ئالماتادا ئۇيغۇرلار تىلشۇناس ئالىمى تۇغلۇقجان تالىپوفنى ياد ئەتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015-12-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەشھۇر تىلشۇناس ئالىم تۇغلۇقجان تالىپوف 2012-يىلى 14-ئىيۇل كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى.
مەشھۇر تىلشۇناس ئالىم تۇغلۇقجان تالىپوف 2012-يىلى 14-ئىيۇل كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى.
RFA/Oyghan

24-دېكابىردا ئالماتادا تىلشۇناس ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور تۇغلۇقجان تالىپوفنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان «قازاقىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (18-ئەسىرنىڭ بېشى-20-ئەسىرنىڭ ئاخىرى)» ماۋزۇسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. يىغىن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا ئالىملار، مەرھۇمنىڭ شاگىرتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قاتناشتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى، ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ دوكتورى غالىمجان دۈيسېن، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى رىسالەت كەرىموۋا، مەرھۇمنىڭ قىزى ئاسىيەم تالىپوۋالار تۇغلۇقجان تالىپوفنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسىنىڭ قازاقىستان ئىلىم-پەنىدە ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن ئېگىلىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ئۇستازىنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى خالمىنەم مەسىموۋا «ت. تالىپوفنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيىتى» ماۋزۇسىدا دوكلات قىلدى.
يىغىن «ت. تالىپوف-ئىنسان ۋە ئالىم» ھەم «قازاقىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (18-ئەسىرنىڭ بېشى-20-ئەسىرنىڭ ئاخىرى)» دېگەن ئىككى قىسىمدىن ئىبارەت بولۇپ، دوكلاتچىلار ئالىمنى ئەسلەش بىلەن بىللە شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرىنىڭ قازاقىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيا تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۈگىنىشتىكى رولى ۋە ئەھمىيىتى، زامانىۋى ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى، ئالىم ت. تالىپوفنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات ساھالىرىدىكى تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى، ئۇنىڭ ئىنسانىي خىسلەتلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى، ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى خالمىنەم مەسىموۋا ت. تالىپوفنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىنى باھالاپ، مۇنداق دېدى: «دانىشمەن خەلقىمىز ئىلىمنى يىڭنە بىلەن قۇدۇق قېزىشقا قىياس قىلغىنىدا بۇ ئىشنىڭ ناھايىتى قىيىنلىقىنى، ئۇزۇن ۋاقىتنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنىمۇ نەزەردە تۇتۇپ قالماي، ھەم ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن قىلىنىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقان بولۇشى كېرەك. شۇ قۇدۇق سۈيىنىڭ ھېچقاچان سوغۇلماي، ھەر دائىم سىماپتەك سۈزۈك بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن، بىز ئارقىسىدا تۇرىدىغان شاگىرتلىرىمۇ ئۆز قولىمىزدىن كەلگۈچە تىرىشىمىز. تۇغلۇقجان تالىپوف ئوخشاش ئاتاقلىق ئالىم، ئالىي پەزىلەتلەرنى بوينىغا سىڭدۈرگەن ھەقىقىي ئۇستاز بىلەن بىللە ئىشلىگەنلىكىمىز ئۈچۈن پەخىرلىنىمىز. ت.تالىپوفنىڭ يارقىن قىياپىتى خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ساقلانغۇسى.»

قازاقىستان ئالىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ت. تالىپوف قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقى ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ 350 تىن ئارتۇق ئىلمىي ئەمگەكنىڭ، شۇ جۈملىدىن «ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىلىق قۇرۇلمىسىنىڭ تەرەققىياتى»، «ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار»، «ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسى: تارىخىي تەرەققىيات ئوچېركلىرى»، شۇنداقلا «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈزۈلۈشى»، ئىككى كىتابتىن ئىبارەت «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» كوللېكتىپلىق مونوگرافىيىلىرى ۋە يەنىمۇ باشقا ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ ئاپتورىدۇر.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابىلاي خان نامىدىكى قازاق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە دۇنيا تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ئومۇمىي تىلشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى، پېداگوگىكا پەنلىرىنىڭ دوكتورى مۇنەۋۋەر يۇنۇسوۋا ت. تالىپوفنىڭ ياش ئالىملارنى تەربىيىلەشكە قوشقان ئۈلۈشى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بىز 1980-ۋە 1985-يىللىرى ئېچىلغان ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ شاگىرتلىرى تۇغلۇقجان تالىپوفتىن دەرس ئېلىش بەختىگە مۇيەسسەر بولغان ئىدۇق. ئوقۇشقا چۈشۈشتىن ئىلگىرىمۇ ت. تالىپوفنى بىز ئۇيغۇر دەرىسلىكلىرىنىڭ ئاپتورى سۈپىتىدە ياخشى توناتتۇق. شەخسەن مەن ئۇستازىمنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇرەككەپ قىسىملىرىدىن بولغان فونېتىكا بويىچە تەتقىقات يۈرگۈزىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن زامانىۋى ئۇيغۇر تىلى سوزۇق تاۋۇشىنىڭ سىستېمىسى، زامانىۋى ئۇيغۇر تىلى ئىلمىي گرامماتىكىسىنىڭ فونېتىكا قىسمىنى، ئۇيغۇر تىلى فونېتىكا قۇرۇلۇمىنىڭ تەتقىقاتىنىڭ ۋە باشقىمۇ ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ مۇئەللىپى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. شۇڭلاشقا ئۇنداق ئۇستازنىڭ قولىدىن دەرس ئېلىش بىز ئۈچۈن بەخت ئىدى.»

م. يۇنۇسوۋا شۇنداقلا ت. تالىپوفنىڭ ئۇيغۇر تىلى تارىخىي فونېتىكىسىنىڭ قىيىن ۋە تالاش تۇغدۇرىدىغان مەسىلىلىرى بويىچە ئۆزىنىڭ ئاساسلىق پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىشلەر نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىلمىي خۇلاسىلىرىنىڭ تۈركىي تىللارنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىشكە، ئايرىم تۈركىي تىللارنىڭ سېلىشتۇرما تارىخىي فونېتىكىسىنىڭ يارىتىلىشىغا، شۇنداقلا ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تارىخىي فونېتىكا كۇرسى بويىچە ئوقۇش قوراللىرىنى يېزىشقا زېمىن ياراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «شۇ ئۇستازىمنىڭ رەھبەرلىكىدە، يوليورۇقلىرى ئارقىسىدا مەن ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىنىڭ باي غەزنىسىگە ئۆز ئۈلۈشىنى قوشقان ئالىملارنىڭ ئەمگەكلىرى ئارقىلىق قەدىمىي تىلىمىزنىڭ شېۋىلىرىنى تەتقىق قىلىشقا ئىمكانىيەت ئالدىم. نەتىجىدە 1997-يىلى نامزاتلىق دىسسېرتاتسىيەمنى ياقلىدىم. ت. تالىپوف مېنىڭ ئىلىم-پەنگە دادىل قەدەم قويۇشۇمنى ئۆگەتكەن ئۇستاز. ئەلۋەتتە، ئۇستازىمنىڭ يارقىن سېيماسى ھېچقاچان بىزنىڭ يادىمىزدىن كەتمەيدۇ. بىزنىڭ شاگىرتلار شۇ ئۇستازىمىزنىڭ باي تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دەپ ئىشەنچلىك ئېيتالايمەن.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت