«ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» كۈرەش كۈسەننىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2014-02-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىمنىڭ خانىمى بەختىگۈل خانىم مۇخبىرىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. 2014-يىلى 16-فېۋرال، شىۋېتسىيە.
مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىمنىڭ خانىمى بەختىگۈل خانىم مۇخبىرىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. 2014-يىلى 16-فېۋرال، شىۋېتسىيە.
RFA/Ehsan

شىۋېتسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» ئىدارە ھەيئىتى بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تارقاق ياشاشتەك ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» دىكى ھەيئەتلەر گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، شىۋېتسىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلانى يوقلاشنى داۋاملاشتۇردى. «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» دىكى بىر ھەيئەت 16-فېۋرال كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ ئەسكىلىستۇنا شەھىرىگە بېرىپ ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى ۋە مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن بىرگە مەرھۇم ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

ئەسكىلىستۇنا شەھىرى مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىم ياشىغان شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەردە «شەرقىي تۈركىستان» داۋاسىنى مەرھۇمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇر سەنئىتى ئارقىلىق شۋېت ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە جانلىق بىر شەكىلدە ئاڭلاتقان ۋە تونۇتقان.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلغان كېيىن، ئۆز ۋەتىنىنى، ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلارنى سېغىنىشنىڭ تەبىئىي بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت بولۇپ ياشاشنى ھېس قىلدۇرۇش، «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى يوقلاش، ئۇلاردىكى مۇساپىرچىلىقىنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىش، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ياشاشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىسپاتلىدى.

شىۋېتسىيەدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇرمىسى يېڭىدىن چىقىپ، ئوقۇش ئىشلىرى بىلەن بولغاچقا ئۇلارنىڭ تىل سەۋىيە ئىمتىھاندىن كېيىن قايسى خىل كەسىپنى تاللاپ ئوقۇش، ئىشلەش جەھەتلەردە ئۇلارغا يول كۆرسىتىش، يەكۈنلەنگەن تەجرىبىلەرنى دەپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىگە قۇلايلىق بولۇش ئۈچۈن پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

«ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئەھەددىن بۇ خىل پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىمنىڭ خانىمى بەختىگۈل خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلىدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (1)
Share

sssd

دىن xxcxx

Haaaa

Feb 18, 2014 07:54 PM

تولۇق بەت