ستالىن قۇرغان گۇلاگ لاگېرى ۋە ئۇنىڭغا تۇتۇلغان ئورتا ئاسىيا مەھبۇسلىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
پەرغانە قانىلىنى قېزىۋاتقان ئورتا ئاسىيادىكى گۇلاگ تۇتقۇنلىرى (مەنبە: Anne Applebaum, Gulag: a history, Penguin books, 2003; قۇتلان فوتوسى)
پەرغانە قانىلىنى قېزىۋاتقان ئورتا ئاسىيادىكى گۇلاگ تۇتقۇنلىرى (مەنبە: Anne Applebaum, Gulag: a history, Penguin books, 2003; قۇتلان فوتوسى)
RFA/Qutlan

1991-يىلى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئاشكارا بولغان مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ستالىننىڭ گۇلاگ لاگېرلىرىدا ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىنمۇ مىڭلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قامىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئاشكارا بولماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭمۇ بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ستالىن ھۆكۈمرانلىدىكى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا «گۇلاگ» نامى بىلەن ئاتالغان مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرى قۇرۇلغان بولۇپ مىليۇنلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ بۇ يەرلەرگە قامالغانلىقى ھەمدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مەلۇم. 1991 - يىلى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئاشكارا بولغان مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ستالىننىڭ گۇلاگ لاگېرلىرىدا ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىنمۇ مىڭلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قامىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئاشكارا بولماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭمۇ بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ناتسىستلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى گېرمانىيەدە 1930 - ۋە 1940 - يىللاردا مىليۇنلىغان يەھۇدىيلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغانلىقى ھەمدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلانغان. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىدا قىزىل تېررورلۇقنىڭ قۇربانى بولغان سان - ساناقسىز گۇلاگ مەھبۇسلىرى ھەققىدە ھازىرغىچە يېتەرلىك مەلۇماتلار ئېلان قىلىنغىنى يوق. ئۇنداقتا، ستالىن گۇلاگ لاگېرلىرىنى نېمە سەۋەبتىن قۇرغان، گۇلاگ لاگېرلىرىنىڭ ئىچ يۈزىگە نېمىلەر يوشۇرۇنغان، ئورتا ئاسىيادىكى قېرىنداش خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا گۇلاگ لاگېرلىرىغا تۇتۇلغان ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ تەقدىرى قانداق بولغان؟

ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم زىيالىيلاردىن فارۇق سادىق ئاكا ئۆز ھاياتىنىڭ بىر قىسمىنى ئەنە ئاشۇ سوۋېت تۈزۈمى ئاستىدا ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى گۇلاگ لاگېرلىرى ھەققىدە رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا چۈشەنچە بەردى.

1929 - يىلىدىن كېيىن ستالىن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ھەمدە كرىزىس ئىچىدە قالغان سوۋېت دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىلگىرىكى يەر - مۈلۈك ئىگىلىرى، ئاقسۆڭەكلەر، كوممۇنىزم مەپكۇرىسىگە قارشى كىشىلەر ۋە گۇمانلىق دەپ قارالغان گۇرۇپپىلارنى مەجبۇرىي ھالدا گۇلاگ لاگېرلىرىغا سۈرگۈن قىلغان.

فارۇق ئاكا ئۆز سۆزىدە يەنە ئەينى دەۋردە پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدە قۇرۇلغان يۈزلىگەن گۇلاگ لاگېرلىرىغا تاتارىستان ۋە ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىنمۇ مىڭلىغان ئىنسانلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن خېلى كۆپ ساندىكى تاتار ۋە ئۆزبەك بايلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە قېچىپ ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئاخىرىدا ئۇ، گۇلاگ لاگېرلىرىغا قامىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلغان ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەت مەھبۇسلارنىڭ ئېچىنىشلىق ھاياتى ۋە تەقدىرى ھەققىدە توختالدى ھەمدە بۈگۈنكى كۈندە بۇ تارىخنى قايتا ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت