ئالماتادا ياش رەسساملار كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015-04-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«دۇنيا ئارت» زامانىۋى سەنئەت گاللېرېيىسىنىڭ مۇدىرى، رەسسام ۋە يازغۇچى ھاكىمجان گۇلىيېف(ئوڭدىن ئىككىنچى) مەزكۇر كۆرگەزمە پائالىيىتىنى تەشكىللىمەكتە. 2015-يىلى 29-مارت، ئالماتا.
«دۇنيا ئارت» زامانىۋى سەنئەت گاللېرېيىسىنىڭ مۇدىرى، رەسسام ۋە يازغۇچى ھاكىمجان گۇلىيېف(ئوڭدىن ئىككىنچى) مەزكۇر كۆرگەزمە پائالىيىتىنى تەشكىللىمەكتە. 2015-يىلى 29-مارت، ئالماتا.
RFA/Oyghan

قازاقىستاندا ياش ئەۋلادلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئارا دوستلۇق، بىرلىك روھىدا تەربىيىلەش ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلمەكتە. مۇنداق مەزمۇندىكى پائالىيەتلەرگە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئەھمىيەت بەرمەكتە.

ئۇلارنىڭ جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرى ۋە ھەر خىل ساھەلەردىكى تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ، بۇ يىل ھەر تۈرلۈك ماۋزۇلاردا بىر قاتار مۇراسىملارنى ئۆتكۈزدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى، 29-مارت كۈنى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى بىناسىغا جايلاشقان «دۇنيا ئارت» زامانىۋى سەنئەت گاللېرېيىسىدا ئۆتتى. بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر رەسساملىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر كۆرگەزمىگە ئاساسى جەھەتتىن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە بىلىم ئېلىۋاتقان ياش رەسساملار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلاردىن تاشقىرى يەنە باشقا مىللەت ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

بىز بۇ ھەقتە «دۇنيا ئارت» زامانىۋى سەنئەت گاللېرېيىسىنىڭ مۇدىرى، رەسسام ۋە يازغۇچى ھاكىمجان گۇلىيېف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت