ياپونىيەدە «فارابىنىڭ غايىۋى دۆلەتچىلىك ئىدىيىسى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان دوكتور ئاسپىرانت مۇختەرجان ئابدۇراخمان. 2014-يىىلى يانۋار، ياپونىيە.
ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان دوكتور ئاسپىرانت مۇختەرجان ئابدۇراخمان. 2014-يىىلى يانۋار، ياپونىيە.
RFA/Qutluq

ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن نەشر قىلىنىدىغان پەلسەپە ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق سانىدا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پەلسەپە پەنلىرى فاكۇلتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى مۇختەرجان ئابدۇراخماننىڭ «فارابىنىڭ غايىۋى دۆلەتچىلىك ئىدىيىسى» ناملىق ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىغا ئائىت تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر ماقالىدە شەرق پەلسەپىسى ۋە شۇنداقلا فارابى پەلسەپەسىدە ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان غايىۋى دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ ئۇيغۇر پەلسەپەسىدىكى ئىپادىلىرى ۋە بۇنىڭ بۈيۈك نامايەندىلىرىدىن بولغان يۈسۈپ خاس ھاجىب، ھەزىرىتى ئەلىشىر ناۋايى، ئابدۇرەھىم نىزارى قاتارلىقلارنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئەكس ئېتىلگەن فارابى غايىۋى دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ نەزرىيىۋىي ئېلېمېنتلىرى ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان.

دوكتور ئاسپىرانت مۇختەرجان ئابدۇراخمان ماقالىسىدە يەنە گرېك پەلسەپەسىنىڭ ئۇيغۇر پەلسەپەسىگە بولغان تەسىرى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي توختالغان.

بىز مەزكۇر ماقالە ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن دوكتور ئاسپىرانت مۇختەرجان ئابدۇراخمان بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت