قۇربان ۋەلى: كىچىك مىرەن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان ئەجدادلارنىڭ ئاخىرقى ئارامگاھىدۇر

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016-01-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مىرەندىكى بۇددىزم خارابىسى. 2008-يىلى نويابىر.
مىرەندىكى بۇددىزم خارابىسى. 2008-يىلى نويابىر.
wikipedia.org

كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن جەنۇبقا بۆلۈنۈپ ئاققان كىچىك دەريا بويىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىق تۇنجى قېتىم 1934-يىلى بايقالغان. بۇنى لوپنۇرلۇق يول باشلىغۇچى ئۆردەكنىڭ مەلۇماتى بويىچە شىۋېت ئېكسپېدىتسىيەچىلىرىدىن بېرگمان قاتارلىقلار تاپقان.

تۇنجى «كىچىك مىرەن مەلىكىسى» ئەنە شۇ قەبرىستاندىن تېپىلغان. بېرگماننىڭ كىتابىدا بۇ قۇرۇق جەسەت ھەققىدە «پۇزۇر كىيىم-كېچەك، ئوتتۇرىدىن يارما قىلىپ ئايرىلغان ئۇزۇن قارا چاچ ئۈستىگە قوندۇرۇلغان، قىزىل لېنتا تۇتۇلغان ئۇچلۇق كىگىز قالپاق، ئەمدىلا ئۇيقۇغا كەتكەندەك بوشقىنە يۇمۇلغان كۆزلەر، چىرايلىق ئىلمەك بۇرۇن، سەل-پەل ئېچىلىپ تۇرغان نېپىز لەۋلەر ۋە كۆرۈنۈپ تۇرغان چىشلار كېيىنكىلەر ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تەبەسسۇم قالدۇرۇپ كەتكەن» دەپ خاتىرە قالدۇرغان بېرگمان ئۇنى «جىلۋىدار مەلىكە» دەپ ئاتىغان.

بېرگماننىڭ 4000 يىل ئۇخلاپ ياتقان بۇ «سىرلىق مەلىكە» نى بايقىشى دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان. شۇغىنىسى، «جىلۋىدار مەلىكە» دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىپ بىر جىلۋە قىلغاندىن كېيىن، يەنە غايىب بولدى.

غەرب ئالىملىرى بۇ موميا ئۈستىدە 20 يىللىق تەتقىقاتىدىن كېيىن، 2000 يىلدىن 600 يىلغىچە (كاربون 14 گە تايىنىپ چىقىرىلغان سان-سىپىرلارغا ئاساسلىنىپ) دەپ چىقىرىلدى.

ئارىدىن 70 يىل ئۆتۈپ، يەنە بىر «مەلىكە» نىڭ سىرلىق تەبەسسۇمى ئارخېئولوگلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولغاندىلا، جاھان ئەھلىنى يېرىم ئەسىردىن ئۇزاق ۋەسۋەسىگە سالغان قەدىمىي قەبرىستاننىڭ سىرلىرى ئېچىلىشقا باشلىدى.

نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان قۇربان ۋەلى ئەپەندى تەكلىماكاندا ئەڭ دەسلەپ قېزىش ۋە تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرىدىن بىرى.

ئۇ ئىلگىرى «تەكلىماكان تىلسىمات دەرۋازىسىنى تۇنجى بولۇپ ئاچقۇچى» دېگەندەك تەرىپلەشلەرگە ئېرىشكەن بولۇپ، قۇربان ۋەلى ئەپەندىم بۇنىڭ جەريانى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2002-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە ئەترىتى بېرگماننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خاتىرىسىگە ئاساسەن كىچىك دەريا قەدىمىي قەبرىستانلىقىنى قېزىشقا باشلىغان. نەتىجىدە 2004-يىلىغا بارغاندا مەزكۇر قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان مۇكەممەل شەكىلدە ساقلانغان يەنە بىر ئايالنىڭ قۇرۇغان جەسىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى چەككەن. 4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ گۈزەل ئايالنىڭ قۇرۇغان جەسىتى تارىم ئارخېئولوگىيەسىدىكى زور بايقاش ھېسابلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2000- يىلى تۇنجى شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ئورنىنىڭ سابىق باشلىقى، پروفېسسور ۋاڭ بىڭخۇا 11 ئادەمنى باشلاپ كىچىك مىرەننى ئاخىر تاپقان. شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل باشلامچىلىقىدىكى ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى 2002- يىلىدىن باشلاپ لوپنۇر قۇملۇقىغا كۆپ قېتىم كىرىپ، قەبرىستانلىقىنى قازغان ۋە 2005- يىلىنىڭ بېشىدا ئۆزلىرىنىڭ قېزىش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئەينى چاغدا ھاياجانلانغان ھالدا «تېرىنى سويۇۋېتىپ قارىساق، ياغاچلار تېرە ئاستىدا ئۆز پېتىچە تۇرۇپتۇ. ساندۇق ئىچىگە ھەتتا بىرەر تال قۇممۇ كىرمەپتۇ. قەبرە ئىگىسى قولۋاققا ئوخشايدىغان جەسەت ساندۇقىنىڭ تېگىدە تىپتىنچ ئۇيقۇدا يېتىپتۇ. ئىپتىدائىي، لېكىن بىخەتەر بولغان بۇنداق جايلاشتۇرۇش بىزنى قەبرە ئىگىسىنىڭ نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىكى كۆز يۇمغان ھالىتىنى ئەينەن تەسەۋۋۇر قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېگەن ئىكەن.


2010يىلى -10- ئاپرېل «خىتاي خەلق گېزىتى» ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقى كىچىك دەريا (كىچىك مىرەن (قەبرىستانلىقىدا قېزىپ ئېلىنغان مەشھۇر «كىچىك دەريا گۈزىلى» ئۈستىدە جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئارخېئولوگ ۋە تەتقىقاتچىلىرى گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان DNA تەتقىقات نەتىجىسىدىن بۇ قۇرۇق جەسەتنىڭ بۇنىڭدىن 3800 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە تەۋە ئىكەنلىكى ھەمدە شەرقىي ياۋروپا ئىرقىي ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنىڭ مەلۇم بولغانلىقى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلغان ئىدى.

«كىچىك دەريا گۈزىلى» 2011-يىلى مارتتا ئامېرىكىدا كۆرگەزمە قىلىنىپ، قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. ئامېرىكىلىقلار ئەڭ ھەيران قالغان موميالارنىڭ بىرى خىتايلار «كىچىك دەريا گۈزىلى» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان كۈنچى دەرياسى ۋادىسىدىن تېپىلغان ئايالنىڭ جەسىتى بولۇپ، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋېكتور مېيىر «لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى» دە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان سۆھبەت خاتىرىسىدە بۇ ئايالنى تەسۋىرلەپ، «ئۇ كۆرۈنۈشى ناھايىتى مېھرىبان، شەرقىي ئوتتۇرا ئاسىيادىن بايقالغان ئەڭ گۈزەل موميا ئىدى. ئۇ ئۇزۇن كىرپىكى، نۇقسانسىز ھۆسنى - جامالى، نېپىز تېرىسى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، بېشىدا ناھايىتى كۆركەم تۇمىقى بار» دېگەن.

كىچىك مىرەندىن چىققان قۇرۇق جەسەتلەرنىڭ ئىرقىي قۇرۇلمىسى مەسىلىسىدە پروفېسسورى ۋېكتور مېيىر ئىلگىرى بوۋېرز مۇزېيىدىكى «ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﺮﻻﺭ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنى سۆزلىگەن لېكسىيەسىدە قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ موميالار ياۋروپا ئىرقىي بىلەن يەرلىك ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ قوشۇلمىسى دېگەن خۇلاسىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ ئاق تەنلىك ئايالنىڭ قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ زېمىن بىلەن قانداق باغلىنىشى بار؟ ئۇ قانداق بولۇپ تەكلىماكاندا پەيدا بولۇپ قالدى؟

ئارخېئولوگ قۇربنىڭ ۋەلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بۇ جايدا ياشىغان قەدىمىي ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈش، يۆتكىلىش تارىخىدىن ئالغاندا ھېچ بىر ئىسپات ياكى مەنبەدە، باشقا رايونلارغا كۆچكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق، ئەمما غەرب ئالىملىرىنىڭ كىچىك مىرەن قەدىمىي جەسەتلىرىنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى، ئۇلارنىڭ ھازىرمۇ شۇ جايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئەڭ يېقىنلىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتتى. بۇ خىتاينىڭ ‹ئۇلار شەرقىي ياۋروپا ئېرىقىدىكىلەر› دېگەن سەپسەتىلىرىنى ئۆرۈپ تاشلاشقا يېتەرلىك ئىسپات. دېمەك ئۇلار ئاستا- ئاستا ھازىرقى ئۇيغۇرلارنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى» دەيدۇ.

ئامېرىكىدىكى دوكتور قاھار باراتمۇ ئىلگىرى «موميالار دەۋرىدە تەڭرىتېغى ۋە ئالتاي تاغلىرىنىڭ ئارىسىدا ياشىغان يەرلىك خەلقلەر ئۇيغۇرلاردۇر» دەپ كۆرسەتكەن.

تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ياراتقان مەدەنىيەتنىڭ پارلاقلىقى بىلەن ئىلىم ساھەسىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان كىچىك دەريا قەبرىستانلىقى، قۇياش شەكىللىك قەبرىستان ۋە بۇ پارلاق كروران مەدەنىيەتلىرى قانداق غايىب بولغان؟ ئۇلار قانداق تىلدا سۆزلىشەتتى؟ سىرلىق تەبەسسۇم قىلىپ تۇرغان مەلىكە ئۇلار ياراتقان مەدەنىيەت ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قانداق سىڭىشىپ كەتكەن؟

بۇ ھەقتە توختالغان قۇربان ۋەلى ئەپەندى: «مانا بۇ ئۇزۇن تارىخنىڭ ئىزناسى بولغان قەدىمىي قەبرىلەر، ئەجدادلار ياشىغان جايلارنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالماي، تارىخنىڭ مۇھىم گۇۋاھچىسى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۆھپە قوشقان ئەجدادلارنىڭ ئاخىرقى ئارامگاھىدۇر. ئىنسانىيەت ئارخېئولوگىيە تارىخىدىكى يېگانە تېپىلما بولۇش سۈپىتى بىلەن كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىنىڭ سىرى يەنىلا كېيىنكىلەرنىڭ ئۇنى قوغدىشى، قەدىرلىشى داۋاملىق ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىشىغا موھتاج» دەيدۇ.

قۇربان ۋەلى ئەپەندى يەنە خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە بىردەك «مۇمىيا» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان تەكلىماكاندىن چىققان قەدىمىي جەسەتلەرنىڭ «قۇرۇق جەسەت» ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ يەنە بەزى جەسەتلەرنىڭ دەپنە قىلىنىشتىن بۇرۇن ئىچكى قورساق بوشلۇقى تازىلىنىپ چاكاندا سېلىپ قويۇلغانلىقىدەك ھادىسىلەرنىڭمۇ ئۇچرايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ «بۇ بولسا شۇ جايدا ياشىغان ئەجدادلارنىڭ تېبابەتچىلىك ۋە دورىگەرلىك تېخنىكىسىنىڭ ۋە سەۋىيىسىنىڭ شۇ دەۋرلەردىلا خېلى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت