ۋەتىنىگە قايتقان روھ: مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ ھايات بايانى-2

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-03-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى يىلىدا (2013-يىلى، گېرمانىيە)
مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى يىلىدا (2013-يىلى، گېرمانىيە)
RFA/Qutlan


1950-يىللاردىن كېيىن بىز ئۇچرىغان كۈلپەتلەر، جۈملىدىن «يەرلىك مىللەتچىلىك» كە قارىشى ھەرىكەتلەر، سوۋېت «رېۋىزىيونىزمچىلىرى» غا قارشى كۈرەشلەر ۋە «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ بوران-چاپقۇنلىرى يالغۇز بىزنىڭ ئائىلىنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەر ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كەلگەن پاجىئەلىك كەچمىشلەردۇر.

ھازىر ئويلاپ باقسام، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى مۇشۇ بىر قاتار ھەرىكەتلەر ئارقىلىق 1940-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلابتىن تاكى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» غىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر ئەۋلاد ياشلىرىمىز بىلەن مىللىي ئارمىيىدىن قەپ قالغان پېشقەدەملىرىمىزنى دەۋر ئېقىمىدىن سىقىپ چىقىرىۋېتىشنى پىلانلىغان ئىكەن.

مەن 1960-يىلىدىن 1966-يىلىغىچە دەسلەپتە غۇلجىدىكى ئۆزبېك مەكتەپنى پۈتتۈردۈم. ئاندىن غۇلجا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا جاھان مالىمانلىشىپ، ئوقۇشتىن توختاشقا مەجبۇر بولدۇم. دادام تارتىپ چىقىرىلىپ يىراققا سۈرگۈن قىلىنغان ۋە ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغان بولغاچقا، شۇ يىللاردا كىچىك تۇرۇپلا تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم. كاندا بالا ئىشچى بولۇپ ئىشلىدىم، ئاشخانىلاردا كاۋاپچىلىق ۋە لەڭپۇڭچىلىق قىلدىم، گازىر پۇرچاق ساتتىم. ئىشقىلىپ قىلغىلى بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدىم.

1970-يىلى ئائىلىمىز بويىچە غۇلجا شەھىرىدىن ھەيدىلىپ غۇلجا ناھىيەسىگە سۈرگۈن قىلىندۇق. مەن غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام يېزىسىغا «زىيالىي ياش» بولۇپ چېنىقىشقا چۈشتۈم. ھاياتىمنىڭ نەۋقىران چاغلىرى يېزىدا ھارۋا ھەيدەپ، ئېتىز ئىشى بىلەن ئۆتتى. شۇ چۈشكەنچە يېڭىتام يېزىسىدا 4 يىل ئەمگەك قىلدىم. ھايات گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما خەلقىمىزنىڭ قوينىدا بۇ ئېغىر كۈنلەرنى ئۇلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزدۈم. يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن ئەنە شۇ يىللاردا تونۇشتۇم. ئۇنىڭ يۇرتى بوستان يېزىسىدا ئۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن سۆھبەتلەردە بىللە بولدۇم.

1974-يىلى ھاياتىمدا بۇرۇلۇش بولدى. مەن چۈشكەن يېزىغا «پومېشچىك، باي دېھقان ۋە باي سودىگەرلەرنىڭ بالىلىرىدىن تەربىيەلەشكە بولىدىغان نامزات» كۆرسىتىپ بېرىشكە بىر سان كەپتۇ. تەلىيىم كېلىپ مېنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىشتى. شۇنداق قىلىپ، شۇ يىلى مەن يېزىدىكى ئەمگەك قىلىپ تۇرغان جايىمدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كەلدىم. ئالىي مەكتەپ ھاياتى ماڭا ئىلىمنىڭ قىممىتىنى، كىملىكىمنى ۋە ئىنسانىي غۇرۇرنى ئۆگەتتى. ئۇستازلىرىم مۇھەممەد ئابدۇللا، ساۋۇت موللاخۇن، ئابدۇراخمان ۋەكىلى قاتارلىقلاردىن ئالىي ماتېماتىكا ئۆگىنىپلا قالماستىن، بەلكى ۋەتەن، مىللەتكە بولغان مىللىي بۇرچ تۇيغۇسىنىمۇ ئۆگەندىم.

1979-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ غۇلجىدىكى ئانا مەكتىپىم-7-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىندىم. شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى 1988-يىلىنىڭ ئاخىرى ئاۋسترالىيەگە چىقىپ كەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا ھاياتىمدىكى ئەڭ مەنىلىك يىللارنى باشتىن ئۆتكۈزدۈم. بۇ خەلقىمىزدە ئىلىم-پەن روھى، ئىلمىي تەپەككۇر، مىللىي كىملىك ۋە مىللەت ھوقۇقىغا بولغان تونۇش قايتا ئويغىنىۋاتقان يىللار ئىدى. ئەنە ئاشۇ يىللاردا مەن پۈتۈن كۈچۈم ۋە زېھنىمنى ئوقۇتۇشقا قاراتتىم. تاكى ۋەتەندىن ئايرىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا نەچچە قارار تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا سىنىپ تەربىيەچىسى بولدۇم. ئۇلارنى بىر-بىرلەپ ئالىي مەكتەپلەرگە ئۇزاتتىم. ياش بىر ئەۋلادتا ئىلمىي تەپەككۇر ۋە مىللىي تۇيغۇنى ئويغىتىش ئۈچۈن تىرىشتىم. ئەنە شۇ ئوقۇغۇچىلىرىمدىن خېلى بىر قىسمىنى ھازىر دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدا ئۇچرىتالايمەن. بۇ مېنىڭ ھاياتىمدا ئۆز ۋەتىنىمدە ئۆز پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيىلەش يولىدا تەر تۆككەن ۋە ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلغان ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلىرىم ئىدى.

1988-يىلى 11-ئايدا ۋەتەندىن ئايرىلىپ ئاۋسترالىيەگە كەلدىم. بۇ تاللاشنىڭ مەن ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆز ۋەتىنىمگە قايتالمايدىغان «بارسا كەلمەس يول» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئۇ چاغدا ھېس قىلمىغان ئىكەنمەن. غۇلجىدىكى ئۇستازىم ئابلىز سايىم مەن ئاۋسترالىيەگە كەلگەندىن كېيىن ماڭا بىر پارچە خەت يېزىپ: «غۇلجا، دەۋرگە قارشى ئىسيان قىلىدىغان بىر ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالدى» دېگەن ئىدى.

مەن 1980-يىللاردا زوردۇن سابىر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە تۇرغۇن ئالماس قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىغان ئىدىم. كېيىنچە سىرتتىكى ئەركىن دۇنيادا تۇرۇپ مىللىتىمىز ئۈچۈن بىر ئىش قىلغىلى بولامدۇ-يوق، دېگەن سوئال ئىزچىل تۈردە كاللامدىن كەتمىدى. شۇڭا 1988-يىلى كەلگەن بۇ پۇرسەتتە مەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن بۇ يولنى تاللىدىم. يەنە بىرى، ئائىلىمىزنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىدىن كۆرگەن خورلۇقلىرىمۇ مېنى ئەركىن دۇنياغا چىقىپ خەلقىمىز ۋە يۇرتىمىز ئۈچۈن قولدىن كېلىدىغان ھەرقانداق تىرىشچانلىقلارنى قىلىشقا ئۈندىگەن ئىدى.

مەن ئەنە ئاشۇ ئويلار بىلەن ۋەتەندىن ئايرىلدىم!

(داۋامى بار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت