ئالماتادا كۆرنەكلىك ئالىم ۋە شائىر مەرھۇم ماھمۇت ئابدۇراخمانوفنىڭ 80 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014-10-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەرھۇم ماھمۇت ئابدۇراخمانوف رەپىقىسى ماھىنۇر بىلەن. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
مەرھۇم ماھمۇت ئابدۇراخمانوف رەپىقىسى ماھىنۇر بىلەن. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Oyghan

20-ئۆكتەبىردە قۇددۇس غوجامىياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا كۆرنەكلىك ئالىم، شائىر ۋە پېداگوگ ماھمۇت ئابدۇراخمانوفنىڭ 80 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش ئەدەبىي كېچىلىكى بولۇپ ئۆتتى.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان بۇ مۇراسىمىنىڭ بېشىدا ئالىم ھەققىدە فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى، شائىرە پاتىگۈل مەخسەتوۋا مەرھۇمنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدە دوكلات ئوقۇدى. ئاندىن سۆزگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، شائىر مارالتاي ئىبرايېف، يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىروف، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، ژۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف، ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ مۇدىرى ساۋۇتجان سونۇروف، بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى رىسالەت كەرىموۋا، مېمارچىلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى بەھرىم غىلاۋدىنوفلار مەرھۇم ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇراسىم ئاخىرىدا سۆز مەرھۇمنىڭ جىيەنى نارىمان ئابدۇراخمانوف ۋە قىزى گۈلىنۇرغا بېرىلىپ، ئۇلار مەزكۇر مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا ۋە كەلگەن مېھمانلارغا ئۆزلىرىنىڭ چەكسىز مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى.

م. ئابدۇراخمانوفنىڭ كەسىپدىشى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تېمىرخان تېبېگېنوف ئۆز سۆزىدە ماھمۇت ئابدۇراخمانوفنىڭ ئۇزۇن تارىخىقا ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پەرزەنتى بولغانلىقىنى، قازاق ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىغا بىلىم ۋە تەربىيە بېرىشتە دائىم بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنلىكىدىن مەغرۇرلىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ۋە قازاقنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بۇيان بىر-بىرىگە قانداش، دىنداش ۋە سىرداش بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
- ماھمۇت ئاكا ئۆز خەلقىنىڭ چوڭ يۈرەكلىك ۋەتەنپەرۋەر ئەربابى ئىدى. بىزنىڭ ئاتا يۇرتلىرىمىزنىڭ بىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قازاقىستانغا كېلىپ، دىسسېرتاتسىيە ياقلىشىغا يېقىندىن ئارىلاشتى. ئۇ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قازاقچە ياقلىشىغا ماڭا ياردەم بەر، دەپ ماڭىمۇ مۇراجىئەت قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر دراماتورگىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى، ئۇيغۇر فولكلورىنىڭ ژانىرلىق ئالاھىدىلىكى ھەققىدە دىسسېرتاتسىيىلەرگە ماھمۇت ئاكىنىڭ ئۇستازلىق ئىشلىرىغا قول ئۇچۇمنى بەرگەندەك بولدۇم. ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر قېرىنداشلار! قازاق بىلەن ئۇيغۇر تەقدىرداش خەلقلەر. قازاقنىڭ ماڭلىيىغا ئاللانىڭ پەرمانى بىلەن مۇستەقىللىق بەختى كەلدى. بۇ، ئەلۋەتتە، بارلىقىمىزنىڭ ئورتاق خۇشاللىقى ۋە ماختىنىشى. بۇنىڭغا بىز بىرلىشىپ خۇشال بولىمىز دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇر قېرىنداشلار مېنى ياخشى چۈشىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بىز ھەممىنى بىلىمىز، ھەممىنى سېزىمىز....

تەۋەللۇد مۇراسىمىدا ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىستلىرىنىڭ كونسېرتى كۆرسىتىلدى. ئالماتا شەھىرى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلىرى شائىر ئەسەرلىرىدىن ئۈزۈندىلەر ئوقۇدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان م. ئابدۇراخمانوفنىڭ جىيەنى نارىمان ئابدۇراخمانوف مۇراسىم ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:
-بۈگۈن ماھمۇت ئاكامنىڭ، رەھمەتلىك دېيىش مېنىڭ ئاغزىمغا كەلمەيۋاتىدۇ، 80 ياشلىق خاتىرە كېچىسىنى ئۇيغۇر تىياتىرىدا ناھايىتى مەزمۇنلۇق، چىرايلىق ئۆتكۈزۈپ، شۇنىڭ گۇۋاچىسى بولۇپ ئولتۇرىمىز. مەن سەھنىدە ئۇرۇق-تۇغقانلار، پەرزەندلىرى نامىدىن ھەممە تەرەپتىن كەلگەن، ئۇيغۇر دېسە ئۇيغۇرلۇقىنى سېزىدىغان خەلقىمگە چوڭ مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈردۈم. مەن ماھمۇت ئاكىنىڭ بىر خىسلىتىنى ئېيتىپ قويايكى، ئۇ مېھرى چوڭ ئادەم ئىدى. ماھمۇت ئاكىنىڭ ئاخىرقى بەش-ئالتە يىللىق ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىپ، شۇنىڭدىن ئالغان ئۈلگە - ھاياتقا كۆز قارىشىم تامامەن باشقا بولۇپ كەتتى. نۇرغۇن سوئاللىرىمغا ماھمۇت ئاكا بىلەن ئارىلىشىپ جاۋاب تاپالىدىم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت