«چۈشۈرگىدىكى ماجىرا ناملىق» كىتاب ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2013-09-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندى يازغان «چۈشۈرگىدىكى ماجىرا ناملىق» كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندى يازغان «چۈشۈرگىدىكى ماجىرا ناملىق» كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Arslan

«چۈشۈرگىدىكى ماجىرا ناملىق» كىتاب، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندى يېزىپ نەشرگە تەييارلىغان.

2 قىسىملىق بۇ روماندا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ قانداق ئاخىرلاشقانلىقى ۋە كوممۇنىست خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قانداق كىرگەنلىكى ۋە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ناھەقچىلىك، زومىگەرلىك جىنايى قىلمىشلىرى روشەن ھالدا بايان قىلىنغان.

«چۈشۈرگىدىكى ماجىرا »ناملىق بۇ رومان كىتابنى نەشر قىلىشقا نېمە تۈرتكە بولدى؟ بۇ رومان نېمە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قايسى ئىدىيىنى ئاساس قىلىدۇ؟ بۇ روماننىڭ ۋەتەن ئىچىدە نەشر قىلىنغان رومانلاردىن قانداق ئوخشاشماسلىق پەرقلىرى بار؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز بۇ كىتاب توغرىسىدا كىتابنى نەشر قىلغان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇرېشىت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تولۇق بەت