پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر داۋاسىغا ئاتىغان يازغۇچى سامى ياۋرۇجۇق ئالەمدىن ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014-07-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر داۋاسىغا ئاتىغان يازغۇچى سامى ياۋرۇجۇق ئالەمدىن ئۆتتى. 2014-يىلى 19-ئىيۇل.
پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر داۋاسىغا ئاتىغان يازغۇچى سامى ياۋرۇجۇق ئالەمدىن ئۆتتى. 2014-يىلى 19-ئىيۇل.
ortadogugazetesi.net

پۈتۈن ئۆمرىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئاتىغان، 87 يىللىق ئۆمرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ ساندا ماقالە، ئوبزور ۋە كىتاب يېزىپ قالدۇرغان سامى ياۋرۇجۇق ئەپەندى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىستانبۇل زىنجىرلىقۇيۇ مازارلىقىدا يەرلىككە قويۇلدى.

مەرھۇم سامى ياۋرۇجۇق ئەپەندى 1927-يىلى ئەنقەرەگە يېقىن ياۋرۇجۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، پۈتۈن ئۆمرى بويىچە تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئىزدەنگەن ۋە پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. ئۇ، 1952-يىلى ئىستانبۇل ئايرودرومغا چىقىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەرھۇم لىدەرلىرىدىن مەمەتئېمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننى كۈتۈۋالغان. ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرگەن. ئۇ، يېڭى چاغ گېزىتىدە ئوبزور يازغان ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا كۆپ ساندا ئوبزور يېزىپ ئېلان قىلغان.

بىز ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مەرھۇم سامى ياۋرۇجۇق ئەپەندىنىڭ ياشلىق يىللىرىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە 62 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىزچىل ھالدا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن، كۆپ ساندا ماقالە ۋە ئەسلىمىلەرنى يېزىپ قالدۇرغان كىشى ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ مۇھىم بىر شەخسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت