«ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشردىن چىقتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ دۇنيادا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارمۇ كۆپەيمەكتە. يېقىندا گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق تۈرك تارىخ ھەۋەسكارى ھۈسەيىن تېكىنوغلۇ ئەپەندى يازغان «ئۇيغۇرلار»ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى. ئىستانبۇل قامەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بۇ كىتاب 411 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مەزكۇر كىتابتا ئالدى بىلەن ھونلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن. ئارقىدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، داستانلىرى، رىۋايەتلىرى ۋە مەدەنىي مىراسلىرى توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن. بۇلاردىن سىرت مەزكۇر كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىمۇ بايان قىلىنغان.

ھۈسەيىن تېكىنوغلۇ يازغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ 745-يىلى قۇرغان ئۇيغۇر دۆلىتى، 840-يىلىدا قۇرغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى، 16-ئەسىردە قۇرغان سەئىدىيە دۆلىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى، ھەتتا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىمۇ مەخسۇس مەلۇماتلار بېرىلگەن. لېكىن ئۇ قاراخانىيلار دۆلىتىنى ئۇيغۇرلار قۇرغان دۆلەت دەپ ھېسابلىمىغان بولغاچقا بۇ تېمىنى كىتابقا كىرگۈزمىگەن.

كىتاب ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر كىتابنى يازغان ھۈسەيىن تېكىنوغلۇ ئەپەندى بىلەن ئالاقە قۇرغان بولساقمۇ، بىراق ئۇ كىتاب ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا بايان قىلغانلىقىنى ،ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كىتابنى تونۇشتۇرساق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كىتاب ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى قىسقىسى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ھۈسەيىن تېكىنوغلۇ يازغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئوقۇشلۇق ئەسەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مەزكۇر كىتابنىڭ 18 قىسىمدىن تەركىب تاپقانلىقىنى، كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخى، مەدەنىيەت تارىخى، دىن تارىخى ۋە ئەدەبىيات تارىخىنىڭ تەپسىلىي بايان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تارىخ كىتابلىرىنىڭ ئاممىباب تارىخى ۋە ئاكادېمىيەلىك، يەنى ئىلمىي تارىخ دەپ ئىككىگە ئايرىلىدىغانلىقى، ھۈسەيىن تېكىنوغلۇ يازغان ئەسەرنىڭ ئامىباپ تارىخى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ توختىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تونۇلغان مەرھۇم تارىخچى تۇرغۇن ئالماس يازغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتاب 2010-يىلى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، سېلېنگا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئىدى. ھۈسەيىن تېكىنوغلۇ يازغان بۇ ئەسەر بولسا تۈركىيەدە تۈرك تىلىدا مەخسۇس ئۇيغۇر ئومۇمى تارىخى توغرىسىدا نەشر قىلىنغان ئىككىنچى كىتاب ھېسابلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت