خوتەندىن تېپىلغان «قەلىمىي قۇرئان كەرىم» ۋە ئۇنىڭدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئائىت ئۇچۇر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2013-12-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قەلىمىي قۇرئان بۇلاق ژۇرنىلى.
قەلىمىي قۇرئان بۇلاق ژۇرنىلى.
RFA/Qutluq

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى بۈيۈك پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇر، شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىگاھى قەشقەر شەھىرىدىكى ئەسكىھىسار قەدىمكى شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان پايناپ يېزا تەۋەسىدىكى ئالتۇنلۇقتا ئىكەنلىكى تارىختىن بۇيان ھەممىگە ئايان.

بۇ قىل سىغمايدىغان ئەمەلىي پاكىت. ئەمما يېقىنقى يىللاردىكى بەزى كىشىلەر: «بۇ قەبرىگاھ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەمەس، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھنىڭ ئىدى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ بالاساغۇنلۇق بولغاندىن كېيىن، قەبرىگاھىمۇ قىرغىزىستاننىڭ بالاساغۇندا بولۇشى كېرەك» دېگەن دەۋالاردا بولۇپ، جامائەتچىلىك ئارىسىدا بەزى مۈجمەل قاراشلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ كىشىلەر يۇقىرىدىكىدەك ئاساسسىز دەۋالاردا بولۇشقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىگاھىنىڭ ئورنى توغرىسىدا ھېچقانداق بىر پاكىتلىق ئاساسنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى.

ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلغان ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرىدىن قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش مۇھاپىزەت قىلىش ئىدارىسىدىكى ئابدۇرەھىم سابىت مەزكۇر ئىدارىدىكى قولغا چۈشۈرۈلگەن بەزى پاكىتلىق ھۆججەتلەر ئارقىلىق يۈسۈپ ھاجىپنىڭ قەبرىگاھىنىڭ ئورنىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان ئىدى.

قەدىمىي ئەسەرلەر تەتقىقاتچىسى ئابدۇرەھىم سابىت بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇلاق ژۇرنىلىنىڭ 1992-يىلى 3-سانىدا ئېلان قىلغان «يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھى توغرىسىدىكى تارىخىي ھۆججەتلەر» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق بايان قىلغان:«ھازىر قولىمىزدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھىجرىيە 410-يىلى (مىلادىيە 1019-1020-يىللىرى) بالاساغۇندا تۇغۇلۇپ، ھىجرىيە 478-يىلى (مىلادىيە 1085-1086-يىللىرى) قەشقەردە ۋاپات بولغانلىقى، جەسىتىنىڭ دەسلەپ قەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىن شەرقىي جەنۇبىغا كېسىپ ئۆتىدىغان تۈمەن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى دۆلەتباغ يېزىسىغا قاراشلىق «بارىگاھ» دېگەن جايغا دەپن قىلىنغانلىقى، ھىجرىيە 514-يىلى (مىلادىيە 1120-1121-يىللىرى) ئۇ جايدىن ھازىرقى ئالتۇنلۇققا يۆتكەپ دەپن قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خېلى كۆپ پاكىتلار ساقلانماقتا. بۇ پاكىتلارنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش،سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈردى. ھازىرچە بۇ پاكىتلاردىن 19-ئەسىرگە تەئەللۇق بولغان قەلىمى قۇرئاندىكى ھۆججەت ئەڭ ئىسپاتلىق ھۆججەتلەردىن بىرىدۇر.

ئاپتور ماقالىسىدە خوتەندىن تېپىلغان قەلىمى قۇرئان كەرىم ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: قەلىمى قۇرئان خوتەندىن تېپىلغان قۇرئان بولۇپ،خوتەنلىك بىرى بۇ قۇرئان كەرىمىنى مەرھۇم مەرىپەتپەرۋەر شائىر قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ قەشقەردىكى ئوغلى جامائەت ئەربابى،تارىخچى، ئۆلىما مەرھۇم ئېمىر ھەسەن قازى ھاجىمغا ھەدىيە قىلغان. بۇ قۇرئان قولدا قومۇش قەلەمدە خوتەننىڭ يىپەك قەغىزىگە خۇش خەت قىلىپ يېزىلغانلىقتىن شۇڭا «قەلىمى قۇرئان» دەپ ئاتالغان. ئېمىر ھەسەن قازى ھاجىم مەزكۇر قۇرئاننى 1984-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى مۇھاپىزەت قىلىش، باشقۇرۇش ئورنىغا تەقدىم قىلغان. قۇرئان 726 بەت بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 34 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 22 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 6 سانتىمېتىر، ھەر بېتىدە 13 قۇردىن خەت بار. قۇرئاننىڭ تاش مۇقاۋىسى بىلەن باشتىكى ئىككى بېتى يوقالغان. قۇرئاننى ساقلىغۇچى تاش مۇقاۋىسىنى ھازىرقى زامان رەختىنى ئىشلىتىپ قاتتىق قەغەز بىلەن مۇقاۋىلاپ قويغاندىن باشقا، ئىچ بېتىگە «قۇرئاننى بىتەرەت قولغا ئالساق گۇناھكار بولىمىز» دېگەن خەتنى ۋە يوقالغان ئىككى بەت ئورنىغا سۈرە فاتىھە بىلەن سۈرە ئەلىف، لام، مىم نى خۇش خەت قىلىپ يېزىپ، تولۇقلاپ قويغان. قۇرئاننىڭ ئاخىرىدا يەنە ئەسلى كۆچۈرگۈچى كاتىپ تەرىپىدىن يېزىپ قويۇلغان ئەللاھۇممە ئەنفەئىنا دېگەن دۇئا بار.

ئاپتور قەلىمى قۇرئاندا دېيىلگەن بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن قەشقەر تارىخىغا ئائىت بەزى ئۇچۇرلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: «بۇ قۇرئاننى قەشقەر شەھىرىنىڭ تاشقى سېپىلىنى سوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان مىلادى 1835-يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ، ئەڭ كەم دېگەندە 155 يىللىق تارىخقا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ. بۇ قۇرئان ئەسلىدە 1830-يىلىدىن 1848-يىلىغىچە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەشقەرگە ھېكىمبەگلىككە ئەۋەتىلگەن زوھۇرىددىن ھېكىمنىڭ دىۋانىدىكى كىتاب بولۇپ، بۇ كىتابنى زوھۇرىددىن ھېكىمبەگ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىغا چىقىپ، ئون بىر كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ، ئىستىخارە قىلىپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ تاشقىرىدىكى شەھەر سېپىلىنى سوقسا خەيرلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇشخەۋەر بېشارىتىنى ئېلىپ كەلگەن شۇ زاماننىڭ مەشھۇر مۆتىۋەر ئۆلىمالىرىدىن نېئىمەتۇللا كاشغەرىغە تەقدىم قىلغان. نېئىمەتۇللا كاشغەرى 19-ئەسىردە قەشقەردە ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇ، 1846-يىلى ۋاپات بولغان. ئاپئاق خوجا مازىرىغا بارىدىغان كونا يولدىكى جاي نېئىمەتۇللا كاشغەرىنىڭ نامى بىلەن «نېمىتىم» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ جايدىن 50 قەدەم يۇقىرىدا بۇ كىشىنىڭ رەڭلىك كاھىشلىق چوڭ گۈمبەز ئىچىگە ئېلىنغان قەبرىسى بار ئىدى.بۇ قەبرە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا چېقىۋېتىلگەن.»

ئاپتور قەلىمىي قۇرئاندا دېيىلگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازارىغا ئىت ئۇچۇرلارنى مۇنداق بايان قىلغان؛ زوھۇرىددىن ھېكىمبەگ نېئىمەتۇللا كاشغەرىنى بۇ ئىشقا ئۆزى بۇيرۇغان. بۇ ھەدىيەدىن ئىنتايىن سۆيۈنۈپ كەتكەن نېئىمەتۇللا كاشغەرى بۇ ئىشنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە قۇرئاننىڭ 723-بېتىنىڭ ھاشيەسىگە (چەت چۆرىسىدىكى بىكار جاي) تۆۋەندىكىلەرنى يېزىپ قويغان: «بۇ سۈرەتى ۋاقىمە تەھرىر ئولدىكىم، ھەزرەتى ۋاڭ زوھۇرىددىن ھاكىم ئالىيلىرى فەقىر دەرۋىش كەمتەرنى كاشغەر قەلئەسىنىڭ تەئىمراتى ئۈچۈن نەھس-سەئىدلىككە بىر ئىستىخارە رۇئىياغە تەكلىپ قىلغانلىقىدىن، مەن ھەزرەتى پادىشاھ ساھىب قەلەم يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ مازار قەبرى مۇتەبەررۈكلەرىگە چىقىپ، ئون بىر كۈن ئېتىكاب ئىستىخارە قىلدىم. كاشغەر قەلئەسىنىڭ تەئىمىراتىنىڭ سەئىد نەھسلىكىگە ئىستىخارە رۇئىيا بېشارەت بولدى ۋە قەلئەنىڭ تەمىراتىنىڭ ياخشى ئاقىبەتىگە رۇخسەت بولدى. بۇ رۇئىيانى ھەزرەتى ھاكىم ئالىيلارىغە بايان قىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەزرەتى ھاكىم دىۋانى شاھانەدىن بۇ كەلام شەرىفنى فەقىرغە ھەدىيە، ئىنام قىلدى. رەھمەت، فەقىر ساھىب دۇئا نېئىمەتۇللا كاشغەرى مۇھۇرۇمنى باستىم. 1253-ھىجىرى.» تامغا (مۆھۈر) ھىجرىيە 1238-يىلى (مىلادىيە 1822-1823-يىللىرى) ئويۇلغان. تامغىدىكى خەت «نېئىمەتۇللا بىن سەدرىددىن» دۇر.

ئاپتور يۇقىرىقى ھۆججەتكە ئاساسەن ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى خۇلاسىسىنى مۇنداق بايان قىلغان:«مانا بۇ ھۆججەت يالغۇز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مازىرىنىڭ ئورنىنى، ۋاپات بولغان ۋاقتىنى ئىسپاتلايدىغان قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا ئۇ، كىشىلەرنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىغا بولغان ئېتىقادىنى ۋە 19-ئەسىردە ئۆتكەن زوھۇرىددىن ھېكىمبەگ،نېئىمەتۇللا كاشغەرىدەك بەزى تارىخىي شەخسلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنىمۇ يورۇتۇشتا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغان مۇھىم ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. مانا يۇقىرىدا تېپىلغان قەلىمى قۇرئاندىكى ھۆججەت يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىگاھىنىڭ قەشقەردىكى ئورنىنىڭ توغرىلىقىنىڭ ھەقىقەتلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.»

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى، تەتقىقاتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئىلگىرى خوتەندە يېزىلغان قەلىمى قۇرئان كەرىملەر ھەققىدە توختالدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت