ئىستانبۇلدا 4-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2013-12-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
4-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 29-دېكابىر، ئىستانبۇل.
4-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 29-دېكابىر، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

2013-يىلى 29-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «4-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابلەت تۇران ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئابلەت تۇران ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇر ياشلارنىڭ بىلىم ئىگىلەش كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلار پۈتۈن نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۆزى ئىگىلىگەن بىلىم ۋە ئەقىلنى ھېچ كىم تارتىۋالالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يىغىندا، «ئۇيغۇر دىيارىدا زامانىۋى ۋابا-ئەيدىز تەھدىتى»، «بۈيۈك سانداندا ماركا ئانالىزى»، «ئۇيغۇر تېبابىتىدە 4 مىجەز»، «مىكرو بىئولوگىيە»، «سۈنئىي ھەمراھ فوتوگىرافلىرىدىن دېڭىز يۈزىدە نېفىت يېيىلىشىنى تەكشۈرۈش»، «كۇئانتىيۇم فىزىكىسى ھەققىدە»، «قۇرئاندىكى مۆجىزىلەر» دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي ۋە ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلاردىن 6 كىشى ئىلمىي ماقالە تەقدىم قىلدى. يىغىن ئىككى قىسىمغا ئايرىلغان بولۇپ، چۈشتىن بۇرۇن 3 كىشى چۈشتىن كېيىن 3 كىشى ئىلمىي ماقالە تەقدىم قىلدى. يىغىن جەريانىدا يەنە سۆز قىلغۇچىلار يىغىن ئەھلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

يىغىننىڭ باشلىنىشىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر زىيالىي دوكتور مۇرات ئورخۇن، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا خىتاب قىلىپ تېخىمۇ ئاكتىپ بىر شەكىلدە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قەدەم بېسىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىن جەريانىدا يەنە ئۇيغۇر ئۆسمۈر قىزى شەھىدە، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى جاراڭلىق دېكلىماتىسىيە قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تارىختا ئۆتكەن مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر شائىرى مەمەتئېلى تەۋپىنىڭ نەۋرىسى مەرھابا تەۋپىق، چوڭ دادىسى مەمەتئېلى تەۋپىقنىڭ «ئىزچىلار» دېگەن شېئىرنى ئوقۇدى.

پۈتۈن بىر كۈن داۋام قىلغان يىغىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابلەت تۇران ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابلەت تۇران ئەپەندى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇر زىيالىي ۋە دوكتورلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئارقىلىق ئۆز-ئارا تونۇشۇش ۋە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان ياشلارنىڭ ئۆزىنى يېتىشتۈرۈشكە شارائىت ھازىرلاپ بېرىش، كەلگۈسىدە بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ئارقىلىق زور نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسەتتە بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت