بۇنىڭدىن 70 يىل ئىلگىرى مىللىي ئارمىيە قۇدرەتلىك قوشۇنغا ئايلانغان ئىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-06-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى. (تارىخىي ماتېرىياللاردىن سۈرەتكە ئېلىنغان. ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى. (تارىخىي ماتېرىياللاردىن سۈرەتكە ئېلىنغان. ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Oyghan

1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى 1945-يىلى 8-ئاپرېل كۈنى ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەسىنى دۇنياغا كەلتۈردى. بۇ يىل 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەنە ئاشۇ مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدۇر.

گىتلېر فاشىزمىغا قارشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى ھارپىسىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىدىن تەشكىللەنگەن بۇ ئارمىيە 1945-يىلى، 6-ئايدا شىخۇ، جىڭغا قاراتقان ئوتتۇرا يۆنىلىش ئۇرۇشى ۋە شىمالدا چۆچەك ۋە ئالتايغا قاراتقان شىمالىي فرونت ئۇرۇشىنى باشلىغان ئىدى. بۇ يىل 6-ئايدا بۇ ۋەقەلەرگە 70 يىل بولدى.

مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە ئۆزىنىڭ ئۈچ فرونتتىكى جەڭلىرىدە، بولۇپمۇ شىخۇ ۋە جىڭدا ئېغىر-يېنىك قوراللار بىلەن قوراللىنىپ، سان جەھەتتىن ئۆزىدىن بىر قانچە ھەسسە كۆپ ۋە مۇستەھكەم مۇداپىئە تورلىرىنى قۇرغان گومىنداڭ ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنى ئازاد قىلىش ۋەزىيىتى ياراتقان ئىدى. ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ھەتتا خىتايدا مەزكۇر مىللىي ئىنقىلابنىڭ جەريانى، بولۇپمۇ، مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوينىغان رولىنى ناھايىتى كۆپتۈرۈپ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ھەر مىللەت قوزغىلاڭچىلىرى، ئەسكەر -ئوفىتسېرلىرىنىڭ ئوينىغان رولىنى تۆۋەنلىتىش خاھىشلىرى كۆرۈلمەكتە.

تارىخچى ۋە سىياسىيون قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا تەنقىدىي قارىشىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇرلار»ناملىق چوڭ ھەجىملىك تارىخى كىتابىدا مىللىي ئارمىيىنىڭ ئۇرۇش ئەھۋاللىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان ئىدى.

ئۆزىنىڭ كىتابىنىڭ مىللىي ئىنقىلاب قىسمىنى يېزىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ھەر خىل ماتېرىياللارنى كۆرگەنلىكى ۋە ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى ۋە مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئاساس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەھرىمان ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرلار: قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئېتنو-سىياسىي تارىخ» ماۋزۇلۇق كىتابىنىڭ نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاساسلىق ئۇيغۇر تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىش قوللانمىسىغا ئايلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئالمۇتادىكى «مىر» نەشرىياتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان مەزكۇر ئەسەرنىڭ يېقىنقى زامان قىسمى 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا، بولۇپمۇ 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئىنقىلابقا بېغىشلانغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت