلىپ ئەڭ تۆۋەن قاتلاملاردا ياشاشتەك تارىخىي كەچمىشىگە خاتىمە بېرىپ، ئەۋلادلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە تەربىيىلىنىشى ۋە يۇقىرى قاتلاملاردا خىزمەت قىلالىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. بۇ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئۆز نەسەبى ۋە مىللىي كىملىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ۋە ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە ياردەم بېرەلەيدىغان بولۇپ يېتىلىشى مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىللاردا شۇ خىل تەلەپكە ئۇيغۇن ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى تەخمىنەن 17‏% ئەتراپىدا بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ سەۋىيەدىكى ئەۋلادلارنىڭ سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش نىشان قىلىنماقتا ئىكەن.

ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ: «بۈگۈن بۇ يەردە بىز شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ دۇنياۋى ئاۋازى بولغان، يۈرىكى بولغان، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىگە تەرجىمان بولغان قېرىندىشىمىز، ھەمشىرىمىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىر قانچە كۈندىن بىرى تۈرلۈك جەمئىيەت ۋە ئورگانلاردا زىيارەتتە بولغىنىدەك، بۈگۈن بۇ يەردە بولىدىغانلىقىدىن خەۋەردار ئىدۇق. ئۇ يىللار ئىلگىرى گوللاندىيەدە قىلغان زىيارەتلىرىدىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇشقا، سۆھبەتلىشىشكە مۇيەسسەر بولغان ئىدۇق. بىزنىڭ كۆڭلىمىزدە ھەمشىرىمىزنىڭ ئورنى يۇقىرى بولغاچقا، گەرچە تېلېۋىزور، گېزىت-ژۇرنال ۋە ئىنتېرنېتلەردىن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بولساقمۇ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئېغزىدىن بىر ئاڭلاش، ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەن بولدۇق ۋە شۇ باھانىدە بۇ ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىنى زىيارەت قىلىش ۋە ئۇلارغا خەيرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەش مەقسىتىدە كېلىپ سىز بىلەن كۆرۈشۈپ قالدۇق» دېدى.

ئۇ گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىگە جايلاشقان بۇ ئورۇننىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن ۋاقىپ بولغاندىن كېيىنكى خۇشاللىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ يەردىكى قېرىنداشلارنىڭ بىر لەھزە بولسىمۇ، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى بەرپا قىلمىغى، ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. ھازىر گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ سانى بەك ئاز. مېنىڭچە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە كېلىپ جەم بولالىشىغا ئۇيغۇن بىر يەرنىڭ ھازىرلىنىشىنىڭ ئۆزىلا چوڭ بىر ئىش. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشقا ۋەسىيلە بولغان قېرىنداشلىرىمنى تەبرىكلەيمەن. بۇ يەرنىڭ سېتىۋېلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. گوللاندىيە مىقياسىدا بۇنداق بىر ئورۇننىڭ ھەل بولۇپ، ئەڭ ئاز دېگەندە ئىجتىمائىي، سىياسىي، كۈلتۈرەل ۋە تەربىيە ساھەسىدە پائالىيەت قىلالىغۇدەك بىر ھالغا كېلىشى مېنى غورۇرلاندۇردى. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېرىنداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن.»

ئۇ يەنە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك-باراۋەرلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ قىسقا زاماندا، ئۆزىگە تەن بولغان بىر ئىشخانا سېتىۋېلىش ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلدى.

ئارىف ياكىشىر ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇھاجىرەتتىكى ھاياتتا مۇۋەپپەقىيەت قازانماق ئۈچۈن قىلىنىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىنسانلارنى بىر يەرگە جەملىگەن، تەشكىلاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرغان ئەڭ مۇھىم ئامىللار دىن، تىل، كۈلتۈر، ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت قاتارلىق ئورتاق قىممەتلەردۇر. يۇقىرىقى ئامىللارغا قارىتا پەرقلىق بىر يەردە ياشاۋاتىمىز. بىز بۇ يەردە ھەم ئۆزىمىزنى، ھەم ئەۋلادىمىزنى ھەم ۋەتىنىمىزدە قالغان خەلقىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇرمىز. بىز ئەمدى، بۇ يەردە ماكانلاشقۇچىمىز. ئۇنداقكەن، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ دىن، تىل، تارىخ، كۈلتۈر، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت ۋە جامائەت شەكلىدىكى پائالىيەتلىرىمىزنى ئىنتايىن مۇكەممەل شەكىلدە ئۆگىنىشى ۋە داۋام قىلىشى مۇھىمدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە بىر ئورۇنغا ئېھتىياجىمىز بار. بىر مەسچىتكە ئېھتىياجىمىز بار. بىر مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇش بىر قانچە ئون كىشىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ. بەلكى ھەممەيلەننىڭ ئورتاق ھەسسە قوشۇشىغا توغرا كېلىدۇ. بىز بۇ يەردە ئۆزىمىزنى تۈرلۈك غەملەردىن خالاس قىلىش ئۈچۈن يۇقىرى سەۋىيەدە بىلىم ئىگىلىشىمىز، ئىختىساس خادىملىرىمىزنى يېتىشتۈرۈشىمىز، ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچ توپلىشىمىز لازىم.»

ئۇ يەنە يەنە پەرزەنت تەربىيىسىدىكى مىللىي ۋە دىنىي ساھەلەرگە سۇس قاراشنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ۋەتەنداشلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەگەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ساھەلەردىكى تەلىم-تەربىيىگە ئەھمىيەت بەرمىسەك، ئەۋلادلىرىمىز ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئىچىدە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ، گوللاندىيەلىك، ياۋروپالىق، ئامېرىكىلىق بولۇپ كېتىدۇ. تۈرك بولۇپ كېتىدۇ. ئەرەب بولۇپ كېتىدۇ. تۈگەيدۇ! بۇنداق مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقاتقان بىر ئادەمدىن ھېچقانداق بىر پايدا كۈتكىلى بولمايدۇ.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت