ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018-04-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر لوڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 21-ئاپرېل. ئىستانبۇل، تۈركىيە.
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر لوڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 21-ئاپرېل. ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

ئىستانبۇلدا يېڭى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 21-22-ئاپرېل كۈنلىرى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ چىرپىجى باغچىسىدىكى تەنتەربىيە مەيدانىدا «ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇسابىقىگە ئىستانبۇلدىكى زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كوماندىسى، تەجدىد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر كوماندىلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇر كۇلۇبى كوماندىسى، زەيتىنبۇرنۇ گۇرۇپپىسى، سەفاكۆي گۇرۇپپىسى قاتارلىق كوماندىلار مۇسابىقىگە قاتناشتى.

مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىدىن ئۆمەر قارىم، يېڭى نەسىل ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ پائالىيىتىنى يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

سىراجىدىن ئەزىزى بۇ مۇسابىقىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە «تەنتەربىيە ئىنساننى جىسمانىي جەھەتتىن كۈچلەندۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئەقلىي جەھەتتىن، ئەخلاقى جەھەتتىن ۋە باشقا جەھەتلەردىمۇ ئىنساننى تاكامۇللاشتۇرىدىغان بىر ئامىل»، دېدى. 

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دۆلەت كوماندىسىغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى تەنتەربىيە ساھەسىدىمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى تونۇشتۇرۇش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز. شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ياشلارنى يېتەكلىشى بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق دەپ قارايمەن ۋە بۇ خىل پائالىيەتلەرنى يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمەن.»
بۇ مۇسابىقە شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى پائالىيىتى بولۇپ، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ۋاسكېتبول ساھەسىدە تۇنجى قېتىم تەشكىللىنىپ مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئۆمەر قارىم، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر ساھەدە ياشلارنى تەربىيىلەپ يېتەكلەشتە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت-پائالىيەتلەرنى جىددىي تۈردە ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە جەمئىيىتىنىڭ مۇشۇ ساھەدە ياشلارنى تەربىيىلەپ، ھەم تەنھەرىكەت ھەم ئىلمىي تەرەپتىن ھەم سىياسىي تەرەپتىن ئۇلارنى يېتىشتۈرۈشىنى كەلگۈسىدە مىللەتنىڭ ئۇلاردىن كۈتۈۋاتقان ئۈمىدىنى ئاقلىشىنى تەلەپ قىلىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمەن. ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.»
بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تاھىرجان كۆكبايراق بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. 

تاھىرجان بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ مۇسابىقە ناھايىتى ياخشى ۋە كۆڭۈللۈك بولدى دەپ قارايمەن. بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز شۇكى، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلارنى مۇشۇ مۇسابىقە ئارقىلىق بىر-بىرىگە تونۇشتۇرۇش، ئۆز-ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، ياشلارغا جەمئىيەت قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈش، بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلەردە ئۇلارغا ياردەمچى بولىدىغانلىقىمىز ۋە كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەيدىغانلىقىمىزنى ئۇلارغا بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.» 

تاھىرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى 21- ۋە 21-ئاپرېل كۈنلىرى ئىككى كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، 22-ئاپرېل چۈشتىن كېيىنكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىستانبۇلدىكى تەجدىد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى كوماندىسى بىرىنچىلىككە، ئۇيغۇر كۇلۇبى كوماندىسى ئىككىنچىلىككە، ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن. بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن كوماندىغا شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە جەمئىيىتىنىڭ لوگوسى چۈشۈرۈلگەن كۆمۈش رەڭلىك لوڭقا ۋە 400 تۈرك لىراسى نەق پۇل مۇكاپات بېرىلگەن. ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن ئۇيغۇر كۇلۇبى كوماندىسىغا كۆمۈش رەڭلىك لوڭقا بىلەن 300 تۈرك لىراسى نەق پۇل مۇكاپات بېرىلگەن.

مۇكاپاتلارنى ماھىرلارغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھەبىبۇللا كۈسەنى تەقدىم قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت