تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن 16 يىللىق جۇدالىق ئاخىرلاشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013-09-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىچىك مۇجاھىت، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن قەشقەردىكى ئاكىسى بىلەن ئاچىسىنى ئېكىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئۇلارنى قەشقەردىن تۈركىيەگە ئەكەلدۈردى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ يىل چاناققەلە ئۇرۇشىنىڭ 98 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا «چاناققەلە شېھىتلىرىگە» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ داڭ چىقارغان 5 ياشلىق مۇجاھىت قەشقەرلى، سەھنىدىن چۈشۈشتىن بۇرۇن تۈركىيە باش مىنىستىرىغا بىر پارچە خەت بەرگەن ئىدى. بۇ كۆرۈنۈش تېلېۋىزىيىلەر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلغان ئىدى. بۇ خەتنىڭ ئىچىدىن تراگېدىيىلىك بىر ھېكايە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ خەتتە مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى 1997-يىلى خىتاينىڭ بېسىمىدىن تۈپەيلى چەتئەلگە قېچىپ چىقىدىغان ۋاقتىدا ئۈچ ياشتا تاشلاپ كەتكەن ئوغلى بىلەن بىر ئايلىق تاشلاپ كەتكەن قىزىنى قەشقەردىن تۈركىيەگە ئەكېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. خەتنى ئالغان باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كىچىك مۇجاھىتتىن نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى سورىغان ئىدى. كىچىك مۇجاھىت «ئەنقەرەدە» دەپ جاۋاب بەرگىنىدە، ئەردوغان «ئەنقەرەدە كۆرۈشەيلى» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇجاھىتنىڭ دادىسى مىركامىل قەشقەرلى ئائىلىسىنى پارلامېنتتىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ دەردىنى ئاڭلىغان. مۇجاھىتنىڭ ئانىسى يىغلاپ تۇرۇپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى 16 يىلدىن بېرى ئىككى بالىمىزنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە رۇخسەت قىلمايۋاتىدۇ، ياردەم قىلىڭ» دېگەن ۋاقتىدا، باش مىنىستىر ئەردوغان بىر قولى بىلەن ئازىزە خانىمنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقى بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 16 يىللىق جۇدالىق ئاخىرلاشتى، كىچىك مۇجاھىتنىڭ ئاكىسى سەلاھىتتىن بىلەن ئاچىسى شەرافەتتىن 11-سېنتەبىر كۈنى تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى. مىركامىل ئائىلىسى شاد-خۇراملىققا چۆمدى.

بىز مىركامىل ئائىلىسىگە يوقلاپ بارغىنىمىزدا، كىچىك مۇجاھىت خۇشاللىق ئىچىدە بىزگە: «ئاكام بىلەن ئاچامنى سىلەرگە تونۇشتۇرايمۇ؟ ئەمما ئۇلار تۈركچە بىلمەيدۇ» دەپ خۇشاللىقىدىن قىنىغا پاتماي قالغان ئىدى. مىركامىل قەشقەرلى بولسا: «16 يىلدىن بېرى ئىككى بالامنىڭ ھەسرىتىدىن قانداق ئېغىر دەرد تارتقانلىقىمنى بىر ئۆزۈم بىر ئاللاھ بىلىدۇ، بۇ دەردنى تارتىپ باقمىغان ئادەم بىلمەيدۇ. ھازىر ئۆزۈمنى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، كۆزۈمگە ئىشەنمەيۋاتىمەن» دەپ بەش بالىسى بىلەن بىللە بەكلا خۇشال ئىدى.

بىز بۇ 16 يىللىق جۇدالىقنىڭ قانداق ئاخىرلاشقانلىقى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت