ئالماتا ۋە ئۈرۈمچىدىكى ياشلار ھەرىكەتلىرى نېمىنى كۆزلىگەن ئىدى؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016-12-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دوكتور ئالىمجان ھەمرايېف قاتارلىقلار گائاگادىكى ئاز سانلىقلار كۆپ تىللىق مائارىپ پىلانى يىغىنىدا
دوكتور ئالىمجان ھەمرايېف قاتارلىقلار گائاگادىكى ئاز سانلىقلار كۆپ تىللىق مائارىپ پىلانى يىغىنىدا
RFA/Oyghan

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى قازاقىستان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، قازاقىستان پايتەختى ئالماتا شەھىرىدە كۆتۈرۈلگەن ياشلار موسكۋا قارارىغا بىنائەن قازاقىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىرىنچى كاتىپى (باش سېكرېتارى) دىن مۇھەممەت قونايېفنىڭ ئورنىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا قارشى چىقىپ، «ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز ھەل قىلىمىز» ۋە باشقىمۇ شوئارلارنى كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى. مەزكۇر نامايىشنى تارقىتىش جەريانىدا بىر نەچچە ئادەم ھالاك ۋە يارىدار بولۇپ، نەچچىلىگەن ئادەم تۈرمىلەرگە تاشلاندى. قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن، 17-دېكابىردا بولغان ۋەقەلەر يېلتوقسان ھەرىكىتى دەپ ئاتىلىپ، بۇنى ھەر يىلى خاتىرىلەش ئەنئەنىگە ئايلاندى. بۇ يىلىمۇ ئادەتتىكىدەك شۇ ۋەقەلەر گۇۋاھچىلىرى ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارنى، زەرداب چەككەنلەرنى ئەسلىدى.

بىز 1986-يىلى دېكابىر كۆتىرىلىشىنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنى ئىزدەش جەريانىدا بىر نەچچە كىشىلەرگە مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ بەزىلىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

م. ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، پروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ پىكرىچە، دېكابىر نامايىشى سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە كېلىۋاتقان قازاقىستان پايتەختى ئالماتا شەھىرىدە يۈز بېرىپ، مەزمۇنى ۋە شەكلى جەھەتتىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان چوڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ۋەقە، شۇنداقلا خەلقنىڭ ئۆز كىملىكىنى تونۇتۇش ۋەقەسىدۇر. ئا. ھەمرايېف بۇ ۋەقەگە ئۆزىنىڭمۇ ئالاقىسى بار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەن نۇرغۇن ۋاقىت بۇ ۋەقەلەرنى ئېغىزغا ئالمىدىم. بۇنىڭ بىر نەچچە سەۋەبلىرى بار. باشتا يېلتوقسان قاتناشقۇچىلىرى تەقىبلەرگە كۆپ ئۇچرىدى. بۇ تەقىبلەرنىڭ زىيىنىنى، كەلگۈسى توسالغۇلىرىنى كۆپ ئويلاپ، ئۇ ۋاقىتلاردا ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا ئوقۇۋاتقان كۆپلىگەن يىگىت-قىزلىرىمىز ئۆزلىرىنى ئاشكارا قىلمىدى. ئامما كېيىن، قازاقىستاندا ئەركىنچىلىك، دېموكراتىيە شەكىللىنىشكە باشلىغاندىن كېيىن، بىز تۇرۇپ، قەھرىمان بولۇشنى خالىمىدۇق. بىراق مەن شۇنىڭغا قاتناشقىنىمدىن پەخىرلىنىمەن. بىز ساۋاقداشلىرىمىز بىلەن يېلتوقسان قاتناشقۇچىلىرىغا ئورنىتىلغان يادىكارلىققا گۈل چەمبەر قويدۇق. شۇ ۋەقەلەرنى ئەسلىدۇق.»

بۇ ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتى نېمىدە؟ ئۇ ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسىتەلىدىمۇ؟

ئا. ھەمرايېف بۇ ۋەقەنىڭ پەقەت قازاقىستانلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ-سەۋىيەسىنى جىددىي ئۆزگەرتىۋەتكەن بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدە، ئەدەبىياتىمىزدا، سەنئىتىمىزدە كوممۇنىستىك ئىدىيىلەرنى ئۇلۇغلاش مەسىلىسىگە كەلگەندە بىر مەزگىل جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. بۇ مۇشۇ يېلتوقسان ۋەقەسىنىڭ تەسىرى. شائىر-يازغۇچىلىرىمىز كوممۇنىستىك ئىدىيە بىلەن پۈتۈن ئەدەبىياتىمىزنى، سەنئىتىمىزنى تولتۇرۇۋەتكەن ئىدى. يېلتوقسان ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۆپى نېمە قىلىدىغاننى ئۇقمىدى. 1986-يىلدىن 1991-يىلغىچە ئەدەبىياتىمىزدا كوممۇنىستىك تېمىلار تارىيىشقا باشلىدى. بىز يىل يەكۈنى بويىچە ‹قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىق دەۋرىدە تەرەققىي قىلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى› ۋە ‹قازاقىستاننىڭ مۇستەقىل دەۋرىدىكى ئۇيغۇر پويېزىيەسىنىڭ تەرەققىياتى› دېگەن مونوگرافىيەلەر چىقارغان. شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىدىمۇ نۇرغۇن كىتابلارنىڭ چىققىنىنى بىلىمىز.»

ۇ دېكابىر كۆتۈرۈلۈشىنىڭ كوممۇنىستىك تۈزۈمنى قاتتىق بىر سىلكىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ساداسىنىڭ كاۋكاز جۇمھۇرىيەتلىرىگە، بېرلىن تېمىغا، ھەتتا 1989-يىلقى تيەنئەنمىن ۋەقەسىگىمۇ يەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. دېكابىر كۆتۈرۈلۈشى، ئا. ھەمرايېفنىڭ قارىشىچە، دۇنياۋى كوممۇنىستىك تۈزۈمنىڭ پارچىلىنىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر پۈتۈنلەي دۇنياۋى سوتسىيالىستىك لاگېرنىڭ گۇمران بولۇشىغا ئېلىپ كەلگەن.

ئا. ھەمرايېف 1985-يىلى 12-دېكابىر ئۈرۈمچى ياشلار نامايىشى ھەم بىر يىلدىن كېيىنلا ئالماتا شەھىرىدە ئورۇن ئالغان ياشلار نامايىشى ئوتتۇرىسىدا زىچ ئالاقىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىككىسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ چوڭ ھېسابلانغان سوۋېت ۋە خىتاي كوممۇنىستىك دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ھەر ئىككى ھەرىكەتنىڭ بېشىدا ياشلار تۇرىدۇ. بۇلار دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىنى خالىغان ياشلار. ئالەمشۇمۇل ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتسا، تارىخىي ۋەتىنىمىزدە ھەممىسى شۇ پېتى بىلەن، بېسىقلىق تۇرسا ياشلار ئۇنىڭغا چىدامدۇ؟ بۇ ۋەتىنىمىزدە سۆزسىز بولىدىغان ۋەقە ئىدى»

ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 12-دېكابىر ياشلار ھەرىكىتىگە مۇشۇ كۈنگىچە ئوبيېكتىف باھا بېرەلمىگەنلىكىنى، دېموكراتىيەلىك قەدرىيەتلەر ئورۇن ئالغان ھەر قانداق بىر دۆلەتتە مۇنداق ۋەقەلەرگە ئاللىقاچان باھا بېرىلىپ بولۇش لازىملىقىنى، دېمەك خىتاي ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئا. ھەمرايېف سۆزىنى يەنە مۇنداق دەپ داۋام قىلدى: «مەن ئويلايمەنكى، كوممۇنىستلارنىڭ قىلغان كۆپلىگەن جىنايەتلىرى تېخى پاش قىلىنمىدى. ئۇنىڭ زەردابىنى ئۇيغۇر خەلقى، قازاق، ئۆزبېك قېرىنداشلىرىمىز بولسۇن ھەممىمىز تارتتۇق. سوت مەھكىمىلىرىدە بۇ مەسىلە رەسمىي قارىلىپ، بۇنىڭغا جاۋاب بېرىدىغان ۋاقىتلار سۆزسىز كېلىدۇ، دەپ ئىشىنىمەن. چۈنكى، جىنايەت ناھايىتى كۆپ بولدى. خەلقىمىزنى سەرسان قىلىۋەتكەن، چېچىۋەتكەن مۇشۇ كوممۇنىستلار، دەپ چۈشىنىمەن.»

ئا. ھەمرايېف مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن بارلىق قېرىنداش قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز، تۈركمەن خەلقلىرىنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ، تىلىنى ئاسراپ، مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مۇستەقىللىقنىڭ بارلىق ياخشىلىقلىرىدىن ھۆزۈرلىنىشقا، مەغرۇرلىنىشقا تولۇق ھوقۇقى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوفنىڭ پىكرىچە، 1986-يىلقى ئالماتادىكى ياشلار نامايىشى ۋە 2009-يىلقى ئۈرۈمچىدىكى ياشلار نامايىشى بىر مەقسەتنى كۆزلىگەن. ھەر ئىككى مەملىكەت ياشلىرى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتتىن ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى تىنچ نامايىش ئارقىلىق تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار قاتتىق بېسىمغا، قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان. قازاق ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى شۇ ۋاقىتتىكى كوممۇنىستىك تۈزۈمنىڭ بارلىق ماھىيىتىنى پۈتۈنلەي ئاشكارىلاپ، دۇنياغا مەلۇم قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت