مىيازاكى: ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قايتا قۇرالامدۇ؟

ياپونىيىلىك ئاتاقلىق يازغۇچى، ئوبزورچى مىيازاكى ئەپەندى يېقىندا «ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قايتا قۇرالامدۇ؟» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلغان ۋە ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنى قايتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2013-01-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ياپونىيىلىك ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە ئوبزورچى مىيازاكى ئەپەندى ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى ئەتكەسچىلىكتىن ھالىدۇر» ناملىق ماقالىسى توغرىلىق دوكلات بەرمەكتە. 2012-يىلى ئۆكتەبىر، ياپونىيە.
ياپونىيىلىك ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە ئوبزورچى مىيازاكى ئەپەندى ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى ئەتكەسچىلىكتىن ھالىدۇر» ناملىق ماقالىسى توغرىلىق دوكلات بەرمەكتە. 2012-يىلى ئۆكتەبىر، ياپونىيە.
RFA/Qutluq Haji

ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

تارىختا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. غەربىي تۈركىستان بولسا، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى رۇسلارنىڭ مۇستەملىكىسى ئىدى. شەرقىي تۈركىستان بولسا مۇستەقىل دۆلەت ئىدى. شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى بىرلىشىپ، ئايروپىلان ۋەقەسى بىلەن ئۆلتۈردى. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

مەن تۇرپان، ئۈرۈمچىلەرگە زىيارەتكە بارغاندا كۆزلىرى كۆپ-كۆك، چاچلىرى سېرىق، قەددى قامەتلىك ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ ناخشا توۋلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم ۋە رەستىلەردە غەربچە يېمەكلىكلەر دۇكانلىرىنىمۇ ئۇچراتتىم. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى زامانىۋى، مۇسۇلمان مىللەت ئىكەنلىكىگە ھەيران قالغان ئىدىم. چۈنكى، مەن ئىلگىرى ئۇلارنى باشقىچە رادىكال مۇسۇلمانلار دەپ ئويلايتتىم. شەرقىي تۈركىستاننىڭ چوڭ شەھەرلىرى غەربنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، مەن كوچىلاردا ھېچقانداق شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنى كۆرمىدىم. ئەمما مەن ئۇچراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىلا خىتاي مىللىتىگە، ھۆكۈمىتىگە بولغان قاتتىق نەپرىتىنى بىلدۈرەتتى. مۇستەقىلچىلەر بولسا، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان مەخپىي ھەرىكەتلەردە ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىگە ياردەمدە بولغانلارمۇ خىتايدا تېررورچى ھېسابلىنىدىكەن.

ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى تۇرغان بولسىمۇ، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن تېررورچىلىققا باغلاپ تۇرۇپ، قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ باردى. ئامېرىكا بۇنىڭغا بىر مەزگىل سۈكۈت قىلىپ تۇردى. چۈنكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلمەي قالدى. 2002-يىلى 8-ئايدا ئامېرىكىنىڭ ۋەكىلى تاج ئەپەندى بېيجىڭغا باردى. ۋە بېيجىڭدا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نى تېررورچى تەشكىلات دەپ ئېيتتى. بۇ چاغدىكى بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ نىيىتىنى بىلگىلى بولمايتتى. چۈنكى، ۋاشىنگتون خەلقئارادىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىدىن خىتاي بىلەن بىرلىشىپ تۇرۇپ،شىمالىي كورىيىنى چىقىرىپ تاشلاپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نى كىرگۈزدى.

ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى فراسىس تايلور بېيجىڭنى زىيارەت قىلغان چاغدا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى»نى تېررورلۇق تەشكىلات ئەمەس دېگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتىدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بېن لادېننىڭ بازىسىدا مەشىق قىلىنىپ، تەربىيىلەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي ئافغانىستاندا تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئافغانىستاندىن قاچقان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ ئەزالىرى دۇنيانىڭ ھەر-قايسى جايلىرىغا ماكانلىشىپ، گۇرۇپپا ھالەتتە ھەرىكەت قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتىدا بېشكەكتىكى سودا مەركىزىگە ئوت قويۇش، ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە خىتاي كونسۇلىغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تولۇق ئىسپاتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بىر قانچە قېتىم سۆزلەشكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

مىيازاكى ماقالىسىنى 1990-يىلىدىن 2009-يىلغىچە ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتى ۋە ھازىرمۇ تىرىشىپ كەلمەكتە. بۇ بىچارە ئۇيغۇرلار تارىختىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى يەنە قايتا قۇرالارمۇ؟ دەپ ئاخىرلاشتۇرغان.

تۈركىيە ھاجى تېپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت