رەسسام مەرۋايىت ھاپىز: كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىملىرىم يۇقىرى باھالارغا ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-05-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم ياۋروپا كەسپى ھوقۇقىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ مەدەنىيەت كۇلۇبى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «ئۆزگىچە دۇنياغا ساياھەت» تېمىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىدە. 2016-يىلى ماي، ميۇنخېن.
رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم ياۋروپا كەسپى ھوقۇقىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ مەدەنىيەت كۇلۇبى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «ئۆزگىچە دۇنياغا ساياھەت» تېمىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىدە. 2016-يىلى ماي، ميۇنخېن.
RFA/Mihriban

گېرمانىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم، 20 يىللىق رەسىم ئىجادىيىتى جەريانىدا ياۋروپادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھىرىدە ياۋروپا كەسپى ھوقۇقىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ مەدەنىيەت كۇلۇبى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن « ئۆزگىچە دۇنياغا ساياھەت» تېمىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىگە مەرۋايىت خانىمنىڭ 46 پارچە رەسىمى تاللانغان. مەلۇم بولۇشىچە بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسى 27-ئاپرېلدىن 17-ئىيۇنغىچە 6 ھەپتە داۋاملىشىدىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەرۋايىت خانىم ئۆزىنىڭ «ۋەتەن» تېمىسىغا بېغىشلانغان رەسىملىرىنىڭ كۆرگەزمىگە قويۇلغان بېلگىيەلىك ئايال رەسسام ئۇتە مىددەل خانىم ۋە باشقا بىرقانچە رەسسامنىڭ رەسىملىرى بىلەن بىرلىكتە زىيارەتچىلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكىنى ۋە بۇ خىل خەلقئارالىق رەسىم كۆرگەزمىلىرىدىكى قوللاش ۋە باھالارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىگە زور ئىلھام بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ مەرۋايىت خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت پروگراممىسىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت