ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى قۇتلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015-03-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
 ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزىشى
 ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزىشى
RFA/Qutluq

22-مارت ياپونىيەنىڭ توكيو ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى نورۇزنى قۇتلاپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

نورۇز مەرىكىسىنى قۇتلاش پائالىيىتىدە ھەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۆزىنىڭ چۈچۈك سەبىي تىللىرى بىلەن ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاب» قاتارلىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، كەڭ سورۇن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن تۆتكە قەدەر داۋاملاشقان.

بىز مەزكۇر پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۈگۈنكى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان گۈلىستان خانىم بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت