ئۇيغۇر پەرزەنتى مۇجاھىت قەشقەرلى تۈرك دۇنياسى پەن-تېخنىكا ۋە لايىھەلەش مۇسابىقىسىدە ياخشى باھاغا ئېرىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016-12-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى رايونىغا جايلاشقان شانلىئۇرفا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى پەن-تېخنىكا ۋە كۈلتۈر فېستىۋالىدا ئۇيغۇر پەرزەنتى كىچىك مۇجاھىت قەشقەرلى ئۆزى لايىھەلىگەن ئەسىرىنى كۆرسەتتى. 12-ئاينىڭ 24- ۋە 25-كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتى بىلەن 18 دۆلەتتىن كەلگەن كىشىلەر ئېلىپ كەلگەن 1200 ئىجادىيەت لايىھەسى ئىچىدە مۇجاھىت قەشقەرلىنىڭ پۈتۈن كۈن ئاپتاپ چۈشىدىغان، ئايلىنىدىغان ئۆي پروجېكتى 100 پروجېكىتنىڭ قاتارىغا كىرگەن.

پائالىيەتكە تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى مۇئاۋىنى ئورخان ئەردەم، شانلىئۇرفا ۋالىسى گۈنگۆر ئازىم تۇنا ئەپەندى، پارلامېنت ئەزاسى خالىل ئۆزجان ئەپەندى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ياش-ئۆسمۈر ئىجادكارلار ئىشتىراك قىلغان.

بىز پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن پائالىيەتكە ئىجادىيىتى بىلەن قاتناشقان كىچىك مۇجاھىت ۋە ئۇنىڭ دادىسى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

مۇجاھىت قەشقەرلى ئۆزىنىڭ ناھايىتى ھاياجان ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، چوڭ بولغاندا ئالىم بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى لايىھەلەش ۋە ئىجادىيەت تېمىسىدىكى 3-نۆۋەتلىك ئىلىم-پەن ۋە كۈلتۈر فېستىۋال ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى ۋە ئوغلى مۇجاھىت قەشقەرلىنىڭ پۈتۈن كۈن ئاپتاپ چۈشىدىغان ئايلىنىدىغان ئۆي پروجېكتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا، ئالدىنقى يۈز پروجېكىتنىڭ قاتارىغا كىرگەن ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئەتىيازدا ئەزەربەيجانغا ئېكسكۇرسىيەگە ئاپىرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى يەنە، بۇ پائالىيەتتە كىچىك مۇجاھىت پەقەتلا ئۆزى لايىھەلەپ چىققان پروجېكىتنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىمۇ ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

يېپىلىش مۇراسىمىدا كىچىك مۇجاھىت داڭلىق يازغۇچى مەمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ خەلقنى ئۈمىدسىز بولماسلىققا چاقىرغان شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى مۇجاھىت قەشقەرلىنىڭ يېشى كىچىكلىكىگە قارىماستىن تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى ياخشى تونۇتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ پائالىيەتنى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى، شانلىئۇرفا ۋالىلىقى ۋە تۈرك دۇنياسى ۋەقپى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، كىچىك مۇجاھىت ئۆتكەن يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىگە كېرەكسىز ئەخلەتلەردىن ئېلېكتر ئىشلەپچىقىرىش لايىھىسى بىلەن ئالدىنقى 10 نىڭ قاتارىغا كىرىپ، كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت