قازاقىستاندىكى «doppalife.com» ياشلار تورى تەربىيە ئىشلىرىغا چوڭ ئەھمىيەت بەرمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016-12-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«doppalife.com» ياشلار تورى ئۆتكۈزگەن خەيرخاھلىق پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش 2016-يىلى 20-دېكابىر، ئالماتا.
«doppalife.com» ياشلار تورى ئۆتكۈزگەن خەيرخاھلىق پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش 2016-يىلى 20-دېكابىر، ئالماتا.
RFA/Oyghan

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن قازاقىستاندا ئارقا-ئارقىدىن تەشكىل قىلىنغان ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي-ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى توپلاش ۋە باشقىمۇ پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرۇش ئىشلىرىغا ئاكتىپ كىرىشكەن ئىدى. ئۇلار ھاكىمىيەت ئورۇنلىرى، بىلىم ۋە ئىلىم دەرگاھلىرى، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت مەركەزلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىش ئېلىپ باردى. شۇلارنىڭ بىرى «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىدۇر.

ئىگىلىشىمىزچە، مەرھۇم تۇرغانجان روزاخۇنوف تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەزكۇر بىرلەشمە ياشلارغا ئالىي بىلىم بېرىش، ئۇلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك روھتا تەربىيىلەش يۆنىلىشىدە كۆپلىگەن ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى.

بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى «ئىنايەت» بىرلەشمىسىنىڭ ئاكتىپ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدە ئېچىلغان «دوپپالايف.كوم»، ( doppalife.com) ياشلار تورى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئانا تىلىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى تەرغىب قىلىش، ياش تالانتلارنى يېتىلدۈرۈش، ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ ئەمگەكلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئوخشاش پائالىيەتلەرنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى.

مەزكۇر ياشلار تورىنىڭ مۇخبىرى ئادىلەم مەسىمجاننىڭ ئېيتىشىچە، «دوپپالايف.كوم» نىڭ ئاساسىي مەقسىتى تور ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇلغان قېلىپتا يەتكۈزۈشتۇر. بۇ جەھەتتە پۈتكۈل تور بويىچە ئۇنىڭ ئەزالىرىدا مۇكەممەللەشكەن ئىرادىلىك شەكىللەنگەن ئىدى. ئا. مەسىمجان ياشلار تورىنىڭ ئەنە شۇنداق مەقسەتلەرنى كۆزلىگەن ھالدا بۇ يىلى بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «12-ئاينىڭ 9-كۈنى قىرغىزىستان شەھىرى بىشكەكتە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ‹ياشلىق ئاۋازى› توپى ھەمكارلىقىدا ‹ياشلىق ئاۋازى› ئالىي مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدۇق. يەنە بىر پائالىيەت ئۇيغۇر تىياتىرىدا مەرھۇم ناخشىچى مۇرات ناسىروف خاتىرىسىگە بېغىشلانغان 6-نۆۋەتلىك مۇزىكا مۇسابىقىسى».

ئا. مەسىمجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ياشلار تورى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئالماتادا «ئىنايەت» بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە مەجرۇھ بالىلارغا خەيرخاھلىق يېڭى يىل ئارچا بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ھەم ئۇلارغا تور نامىدىن سوۋغىلىرىنى تاپشۇرغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى ياش سەنئەتكارلار ۋە باشقىلار «دوپپالايف» ياشلار تورى بىلەن بىرلىكتە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرماقتا. شۇلارنىڭ بىرى مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى فىرانسۇز ئەنئەنىۋى ناخشا مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبى ئالىمجان زۇلپىقاروف ئۆزىنىڭ تۇنجى ناخشىلار توپلىمىنى تونۇشتۇرۇش كېچىلىكىنى ئۆتكۈزۈشىدۇر.

ئا. مەسىمجان كېلەچەك پىلانلار ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «دوپپالايف كېلەچەكتە مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ ھەمدە مېدىئا لايىھىلەرنى تېخىمۇ قىزىقارلىق قىلىپ ئىشلەپ، تور بېتىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى قويىدۇ».

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالماتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ تۇرغۇنى ئائىدەم ئەيساروۋا «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە «دوپپالايف.كوم» يەنى «doppalife.com» ياشلار تورىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئىنايەت بىرلەشمىسىنىڭ ياش ئەۋلاد ئۈچۈن قىلىۋاتقان پائالىيىتى نۇرغۇن. چېلەك تەۋەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ياسىغان مەرھۇم تۇرغانجان ئاكا روزاخۇنوف مۇزىكا، تەن-ھەرىكەت ساھەسىدە دائىم ياشلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئىشىنى بېسىپ كېلىۋاتقان سۈلفى مەشرەپوفنىڭ ئىسمىنى ئالاھىدە ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىنىمىز ياشلارنىڭ بېشىنى قوشۇپ، ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇچرىشىشلىرى، مۇسابىقىلىرى ياشلارنى مىللىيلىكنى سۆيۈشكە دەۋەت قىلىپ، قازاقىستان ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە تەربىيىلەۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئىلغار، بىلىمچان ۋە روھى ئۈستۈن ئەۋلادلىرىمىز كۆپىيىۋەرسۇن. بىز ئۇلارنى پەقەتلا قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمىز».

مەتبۇئات سەھىپىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ت. روزاخۇنوف رەھبەرلىكىدىكى «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر ناھىيىلىرىدە مائارىپ، ئىلىم، ئەدەبىيات، سەنئەت، تەن-ھەرىكەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇ بولۇپمۇ مەجرۇھ بالىلارنى جەلپ قىلغان ھالدا رەسساملىق، مۇزىكا مۇسابىقىلىرىنىمۇ پات-پاتلا ئۆتكۈزۈپ تۇرغان. ت. روزاخۇنوفنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن يىلى رۇسىيەدىكى پور-باجىن ئۇيغۇر سېپىلىغا ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت