قازاقىستاندىكى «شەپقەت-شوۋ» تىياتىرى ئون يىللىقىنى خاتىرىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015-12-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«شەپقەت-شوۋ» تىياتىرىنىڭ كونسېرتىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 16-دېكابىر، ئالماتا.
«شەپقەت-شوۋ» تىياتىرىنىڭ كونسېرتىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 16-دېكابىر، ئالماتا.
RFA/Oyghan

قازاقىستاندا مىللىي سەنئەتنى تەرغىب قىلىش يولىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ بىرى «شەپقەت-شوۋ» تىياتىرىنىڭ قۇرۇلغىنىغا بۇ يىلى ئون يىل تولدى. 16-دېكابىردا ئالماتا شەھىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار سارىيىدا تىياتىرنىڭ بايراملىق كونسېرت پروگراممىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر كۈلكە ماھىرلىرى، «نۇر»، «ئىرادە»، «تۈرك-ئاز» ئۇسسۇل گۇرۇپپىلىرى، ئارتۇر ئىلاخۇنوف، ئېلمۇرات خەيرۇللايېف، مارات ساۋۇتوف قاتارلىق تونۇلغان ياش ناخشىچىلار، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن «ئاسىنا» گۇرۇپپىسى، ناخشىچى نەبىجان ئادىل، رۇسىيەنىڭ «كرىۋويې زېركالو» (قىيسىق ئەينەك) ساتىرا تىياتىرىنىڭ ئارتىسى ئابىدژون ئاسوموفلار قاتناشقان ئىدى.

«شەپقەت-شوۋ» تىياتىرىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىز ئۇنىڭ مۇدىرى، ساتىرىك يازغۇچى شاۋكەت نەزەروف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

-شاۋكەت، تىياتىرنىڭ ئىشلەۋاتقىنىغا مانا ئون يىل بوپتۇ. مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە سىلەر قانداق ئۇتۇقلارغا ئېرىشتىڭلار؟
-بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، تىياتىر قانداق مەقسەت بىلەن قۇرۇلدى؟  شۇ ھەقتە بىر ئاز توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تىياتىرنى قۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەتلىرىمىزنىڭ بىرى مىللىي ئەدەبىياتىمىز ۋە سەنىتىمىزدە ھەجۋىي ژانىرىنى تەرەققىي ئەتكۈزۈش. يەنى بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيادا ھەر قانداق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەجۋىي ژانىرسىز كۈن كۆرەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا بىزنىڭ بىرىنچى مەقسىتىمىز ھەجۋىي ژانىرنىڭ يېڭى تارمىقى بولغان سەھنە ئۈچۈن يېزىلغان ھەجۋىي ژانىرنى تەرەققىي ئەتكۈزۈش بولدى. مۇشۇ ئاخىرقى يىللاردىلا 230دىن ئوشۇق سەھنە ھەجۋىيىسىنى يېزىپتىمەن. بۇ پەقەت «شەپقەت-شوۋ» تىياتىرىلا ئەمەس، شۇنداقلا قازاق، ئۆزبېك سەھنىلىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىمۇ قويۇلدى. بۇ يەردىكى يەنە بىر ئۇتۇقىمىز پارودىيا ژانىرى دەيمىز، يەنى چولپانلارنى، سىياسەتچىلەرنى ۋە باشقىلارنى دوراش. بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتىدە ئومۇمەن يېڭى ژانىر دېسەك بولىدۇ. مۇشۇ ساھەدىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارغا يەتتۇق. تىياتىرنىڭ ئىككىنچى مەقسىتى، ھازىر تالانتلار خەلق ئىچىدە، ئاھالىنىڭ نامرات ياشاۋاتقان قىسمىنىڭ شۇنداق تالانتلىق بالىلىرى باركى، ئۇلارنىڭ چوڭ سەھنىگە چىقىش ئىمكانىيىتى يوق. بىز شۇنداق تالانتلارنى ئىزدەپ تېپىپ، مەيدانلارغا ئېلىپ چىقتۇق.

-مۇشۇ ئون يىلدىن بۇيان سىزنى بېئارام قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر بارمۇ؟ ئۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قانداق ئاماللارنى قىلىۋاتىسىز؟
-بىز تىياتىر قۇرغاندىن كېيىن ئۆزىمىز ئويلىمىغان يەردىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدۇق. خەلق ئارىسىدىن چىققان تالانتلارنى كۆتۈرۈشتىن، خەلققە تونۇشتۇرۇشتىن ۋاز كېچىش بىزنىڭ ۋەدىمىزگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەبلەغنىڭ بىر قىسمىنى شۇلارغا خىراجەت قىلدۇق. شۇنداقلا بىز مەجرۇھ بالىلىرىمىزغا ناھايىتى كۆپ ياردەملەرنى كۆرسەتتۇق، خەلققە تونۇتتۇق. ئۇلارغا روھىي تەسەللى بېرىپ، داۋالىنىشىغا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشتۇق. بىز ئون يىلدا تاماشىبىنلىرىمىزنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشىگە ئىگە بولدۇق، ئۇلارنىڭ سانى كۆپەيدى. لېكىن بىزدە بىلەت سېتىش مەسىلىسى بار. مەسىلەن، ھازىرقى كۈندە قازاقىستاندىكى شائىر، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ كىتابلىرى 200-300 نۇسخا بىلەن ئاران چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۆزىنىڭ سېتىلىشى مۈشكۈل. مۇشۇ جەھەتتە بىز ناھايىتى بىر روھىي چۈشكۈنلۈكتە.

-تىياتىر ئارتىسلىرىنىڭ ماھارىتى مۇشۇ ئون يىل ئىچىدە قانچىلىك دەرىجىدە ئۆستى؟
-ئارتىسلىرىمىزنىڭ ماھارىتى، ئەلۋەتتە، ئون يىلدا ئۆستى دەپ ئېيتالايمىز. چۈنكى ئارتىسلىرىمىز سەھنىگە چىققاندا ئۇلارنى خەلقنىڭ گۈلدۈرلىگەن چاۋاكلار بىلەن قارشى ئېلىشى ئۇلارنىڭ كەسپىي ماھارىتىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا كېرەك. ئۇنىڭدىن تاشقىرى ئارتىسلىرىمىز ئۇ يەر-بۇ يەرگە بارسىمۇ ئۇلاردىن خاتىرىگە بىر نەرسە ئېلىش، ئىمزاسىنى ئېلىش قاتارلىق ئىشلارنى كۆرگەندە بىز، ئەلۋەتتە، خۇشال بولىمىز.

-شاۋكەت، ئەمدى تىياتىرنىڭ قازاقىستاندىكى ۋە چەتئەللەردىكى سەنئەت ئۆمەكلىرى، سەنئەتكارلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ھەققىدە نېمە دەيسىز؟
-بايا دەپ كەتتىم، رۇس، قازاق تىياتىرلىرىمۇ بىز بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. بىز باشقىلاردىن ھېچقاچان سەھنە ئۈچۈن بىرەر ئەسەر ئالمايمىز. ئەكسىچە، قازاق، رۇس قېرىنداشلىرىمىز بىزدىن ئىلتىماس قىلىدۇ. بىز، ئەلۋەتتە، ھەمكارلىشىشقا تەييار. بۇ تىياتىرنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ، سەنئىتىنىڭ ئۇتۇقى دەپ ئويلايمەن. يەنە بىر چوڭ ئۇتۇقىمىز رۇسىيە موسكۋادا «كرىۋويې زېركالو» (قىيسىق ئەينەك) دېگەن ساتىرا-يۇمۇر تىياتىرى بار. بۇ تىياتىرنى پۈتكۈل دۇنيا بويىچە رۇس تىللىق ھەجىۋىي-يۇمۇر تىياتىرلىرى ئىچىدە كارۋان بېشى دەپ ئېيتساق خاتالاشمايمىز. بۇلار بىلەن ئىجادىي ھەمكارلىشىش ئالدىدا تۇرىمىز.

-كېلەچەككە قانداق پىلانلىرىڭلار بار؟
-كېلەچەك پىلانلار جىق، ئۇنىڭسىز مۇمكىن ئەمەس. دۇنيا سەھنىسىگە چىقىش ئاساسىي مەقسەتلىرىمىزنى بىرى. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمۇ مۇستەسنا ئەمەس. ئۇ تەرەپلەردىمۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى خۇشاللىققا بۆلىسەك دەپ ئويلايمىز. پۇرسىتى كەلسە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە، تۈركىيەگە، ئامېرىكىغا. تىياتىرىمىزنىڭ سەنئىتى بىلەن تونۇشىمىز، مىللىي سەنئىتىمىزگە ياردىمىمىزنى قىلىمىز دېگەن قېرىنداشلىرىمىز بولسا، بىز سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلاردىن چىقىشقا ھەر قاچان تەييار.
‏-سۆھبىتىڭىزگە رەھمەت!

بىر نەچچە يىل داۋامىدا «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى، شۇنداقلا ئىلگىرىكى «ئالىتاغ» تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلار پروگراممىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ش. نەزەروف كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ 2005-يىلى «شەپقەت شوۋ» تىياتىرىنى تەشكىللىدى. مەزكۇر تىياتىر ئىشىنى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە ھەر خىل ئىشلاردا تىرىكچىلىك قىلىپ يۈرگەن، ئامما سەنئەتكە قىزىقىدىغان ئۇيغۇر قىز، يىگىتلىرىنى تەكلىپ قىلدى. ش. نەزەروفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرمۇ كەسپىي ئارتىس بولمىغان. ھازىر بۇ تىياتىردا ئون ئادەم ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەخىتجان ساۋۇرجانوف، گۈلزارەم مەمىيېۋا، شادىيەم زەينىدىنوۋا، رېنات تېيىپوف قاتارلىق ئارتىسلار بار.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئاتامۇرا» نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر رېداكسىيىسى باشلىقى مالىك مەھەمىدىنوف مەزكۇر تىياتىر ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا خەلقنىڭ سۆيۈملۈك تىياتىرىغا ئايلانغان ‹شەپقەت-شوۋ› تىياتىرى كونسېرتلىرىدا ش. نەزەروف قەلىمىگە مەنسۇپ ھەجۋىي ئەسەرلەر ئورۇن ئالغان. تىياتىر كوللېكتىپى يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ 20-كونسېرتىنى تاماشىبىن ھۇزۇرىغا سۇندى. تالانتلىق يازغۇچى ش. نەزەروف تىياتىرىنىڭ ئەسەرلەر تىزىمىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان ھەجۋىي ئەسەرلەر ئاساسەن تۇرمۇشىمىزدا ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان سەلبىي ئىللەتلەرنى قاتتىق تەنقىد ئاستىغا ئېلىپ، تاماشىبىننى كۈلكىگە غەرق قىلىدۇ. بۇ تىياتىر ئىستېدات ئېگىلىرىنى تەربىيىلەشتىمۇ مۇھىم رول ئوينىماقتا. جاي-جايلاردىكى چوڭ سەھنىگە چىقالمايۋاتقان ياش تالانتلار ش. نەزەروف تىياتىرىدا داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە ش. نەزەروف تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى بىر تۈركۈم داڭلىق ئارتىسلىرىمىزنى قازاقىستان دىيارىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ھۆنىرىنى نامايىش قىلدۇرۇپ، تاماشىبىن قەلب بوستانلىقىنى بېيىتىپ كېلىۋاتقان كىشى. بىز يازغۇچى، رېژىسسور ۋە ژۇرنالىست ش. نەزەروفنىڭ پائالىيىتىگە ئۇتۇقلارنى تىلەپ، ئۇنىڭ قەلىمىدىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ھەر خىل ئىللەت ۋە باشقا سەلبىي كۆرۈنۈشلەرنى پاش قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ھەجۋىي ئەسەرلەرنىڭ تىياتىر سەھنىسىدە قويۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت