قىرغىزىستاننى پەخىرلەندۈرگەن ئۇيغۇر قىلىچۋازلىق چېمپىيونى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2018-10-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر يىگىتى ھەسەن باۋۇدۇنوف مۇسابىقە مەيدانىدا. 2018-يىلى 21-ئۆكتەبىر، ئارگېنتىنا.
قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر يىگىتى ھەسەن باۋۇدۇنوف مۇسابىقە مەيدانىدا. 2018-يىلى 21-ئۆكتەبىر، ئارگېنتىنا.
RFA/Féruze

ئارگېنتىنا پايتەختى بۇېنوس-ئايرېس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تەنھەرىكەتنىڭ قىلىچۋازلىق تۈرى بويىچە، قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر يىگىتى ھەسەن باۋۇدۇنوف ئىككى مېدالغا ئېرىشتى. ئۇ، كوماندىلار بويىچە مۇسابىقىدە كۈمۈش مېدالىغا، ئايرىم دۇئېل مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشتى.

ھەسەن باۋۇدۇنوف 21-ئۆكتەبىر كۈنى قىرغىزىستاننىڭ ماناس ئايرودرومىدا تەنتەنىلىك كۈتۈۋېلىندى. قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قىرغىزىستان قىلىچۋازلار فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەزالىرى، قىرغىزىستان تەنتەربىيە مىنىستىرلىكىنىڭ خادىملىرى، قىرغىزىستان ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى شۇنداقلا مۇخبىرلار ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار قاتناشتى.

ھەسەن بۇۋۇدۇنوف 2001-يىلى، بىشكەك شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئون بىرىنچى سىنىپىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇ قىلىچۋازلىققا 2014-يىلدىن بۇيان قاتناشماقتا.

ھەسەن باۋۇدۇنوف 2016-يىلى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۆسمۈرلەر ئارا قىلىچۋازلىق مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن بولسا، 2017-يىلى تايلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئىگە بولغان ئىدى. 2018-يىلى ياش قىلىچۋاز ئۈچۈن غەلىبىلىك يىل بولدى؛ ھەسەن باۋۇدۇنوف دۇبەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بويىچە مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالغا ئىگە بولۇپ، ئاندىن ئىتالىيەنىڭ ۋېرونا شەھىرىدىكى دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ بىرىنچىلىككە ئېرىشتى ھەم دۇنيا ياشلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن رۇخسەتنامىگە ئىگە بولدى.

مانا بۇ قېتىم ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار مۇسابىقىسىدە بولسا ئىككى مېدالغا ئېرىشتى.

رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياش قىلىچۋازنىڭ ئانىسى مۇنەۋۋەر ئەلىيېۋا، ھەسەننىڭ بىر نەچچە تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىن قىلىچۋازلىقنى تاللىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھەسەن بۇرۇن بوكسقا قاتناشقان، چامباشچىلىققىمۇ قاتنىشىپ باققان، باشقا ئىسپورتلارغىمۇ قاتنىشىپ باققان، ئامما ئۇ ئىسپورت تۈرلىرى ھەسەنگە ئانچە ياقمىغان، لېكىن ھەسەنگە بۇ قىلىچۋازلىق بەك يېقىپ قېلىپتۇ، مەنمۇ بوپتۇ، بېرىۋەر دېدىم. قىلىچۋازلىققا قاتنىشىۋاتقانلىقىغا تۆت يىل بولدى. ئۇ 2014 يىلدا، يازدا باشلىغان ئىدى.»

قىرغىزىستاننىڭ «ئاكىپرېس» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ ئىسپورت تارىخىدا ھېچ بىر تەنھەرىكەتچى مۇنداق دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە قىلىچۋازلىق بويىچە ئىككى مېدالغا ئېرىشمىگەن ئىكەن. مۇنەۋۋەر خانىم يەنە ھەسەننىڭ تالانتىنى ترېنېرلانىڭ يۇقىرى باھالىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەسەننىڭ ترېنېرلىرى ماڭا تېلېفونلار قىلدى. بالىڭىزنىڭ تالانتى بار ئىكەن دەپ. قىرغىزىستاندا قىلىچۋازلىقنى ھېچ كىم ھەسەندەك قىلالمايدىكەن، ھەسەن ئۆزى بۇ يەردە بىرىنچى بولۇپ، ھەر ۋاقتىدا ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. قىرغىزىستاندا ئۇنىڭغا ئوخشاش ياكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولغۇدەك ھېچ كىم يوق. قىرغىزىستانلىقلار ئىلگىرى قىلىچۋازلىقتىن شۇنداق يۇقىرى دەرىجىدىكى مېداللارغا ھېچقاچان ئېرىشىپ باقمىغان ئىكەن. ھەسەن بىرىنچى ئىكەن».

بىز بۇ ياش ئىسپورتچىنىڭ تالانتى ۋە مىجەزى توغرىسىدا ھەسەننىڭ ترېنېرى «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ماھىرى» ئولېگ نىشۇك ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلدۇق. ئۇ ھەسەن بىلەن تونۇشۇپ، تەقدىر ئۇلارنى بىرلەشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
«مەن ھەسەن توغرىسىدا نېمىلەرنى دېيەلەيمەن؟ مېنىڭ ئۈچۈن ھەسەن ئەڭ مۇكەممەل ئىدېئال شاگىرتلىرىمنىڭ بىرى. ماڭا ئاجايىپ بىر پۇرسەت بېرىلدى. تەقدىر مېنى شۇنداق ئىتائەتچان ۋە تالانتلىق بالا بىلەن بىرلەشتۈردى. بۇ بالا يېشىغا قارىماستىن ئۆز پىكىرىگە ئىگە، مەقسىتىگە مۇۋاپىق، نېمىنى خالايدىغانلىقىنى، ئۆزىگە نېمە كېرەكلىكىنى ياخشى بىلىدىغان بالا. ئۇ ئۆز ئالدىغا بىر مەقسەت قويغان بولسا، چوقۇم ئاشۇ مەقسىتىگە ئېرىشىدۇ. خۇدايىمغا شۈكۈر بىزنىڭ مەقسىتىمىز بىر ئىكەن. بىز ھەسەن بىلەن 2017-يىلى ئۆز ئالدىمىزغا مەقسەت قويغان ئىدۇق. بۇ بولسىمۇ ياشلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئۆزىمىزنىڭ ماھارىتىمىزنى كۆرسىتىپ يۇقىرى دەرىجىلەرگە ئېرىشىش ئىدى. مانا بۈگۈن ھەسەن ئارگېنتىنا پايتەختى بۇېنوس-ئايرېستىن ئىككى مېدال ئېلىپ ئەكەلدى. بۈگۈڭىچە قىرغىزىستاننىڭ ئىسپورت تارىخىدا ھېچ كىم ئولىمپىكتىن ئىككى مېدالغا ئېرىشەلمىگەن. مەن ھەسەن بىلەن ئىشلىگىنىمدىن بەك خۇرسەنمەن. ھەسەندەك شاگىرتلار ھەر بىر ترېنېرنىڭ ئارزۇسى دەپ ئېيتسام بولىدۇ. ھەسەن ھېچقاچان دەرسلەرگە كېچىكمەيدۇ. دەرسلەرنى تاشلاپ كەتمەيدۇ، چۈنكى بۇ بەك چىداملىق، تەربىيەلىك بالا، شۇنداقلا ئۇ بەك مىننەتدارلىقىنى بىلىدىغان بالا».

رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى پەرھات تۇلېندىبايېف ئەپەندى بۇ ياش ئۇيغۇر چېمپىيوندىن پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن قىرغىزىستان خەلقى پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بالىمىز ھەسەن باۋۇدونوف ياشلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىگە يەتتى، كۈمۈش ۋە مىس مېدال ئالدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ناھايىتى پەخىرلىنىمىز. بىزنىڭ باللار شۇنداق چوڭ غەلىبىلەرگە يەتكىنى بەك ياخشى. بىزنىڭ قىرغىزىستاندا ھازىر ئىسپورتقا ياخشى كۆڭۈل بۆلۈنۈۋاتىدۇ، بىزنىڭ چېمپىيونلىرىمىز ئاسىيا مۇسابىقىلىرىدە، دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇسابىقىلىرىدە يۇقىرى ئورۇنلارنى ئىگىلىمەكتە.»

مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار سانى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئارىسىدىن پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇلغان ئەربابلار، جۈملىدىن ئىسپورت ساھەسىدە دۇنيا چېمپىيونلىرى يېتىشىپ چىقتى. ئۇيغۇرلار تەنھەرىكەت ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت