5-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق رەسىم كۆرگەزمىسىگە ئۇيغۇر رەسسامنىڭ رەسىمىمۇ قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014-01-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم 5-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق رەسىم كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان رەسىمىنىڭ يېنىدا. 2014-يىلى يانۋار، ئەنقەرە.
ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم 5-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق رەسىم كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان رەسىمىنىڭ يېنىدا. 2014-يىلى يانۋار، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

ئەنقەرەدە ئېچىلغان 5-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق رەسىم كۆرگەزمىسىگە تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم سىزغان رەسىممۇ قويۇلغان. 15 دۆلەتتىن كەلگەن 91 داڭلىق رەسسامنىڭ رەسىمى قويۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئەنقەرەنىڭ چانقايا رايونىدىكى پورت ئارت رەسىم كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سىياسەتچىلەر، دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەسساملاردىن‎ قاتناشتى. مەزكۇر ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. كۆرگەزمە زالىغا ئېسىلغان رەسىملەرنىڭ ئاستىغا رەسىمنى سىزغان رەسسامنىڭ ئىسىم فامىلىسى، رەسسام ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ بايرىقىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ رەسىمىنىڭ ئاستىغا 8-ئەسىردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ بايرىقىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن. بۇ تونۇلغان رەسسام مەرۋايىت ھاپىزنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى.

5-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئۇيۇشتۇرغان پورت ئارت رەسىم كۆرگەزمە زالىنىڭ مەسئۇلى ھاقان كۆرپى ئەپەندى، بۇ كۆرگەزمىنى ئېچىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىز 5-قېتىملىق كۆرگەزمىمىزنى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز. خۇدايىم بۇيرۇسا ئالدىمىزدىكى يىللاردا 10-15-قېتىملىقىنىمۇ ئاچىمىز. بىز بۇ پائالىيىتىمىزنى رەسساملارنى قوللاش ئۈچۈن ئېچىۋاتىمىز. ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەسساملارنى بىر جايغا يىغىپ، رەسىم سىزدۇرۇپ بۇ رەسىملەرنى كۆرگەزمىگە قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى دۇنياغا تونۇتىمىز. مەرۋايىت ھاپىز خانىمنى تۈركسوي، يەنى خەلقئارا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيىتى تەشكىلاتى تەۋسىيە قىلغان ئىدى. ئۇنى ئۆتكەن يىلى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلدۇق. بىزگە ئىككى پارچە رەسىم سىزىپ بەردى، بىر پارچىسىنى بۇ كۆرگەزمىگە قويدۇق. ئالدىمىزدىكى يىللاردا يەنە تەكلىپ قىلىمىز خۇدايىم بۇيرۇسا.»

بۇ پائالىيەت 2008-يىلى باشلانغان بولۇپ، بۈگۈنگىچە 35 دۆلەتتىن 200 ئەتراپىدا رەسسامنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىپ رەسىم سىزدۇرغان. 2013-يىلى بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئىككى رەسسام خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 11-يانۋار كۈنى ئەنقەرەدە ئېچىلغان بۇ رەسىم كۆرگەزمىسى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئېكسكۇرسىيە قىلىشنى خالىغانلار چانقايا پورتاكال چىچەكى كوچىسىدىكى ئارت پورت رەسىم كۆرگەزمىسىدە ئەتىگەن سائەت 10دىن كەچ سائەت 7 گىچە ئېكسكۇرسىيە قىلسا بولىدۇ.

بىز بۇ كۆرگەزمە توغرىسىدىكى تۇيغۇلىرىنى ئورتاقلىشىش ئۈچۈن رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، رەسىملىرىنىڭ ھازىر ئىككى مۇھىم رەسىم كۆرگەزمىسىدە كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى تونۇتقانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت